ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ۋىيتناملىق باي 26جىڭ ئالتۇن ئېسىپ مۇسابىقە كۆرگىلى باردى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-01-26 كۆرۈلىشى : قېتىم
   خەلقئارا ئۈنچە-مەرۋايىت تورى خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، ۋىيتناملىق باي تىران.نىگوس.پۇس ئەڭ ئاددى ھەم بىۋاستە بولغان ئۇسۇل بىلەن ئۆز بايلىقىنى كۆز-كۆز قىلىدىغان بولۇپ، ئۇ ھەركۈنى 26جىڭ ئېغىرلىقتىكى ئالتۇن زىبۇ-زىننەت بۇيۇمى تاقاپ سىرتقا چىقىدۇ؛ ئۇنىڭ بۇ زىننەت بۇيۇملىرى بولسا، بىرسى 2جىڭ يەنى بىرسى 8جىڭ كىلىدىغان ئىككى ئالتۇن بىلەيزۈك، 12جىڭ ئېغىرلىقتىكى بىر ئالتۇن زەنجىر بۇلاپكا، ھەربىرسىنىڭ ئېغىرلىقى بىر جىڭدىن كىلىدىغان تۆت ئۈزۈكتىن تەشكىل تاپقان.

    توردا ئۆز بايلىقىنى كۆز-كۆز قىلىدىغان ئادەملەر نۇرغۇن، ئەمما ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئالى دەرىجىلىك ماشىنا ۋە داچا، ھەشەم بۇيۇملىرى قاتارلىقلارنى كۆز-كۆز قىلىش بىلەن چەكلىنىدۇ، كىشىلەرمۇ بۇنىڭدىن ئاللىبۇرۇنلا ئەجەبلەنمەس بولۇپ قالغان. بىراق يېقىندىن بۇيان، ۋىيتناملىق باي تىران.نىگوس.پۇس ئەڭ ئاددى ئەمما ئەڭ بىۋاستە بولغان ئۇسۇلنى قوللىنىپ، يەنى 26جىڭ ئېغىرلىقتىكى ئالتۇن زىبۇ-زىننەت بۇيۇمىنى تاقاپ سىرتقا چىقىپ، ھەممە يەردە ئۆزىنىڭ بايلىقىنى كۆز-كۆز قىلىپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان.
    بۇيىل 36ياشقا كىرگەن نىگوس پۇس، شۇ يەردىكى زەنجىرسىمان كارائوك بەزمىخانىسىنىڭ خوجايىنى بولۇپ، ئۇ زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرى ۋە موتوتسىكىلىت يېغىپ ساقلاشنى ياخشى كۆرىدىكەن. 12-ئاينىڭ 6-كۈنى كەچقۇرۇن، شەرقى جەنۇبى ئاسىيا پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى خانوي شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ۋىيتنام كوماندىسى بىلەن فىلىپىن كوماندىسى مۇسابىقىلىشاتتى. نىگوس پۇس بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنى ئۆيىدە كۆرۈشنى خالىماي، ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلىرى بىلەن "تۇلۇق قۇراللىنىپ" سىرتتا مۇسابىقە كۆرۈشكە چىققان. ئالتۇننىڭ پاقىراقلىقىنى تۇلۇق نامايەن قىلىش ئۈچۈن، نىگوس پۇس ئالدى بىلەن قارا مايكا كىيىۋالغاندىن كىيىن، ئۆزىنىڭ ئالتۇن زەنجىر بولاپكىسىنى، بىلەيزۈكلىرىنى ۋە ئۈزۈكلىرىنى تۇلۇق تاقىۋالغان؛ ئۇ يەنە تېخى بۇلاڭچىلىققا ئۇچراشتىن ئەنسىرەپ، تۆت نەپەر قوغدىغۇچى ياللاپ، ئۆزىنى قوغداشقا قويغان.

   نىگوس پۇسنىڭ بوينىدىكى زەنجىر بولاپكا بەك ئېغىر بولغاچقا، مۇسابىقە كۆرۈش جەريانىدا، ئۇنىڭ قوغدىغۇچىلىرى قولى بىلەن بولاپكىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولغان؛ چۈنكى بۇنىڭدا، زەنجىر بولاپكىنىڭ نىگوس پۇسنىڭ بوينىغا چۈشۈرىدىغان بېسىمنى يىنىكلىتىشكە بولاتتى.

   بەزى توپ مەستانلىرى نىگوس پۇسنى تۇنۇپ قېلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنىڭ بىلەن بىللە سۈرەتكە چۈشىۋىلىشنى تەلەپ قىلغان ۋاقىتتا، ئۇ ناھايىتى دوستانىلىق بىلەن ماقۇل بولغان ھەمدە باشتىن ئاخىرى كۈلۈمسىرەپ تۇرغان. بەزىلەر سۈرەتنى ئىجتىمائى ئالاقە تورىغا يوللىۋەتكەن بولۇپ، تورداشلارنىڭ كەڭ دەرىجىدە دىققىتىنى قوزغىغان.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号