ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
تالاغا قارىغان ئاياللارنىڭ ئاشنىسىنىڭ نەزىرىدىكى ئوبرازى قانداق
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-01-17 كۆرۈلىشى : قېتىم
    بەزىلەر، ئاياللارنىڭ تالاغا قارىشى، ھەقىقى مۇھەببەتنى ئۇچراتقانلىقىدىن بولىدۇ دىيىشىدىكەن.
    ئەمما بۇنداق مۇھەببەت راستىنلا بەخىت ئېلىپ كىلەلەمدۇ؟ تالاغا قارىغان ئاياللار، ئىرىنىڭ تاشلىۋىتىشىگە ئۇچراپ، ئاشنىسى تەرپىدىن ئەخمەق قىلىپ ئوينىتىلغان مىساللار، تۇرمۇشىمىزدا ھەر ۋاقىت ئۇچراپ تۇرىدۇ.
   تالاغا قارىغان ئاياللار ئۆمرۈمدىكى ھەقىقى مۇھەببەتكە ئۇچرىدىم دەپ قارايدۇ، ئەمما ئۇلار تۆلىگەن بەدەل راستىنلا ئاشنىسىنىڭ چىن كۆڭلىدىن مۇئامىلە قىلىشىغا ئىرىشەلەمدۇ؟ ئۇلارنىڭ ئاشنىسى ئۇلارغا زادى قانداق پوزۇتسىيەدە بولىدۇ؟ بۈگۈن كۆپچىلىك بىلەن بىللە، باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىغا سوقۇنۇپ كىرگەن ئۈچ ئەر كىشىنىڭ بۇ ھەقتىكى سۆزلىرىنى ئاڭلاپ باقايلى!
ۋاڭ ئەپەندىم: ئىرى بار ئاياللارنى ئاشنا تۇتىۋىلىش، ناھايىتى شۇ بىكار ۋاقىتلارنى زىرىكىپ قالماي ئۆتكۈزۈش ئۈچۈندۇر.
   ئۆزىنىڭ ئائىلىسى بار تۇرۇپ، يەنىلا سىرتتا باشقا ئىرى بار ئاياللاردىن ئاشنا تۇتقان ئەر كىشى، پەقەت ئۆزىنىڭ فىزىلوگىيىلىك ئىھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈنلا بولىدۇ خالاس؛ ئۇلار پەقەت، ئاشنا تۇتۇپ قويسا ناھايىتى ھاياجانلىق ئىش بولىدۇ، يەنە تېخى بىكار ۋاقىتلارنى زىرىكىپ قالماي ئۆتكۈزۈشكە بولىدۇ دەپ قارايدۇ.
   ئەرلەرگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىرى بار ئايال كىشىدىن بىرنى ئاشنا قىلىۋالسا ئەڭ بىخەتەر ھىسابلىنىدۇ؛ چۈنكى، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئائىلىسى بار بولغاچقا، بۇ قوش كاپالەتكە ئىگە بولغاندەك بولىدۇ، ئەرلەرمۇ ئاشنىسىنىڭ ئۆزىنىڭ ئائىلىسىنى بۇزۇشىدىن ئەنسىرمەيدۇ.
    ئەگەر ئەرلەر بۇ ئايالغا بولغا قىزىقىشىنى يوقاتقان ۋاقىتتا، ئۇلار قوپۇپلا قوللىرىنى قېقىۋىتىپ كىتىپ قالسا بولىۋىرىدۇ؛ ئاشنىسىغا باغلىنىپ قالىدىغان ئىش بولمايدۇ، بۇنىڭدا ئۇلار بەزىبىر ئاۋارىچىلىقلاردىن قۇتۇلۇپ قالالايدۇ. تالاغا قارىغان ئاياللار، ھەمىشە ھەقىقى مۇھەببەتكە ئۇچرىدىم دەپ ئويلايدۇ، ئەمما بۇ خىل ساختا مۇھەببەت ھامان ھەقىقى قىياپىتىنى ئاشكارىلايدىغان بولۇپ، ئاياللار ئاخىرى بولۇپ، ئەرلەرنىڭ ئەخمەق قىلىدىغان ئويۇنچۇقىغا ئايلىنىپ قالغان بولىدۇ. شۇڭا بۇنداق ئاياللار ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى بەخىتلىك ئائىلىسىنى يوقىتىپ، ئاخىرىدا ھېچنىمىسى يوق بولۇپ قالىدۇ.
لى ئەپەندىم: ئىرى بار تۇرۇپ تالاغا قارىغان ئاياللار ئەسلىدىلا ئالا كۆڭۈل كىلىدۇ، شۇڭا ئۇلارغا چىن كۆڭلىدىن مۇئامىلە قىلىش كەتمەيدۇ.
