ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئەنگىلىيەلىك ئايال ئەنئەنىۋى قاش سىزىش ئۇسۇلىغا جەڭ ئېلان قىلدى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-02-12 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا ئەنگىلىيەلىك بىر گىرىم ئۇستىسى، دولقۇنسىمان شەكىلدە سىزىلغان قېشىنىڭ رەسىمىنى ئىجتىمائى ئالاقە تورىغا چىقىرىپ، كىشىلەرنىڭ غۇلغۇلىسىنى قوزغىغان ھەمدە يىڭى بىر گىرىم ئېقىمىنى شەكىللەندۈرگەن. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، بۇ خىل يىڭى قاش سىزىش ئۇسۇلى، ئىلگىرىكىدەك قاشلىق قەلىمى قاتارلىق ئەسۋابلاردىن پايدىلىنىپ قاش شەكلىنى سىزىپ چىقىشقا ئوخشىمايدىغان بولۇپ، ئۇ گىرىم ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان بىر خىل كۆرۈش خاتا سىزىمى بولۇپ، پەقەت بىر بۆلەك ۋاقىتلا ساقلىنالايدىكەن. يىلانغا ئوخشاش "ئەگرى بۈگرى" كەلگەن قېشىنى سىزىپ چىقىش ئۈچۈن، بۇ گىرىم ئۇستىسى ئالدى بىلەن، ئەيمار يىلىمىدىن پايدىلىنىپ قېشىنى بېسىپ تۈزلىگەن، كەينىدىن داغ يۇشۇرۇش مەلھىمى ئارقىلىق قېشىنى "يۇشۇرۇپ قالغان".
    ئاخىرىدا، ئۇ ئەسلى قېشىنىڭ ئۈستىدىكى ئورۇندا ئەگرى-بۈگرى كەلگەن سىزىق سىزىپ چىققان ھەمدە قاش قۇۋۋەتلەش مېيى ماسلاشتۇرۇپ ئىشلەتكەن. قېشىنى سىزىپ بولغاندىن كىيىن، ئۇ سۈرىتىنى تورغا چىقارغان ھەمدە سۈرەتكە قوشۇپ "ئەگەر بىر قىلىپقا كىرىپ قالغان تۇرمۇشتىن زىرىككەن بولسىڭىز، سىزمۇ ماڭا ئوخشاش قىلىپ سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ" دەپ سۆز قالدۇرغان. بىراق، بەزىبىر ئاتاقلىق قاش گىرىم مۇتەخەسسىسلىرى، بۇنىڭغا قارىتا ئوخشىمىغان پىكىردە بولغان. بىلانگىرنىڭ قۇرغۇچىسى تونىيا.كىروكىسنىڭ قارىشىچە، قاش—ئادەمنىڭ يۈزىنىڭ مۇھىم بىر قىسىمى بولۇپ، ئۇنى خالىغانچە ئۆزگەرتىۋىتىشكە بولمايدىكەن. گىرىم لايىھەلەش ئۇستىسى سىتىللا.سىرونىن بولسا، قاشنىڭ گىرىمدىكى ئەڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇندا تۇرىدىغان قىسىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ھەمدە مۇنداق دىگەن: "كالپۇك سەنئىتى، كۆز سەنئىتى ۋە باشقا تېخىمۇ كۆپ بولغان ئىجادى گىرىم ئۇسۇللىرى مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ئىكەن، ئۇنداقتا قاش سىزىش جەھەتتە يىڭىلىق يارىتىلسا نىمىشقا بولمايدىكەن؟"

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号