ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ياخشى كۆرۈشكە تىگىشلىك بولمىغان ئادەمنى ياخشى كۆرۈپ قالسىڭىز
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-02-04 كۆرۈلىشى : قېتىم
    مەيلى تىلىۋىزىيە تىياتىرى كۆرەيلى ياكى رومان ئوقۇيلى، ۋە ياكى ھەقىقى بولغان ۋەقەلىكنى ئاڭلايلى، بىز ھەرقاچان ئۆز-ئارا ياخشى كۆرۈشكەن ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ ئاخىرىدا بىر يەرگە جەم بولۇپ، بىر-بىرىنىڭ ۋىسالىغا يىتەلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇنداق بولغاندا، بىر- بىرىگە ۋاپاسىزلىق قىلمىغان، مۇھەببىتىگىمۇ يۈز كىلەلىگەن بولىدۇ. بىراق مۇھەببەت جەريانىدا،  نۇرغۇن توسالغۇ، نۇرغۇن ئامىللار، ھىسياتنى تەرەققى قىلدۇرۇش يولىدىكى توسالغۇغا ئايلىنىدۇ؛ ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا، قارىماققا ھېچ ئاخىرقى چېكى يوقتەك بۇ بىر بۆلەك ھىسياتنى،  مۇۋاپىق بىر نەتىجىگە ئىرىشتۈرگىلى بولىدۇ؟ ئەگەر سىز، بىرگە بولالمايدىغان بىر ئادەمنى ياخشى كۆرۈپ قالغان بولسىڭىز، تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ.
1. بوران-چاپقۇنلارغا بەرداشلىق بىرەلمەيدىغان ئادەم، ئەڭ ياخشىسى بالدۇرلا ۋاز كەچكىنى ياخشى؛ چۈنكى، مۇھەببىتى قانچە چوڭقۇر بولغانسىرى شۇنچە ئازاپلىنىدۇ.
    بەزى كىشىلەر مۇھەببەتكە ئۇنچە بەك ئىتىبار بىلەن قاراپ كەتمەيدۇ؛ يەنە بەزىلەر بولسا، مۇھەببەتنى پۈتكۈل تۇرمۇشى دەپ بىلىدۇ. ئازاپقا ئۇچراشتىن قورقىدىغان، بۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ۋاز كىچىشكە چىدىمايدىغان ئادەملەرگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇلار ئەڭ قىلىشقا تىگىشلىك ئىش، ئەمىلىيەتتە ۋاقتىدا ۋاز كىچىشتۇر؛ چۈنكى مۇھەببەت، ئاخىرىغا بارغانسىرى تېخىمۇ كۆپ ئاتلاپ ئۆتكىلى بولمايدىغان توسۇق ۋە ھاڭلارغا ئۇچرايدىغان بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ بۇ توسۇقلاردىن ھالقىپ ئۆتۈش ئۈچۈن تۆلەيدىغان بەدەللىرى تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ. بوران-چاپقۇنلارغا بەرداشلىق بىرەلمەيدىغان ئادەملەر، ئاخىرىدا كۆپىنچە مۇھەببەتنى مۇكەممەل بولمىغان نەتىجىگە ئىرىشتۈرۈپ قويىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بالدۇرراق ئايرىلىپ كىتىش، ئۇلارغا نىسبەتەن ئەڭ ياخشى بولغان قۇتقۇزۇش بولۇپ، بۇ سەۋەپتىن كىلىپ چىققان ئەپسۇسلىنىش كەيپىياتى ئەمىلىيەتتە ناھايىتى تىزلا سۇسلىشىپ يوقايدۇ.
2. ئۈمىدۋار كەلگەن ئادەم، چوقۇم ياخشى نەتىجىگە ئىرىشەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ؛ شۇڭا ئۇلار، قول قويىۋىتىپ بىر سىناپ باقسا بولىدۇ.
    21-ئەسىردە ياشاۋاتقان بىزلەر، كۆپىنچىمىز پارنىكتا ئۆسكەن گۈل، تۇرمۇشتىكى بوران-چاپقۇنلارنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ باقمىغان؛ بىز ھەمىشە، ئالدىمىزدا تېخىمۇ شانلىق ئىشلار باردەك، ئادەمنىڭ زوقىنى كەلتۈرىدىغان ئىشلار بىزنى ساقلاۋاتقاندەك ھىس قىلىمىز. ئەگەر سىز، ئاشۇ ئەمەلگە ئاشمايدىغان مۇھەببەتكە قارىتامۇ مۇشۇنداق ئۈمىدۋار روھى ھالەتنى ساقلىيالىسىڭىز، ئۇنداقتا سىزنىڭ ئالدىراپ ۋاز كىچىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. بەك بالدۇر ۋاز كەچسىڭىز، سىز بىر خىل ئەپسۇسلىنىش ھىس قىلىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن؛ ئەكسىچە قول قويىۋىتىپ بىر سىناپ باقسىڭىز، ھېچبولمىغاندا ياشلىق باھارىڭىزغا يۈز كىلەلىگەندەك ھىس قىلىسىز؛ ئەڭ ئاخىرىدا ئايرىلىپ كىتىپ داۋاملىق بىرگە بولالمىغان تەقدىردىمۇ، سىلەردە يەنە بىر بۆلەك گۈزەل ئەسلىمە قالىدۇ.
3. كۆپ ئويلايدىغان ھىسياتچان كىشىلەر، يەنىلا دىققىتىنى باشقا نوقتىغا يۆتكەپ، ئەس-ھۇشىنى يوقىتى چوڭقۇر پېتىپ قېلىشتىن ساقلانغىنى ياخشى.
     تىلىۋىزىيە تىياتىرلىرىنى كۆپ كۈرۈش، مۇھەببەت رومانلىرىنى كۆپ ئوقۇش...بۇ كۆپلىگەنلەر، ئادەمنى كۆپىنچە ئۆزىمۇ بىلىپ بىلمەي ھەسرەتلىنىدىغان قىلىپ قويىدۇ؛ خۇددى "قىزىل راۋاقتىكى چۈش" فىلىمىدىكى لىن دەييۈگە ئوخشاش. بۇنداق ئادەملەر، ئەگەر مەڭگۈ بىرگە بولالمايدىغان بىرسىنى ياخشى كۆرۈپ قالسا، كۆپىنچە ئەڭ چوڭ دەرىجىدىكى كۆڭۈل ئازابىغا ئۇچرايدۇ؛ چۈنكى، ئۇلار ئۆزلىرى قانداق قىلىپ بۇ خىل ئازاپتىن قۇتۇلۇشنى بىلمەيدۇ، ئۇلار بىر قەدەم-بىر قەدەمدىن چۆكۈپ، بارغانسىرى پېتىپ قالىدۇ. بىراق، بۇ خىلدىكى كۆپ ھەسرەتلىنىدىغان ئادەملەر، دىققىتىنى باشقا تەرەپلەرگە يۆتكىيەلىسە، ئۇلار مۇھەببەت ئازابىدىن ناھايىتى ئاسانلا قۇتۇلۇپ چىقالايدۇ؛ شۇڭا ئۇلارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، دىققىتىنى باشقا تەرەپكە بۇراش، ئەڭ ياخشى بولغان ھەل قىلىش ئۇسۇلىدۇر.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号