دادىنىڭ پەرزەنتىگە بولغان مىھرى ئانىدىن قېلىشمايدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-01-22 كۆرۈلىشى : قېتىم
بۇيىل 39ياشقا كىرگەن جاڭ فېي دوستلار چەمبىرىكىدە مۇنداق بىر جۈملە سۆز قالدۇردى: "ئاخىرى 29ياش ۋاقتىمىدىكى ھالىتىمگە قايتتىم!". قىسىقىغىنا بىر ئاي ئىچىدە، جاڭ فېي 170جىڭ دىن 150جىڭغا ئۇرۇقلاپ، ياش ۋاقتىدىكى ھالىتىگە قايتتى.
ئەھۋالنى چۈشىنىدىغانلارنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ؛ جاڭ فېينىڭ بۇنداق جاننى تىكىپ ئۇرۇقلىشى گۈزەللىك ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى قىزى ئۈچۈندۇر. ئەينى ۋاقىتتا ئەمدىلا 9ئايلىق بولغان قىزى، تۇغۇلۇشى بىلەنلا جەمەت خارەكتىرلىك ئۆت سۇيۇقلۇقى قېيىۋىلىش كىسىلىگە(胆汁淤积症) گىرىپتار بولغانلىقى تەكشۈرۈپ بايقالغان. بۇ خىل كىسەللىكنى تۈپ يىلتىزىدىن ساقايتىش ئۈچۈن، جىگەر كۆچۈرۈش ئوپراتسىيىسى قىلىشقا توغرا كىلىدىغان بولۇپ، جاڭ فېي قىزىنىڭ قۇتقۇزغۇچىسىغا ئايلانغان ئىدى. قىزىغا ساغلام بولغان جىگەر تەمىنلەش ئۈچۈن، جاڭ فېي ئۆزىنىڭ بارلىقىنى دو تىكتى.
ئىككى ئايلىق بولغان بوۋاق ئېغىر كىسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالدى
تۇغۇلغان ۋاقتىدىكى ئېغىرلىقى 7جىڭ 7سەر كەلگەن بولغاچقا، جاڭ فېي قىزىغا شىياۋچى دەپ ئىسىم قويدى. باۋتوۋدىن كەلگەن بىر ئائىلە كىشىلىرى ھازىر، دوستلۇق دوختۇرخانسىغا يېقىن يەردىن ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرغان. مۇخبىر ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە يىتىپ بارغاندا، شىياۋچىنىڭ كەيپىياتى ياخشى بولۇپ، ئانىسىنىڭ قۇچىقىدا ئويۇنچۇق ئويناپ ئولتۇراتتى. بىراق، 4ئاينىڭ ئالدىدا، شىياۋچىنىڭ روھى ھالىتى بولسا، ھازىرقىغا ئوخشىمايدىغان باشقىچە بىر ئەھۋالدا ئىدى.
تۇغۇلۇپ ئىككى ئايلىق بولغاندىن باشلاپ، شىياۋچىنىڭ بەدىنى ئالتۇن سېرىق رەڭگە ئۆزگىرىشكە باشلىغان. جاڭ فېي ئۇنى خۇاڭدەن كىسىلىگە گىرىپتار بولغان ئوخشايدۇ دەپ قاراپ، بۇ جەھەتتىكى دورىلارنى ئىچكۈزگەن بولسىمۇ، خۇاڭدەن ئىزچىل تۈردە يوقىمىغان. شۇنىڭ بىلەن جاڭ فېي ئەر-خوتۇن ئىككىسى شىياۋچىنى ئېلىپ باۋتوۋدىكى دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتكەن؛ ئىككىنچى كۈنى دوختۇر جاڭ فېيغا، ئەڭ ياخشىسى شىياۋچىنى ئېلىپ بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق جايلاردىكى چوڭ دوختۇرخانىلارغا بېرىپ داۋالىتىشنى ئۇقتۇرغان. شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، جاڭ فىينىڭ ئائىلىسىدىكى ئۈچ ئادەم داۋالاش ئۇزۇن مۇساپىسىگە قەدەم قويغان.