   تالاغا قارىغان ئاياللارنىڭ ھەممىسى شەخسىيەتچى؛ ئۇلار ئۆزىنىڭ خۇشاللىقىنى دەپلا ئائىلىسىگە ۋە ئىرىگە ئاسىيلىق قىلىدۇ، بالىسى بىلەن كارى بولمايدۇ، بۇنداق ئاياللارنىڭ قانداقمۇ ياخشى بىر ئايال كىشى دىگىلى بولسۇن؟ باشقىلار قانداقمۇ بۇنداق ئايال كىشىگە چىن كۆڭلىدىن مۇئامىلە قىلسۇن؟ ئەمىلىيەتتە مەن ئۆزۈممۇ ئىلگىرى تالاغا قاراپ سالغان؛ ئەمما، ئىرى بار تۇرۇپ تالاغا قارىغان بىر ئايال كىشىگە نىسبەتەن، ئەرلەر كۆڭلى ئازار يەپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇلارغا چىن كۆڭلىنى بىرىشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ.
    ئەرلەر، بىر كۈنلەردە ئۆزىنىڭ ئايالىنىڭمۇ تالاغا قارىشىدىن ئەنسىرەيدۇ؛ شۇڭا ئۇلار، تالاغا قارىغان ئايال كىشىگە قارىتا، ناھايىتى كۆڭۈل خوشى قىلىش پوزۇتسىيىسىدىلا بولىدۇ.
  تالاغا قارىغان ئاياللار، ھەمىشە ئىرىم مىنىڭ ھالىمدىن ياخشى خەۋەر ئالمىدى، ماڭا يىتەرلىك كۆڭۈل بۆلمىدى دەپ قارايدۇ؛ بىراق بۇ قەتئى چەك باسمايدىغان بىر باھانە بولۇپ، ئاياللارنىڭ تالاغا قارىشى، ئۇلار پەقەت فىزىلوگىيىلىك جەھەتتىكى ھاياجانلىق تۇيغۇسى ئۈچۈنلا شۇنداق قىلغان بولىدۇ.
    بۇنداق ئاياللار ناچار ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، ئەگەر بىرەر ئەركىشى بۇنداق ئاياللار ئۈچۈن ھەقىقى مۇھەببەت بېغىشلىسا، بۇ ئەر كىشى ئۆتۈپ كەتكەن گالۋاڭ ھەم دۆت ھىسابلىنىدۇ؛ چۈنكى، بۇنداق ئاياللار ھەقىقى مۇھەببەت بېغىشلاشقا ئەسلا ئەرزىمەيدۇ.
گو ئەپەندىم:  تالاغا قارىغان ئاياللارنى، مەن نەزىرىمگە ئىلىپمۇ قويمايمەن.
    راستىنى ئېيتقاندا، ئەرلەرنىڭ كۆڭلىدە، تالاغا قارىغان ئاياللار كۆڭلى ئىنتايىن بەك ئالا كەلگەن ئايال ھىسابلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ ئالا كۆڭۈللۈكى ئادەتتە بەك كۆرۈنەرلىك ئىپادىلىنىپ كەتمەيدۇ.
    بۇنداق ئاياللار، ئەرلەرنىڭ ياغلىما گەپلىرىگە ناھايىتى ئاسان ئىشىنىپ، ئائىلىسىدىن ۋە ئىرىدىن ئوڭايلا ۋاز كىچىدۇ.
   ئەرلەرنىڭ نەزىرىدە، بۇنداق تالاغا قارىغان ئاياللار، قەدىر-قىممىتىنى يوقاتقان ئايال كىشى ھىسابلىنىدۇ. بۇنىڭغا ئوخشاش ئىرىگە ئاسىيلىق قىلغان ئايال كىشىنى ھېچكىم ياراتمايدۇ ھەمدە بۇنداق ئاياللارغا ئىشەنمەيدۇ. ئەرلەرنىڭ قارىشىچە، بۇنداق ئاياللار ئۆزىنىڭ نەچچە ئېغىز ياغلىما گەپلىرىگە ئاسانلا تەسلىم بولغان يەردە، كەلگۈسىدە باشقىلارنىڭ قىزىقتۇرۇشلىرىغىمۇ بەرداشلىق بىرەلمەيدۇ.
    شۇڭا، تالاغا قارىغان ئاياللارنىڭ ئاشنىسى، ئەلۋەتتە بۇنداق ئاياللار ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بارلىقىنى بېغىشلاپ يۈرمەيدۇ، بۇنداق ئاياللار ئۈچۈن ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى ۋەيران قىلىدىغان ئىش تېخىمۇ بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇنداق مۇھەببەت، ناھايىتى شۇ كۆڭۈل خوشى قىلىش بولۇپلا ھىسابلىنىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号