بېيجىڭغا كەلگەندىن كىيىن، شىياۋچى 302-دوختۇرخانا ۋە بالىلار كىسەللىكى تەتقىقات ئورنى ئارىسىدا قاتناپ كۆپ تۈرلۈك تەكشۈرۈش ۋە داۋالاشنى قوبۇل قىلىپ، كىسەللىك ئەھۋالى ئۈنۈملۈك دەرىجىدە كونتىرول قىلىندى. ئەمما ياخشى نەتىجە ئۇزۇنغا داۋاملاشمىدى؛ باۋتوۋغا قايتىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، شىياۋچىنىڭ كىسىلىدە قايتىلىنى كۆرۈلۈپ، ئالاقىدار كۆرسەتكۈچلەر كۈنسايىن ئېشىپ كىتىپ باراتتى. كىسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ تەسىرىدىن، شىياۋچىنىڭ بەدىنى ئاجرىتىپ چىقارغان ئۆت سۈيۇقلۇقى بەدەن سىرتىغا نورمال چىقىۋىتىلەلمىگەنلىكتىن، ئۇنىڭ قورسىقى بارغانسىرى يوغىناپ كەتتى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلگىنى بولسا، جىگەر زەخمىگە ئۇچراش، جىگەر قېتىشىش، جىگەر ۋە ئۆت ئىششىپ يوغىناپ كىتىش قاتارلىق كىسەللىكلەر بولۇپ، پەقەت جىگەر كۆچۈرۈش ئوپراتسىيىتى قىلدۇرغان ۋاقىتتىلار ئاندىن تۈپ يىلتىزىدىن ساقايتىقىلى بولاتتى.
دادىلىق مىھرىگە گەپ كەتمەيدۇ—جىگىرىنى تەقدىم قىلىپ قىزىنى قۇتقۇزۇش
جاڭ فېي ئىلگىرى "باۋتوۋ كەچلىك گىزىتى"نىڭ مۇخبىرى ئىدى. مۇخبىر بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ ئىلگىرى باشقىلارنىڭ ئازابىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن نۇرغۇن تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەن؛ بىراق دادا بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ قىزىنى كىسەل ئازابىدىن قۇتقۇزۇشقا ئامالسىز قېلىۋاتاتتى.
دەسلىۋىدە، ئۇ شىياۋچىنىڭ كىسەللىك ئەھۋالىنى سىرتقا ئۇقتۇرمىدى، چۈنكى ئۇ ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ ئەھۋالنى ئۇقۇپ، ئەنسرەپ قېلىشىنى خالىمايتتى. بىراق يەنىلا رىئاللىققا يۈزلەنمەي بولمىدى، ئۇ ئاخىرى كەسىپداشلىرىدىن ياردەم سوراشنى تاللىدى. نەتىجىدە، جاڭ فېي بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ كەچمىشى ناھايىتى تىزلا كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، بىر ئاي ۋاقىت ئىچىدىلا، جىگەر كۆچۈرۈش ئوپراتسىيەسىگە كىتەرلىك بولغان 300مىڭ يۈەن پۇل يېغىلىپ تەييار بولدى.

تەكشۈرۈش ئارقىلىق، جاڭ فېينىڭ جىگىرىنىڭ شىياۋچىغا كۆچۈرۈلسە بولىدىغانلىقى بىكىتىلدى. ئەمما ئۇ ۋاقىتتا جاڭ فېينىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 170جىڭغا يېقىنلىشىپ قالغان بولۇپ، ئىزچىل تۈردە كىچىلىرى ئۇخلىماي خىزمەت قىلغانلىقتىن، ئۇ جىگەرنى ماي قاپلىۋىلىش كىسەللىكىگە گىرىپتار بولغان ئىدى. قىزىغا ساغلام بىر جىگەر بىرىش ئۈچۈن، ئۇ بىر ئاي ۋاقىت ئىچىدە 20جىڭ ئۇرۇقلىدى؛ ئاخىرى ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ ھەرقايسى كۆرسەتكۈچلىرى نورمال سەۋيىگە كەلدى.
ئۆتكەن يىلى 12-ئاينىڭ4-كۈنى، خاڭ فېي بىلەن شىياۋچى بىرلا ۋاقىتتا ئوپراتسىيەگە ئېلىپ كىرىلدى. ئوپراتسىيە ساق 9يېرىم سائەت داۋاملىشىپ، چۈشتىن كىيىن سائەت 5 بولغاندا، دادا-بالا ئىككەيلەن ئوپراتسىيەدىن چىقىپ، ئېغىر كىسەللەرنى كۆزىتىش ئۆيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. كىيىنكى نەچچە كۈندە، جاڭ فېي قاتتىق خۇشال بولدى ھەمدە چىدىغۇسىز ئاغرىقنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى. ئاغرىق ئازابى بولسا، ئۇنىڭ قوسىقىدىكى 15سانتىمىتىر ئۇزۇنلۇقتىكى كىسىلگەن ئېغىزدىن كەلگەن؛ خۇشاللىقى بولسا، بالسىنىڭ كىسەللىك ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلەنگەنلىكىدىن كەلگەن ئىدى. دادىسىنىڭ جىگىرىگە ئىرىشكەن شىياۋچىنىڭ ئەسلى كىلىشى ئىنتايىن تىز بولغان بولۇپ، كۆپۈپ كەتكەن قورسىقى ئەسلىگە كىلىپلا قالماي، بەدىنىدىكى خۇاڭدەنمۇ تەدرىجى ھالدا يوقاپ، روھى ھالىتى كۈنسايىن ياخشى بولۇپ كەتتى.

ھازىر، شىياۋچى يەنىلا ھەر ھەپتىدە دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ تۇرۇشقا ۋە ھەركۈنى مۇقىم دورا ئىچىپ تۇرۇشقا مۇھتاج. بىراق جاڭ فېيغا نسىبەتەن، بۇ نەتىجە يامان ئەمەس ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، بىر يىللىق داۋالىنىش بىكارغا كەتمىگەن ئىدى.