ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
سىز ئۆزىڭىزنى كىم چاغلاپ قالدىڭىز؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-01-04 كۆرۈلىشى : قېتىم
    بىر تۆگە مىڭبىر جاپادا قۇملۇقنى كىسىپ ئۆتۈپتۇ؛ بىر چىۋىن بولسا، بۇ تۆگىنىڭ دۈمبىسىگە قونۇۋىلىپ، ھېچقانچە كۈچىمەيلا بىرگە قۇملۇقتىن ئۆتۈۋاپتۇ. چىۋىن تۆگىنى مەسخىرە قىلغان ئاھاڭدا دەپتۇ: " تۆگە، جاپا تارتىپ مىنى ئۆتكۈزۈپ قويغۇنىڭغا رەھمەت! خەير-خوش!". تۆگە چىۋىنغا لەپپىدە بىر قاراپ قويۇپ، ئىرەنشىمىگەن ھالدا دەپتۇ: "سەن مىنىڭ دۈمبەمگە قونۇۋالغان ۋاقىتتا، مەن ھېچنىمىنى سەزمىدىم؛ شۇڭا سەن كىتىش ئالدىدا مەن بىلەن خوشلاشمىساڭمۇ بولىدۇ، سىنىڭ ھېچقانچىلىك ئېغىرلىقىڭ يوق، ئۆزۈڭنى ئۇنداق چوڭ چاغلاپ كەتمە."
    ئاتاقلىق سەنئەتكار يىڭ روچىڭ ئىلگىرى بىر ھىكايە سۆزلەپ بەرگەن. ئۇ ناھايىتى چوڭ بىر ئائىلىدە ئۆسۈپ چوڭ بولغان بولۇپ، ھەر قېتىم تاماق يىگەن ۋاقىتتا، نەچچە ئون كىشى تاماق ئۈستىلىنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ تاماق يەيدىكەن. بىر قېتىم ئۇنىڭ كاللىسىغا تۇيۇقسىز بىر ئوي كىلىپ، كۆپچىلىككە بىر چاقچاق قىلىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ، تاماقتىن ئىلگىرى، بىر بولۇڭدىكى ئىشكاپنىڭ ئىچىگە يۇشۇرنىۋىلىپ، كۆپچىلىك ئۇنى ئىزدەپ تاپالماي تىت-تىت بولۇشقا باشلىغاندا ئاندىن سەكرەپ چىقىپ، ھەممەيلەننى ھەيران قالدۇرۇۋىتىشنى ئويلاپتۇ. ئەمما ئۇنى ئوسال ئەھۋالغا قويغىنى، كۆپچىلىكنىڭ ھېچقايسىسى ئۇنىڭ كەملىكىگە دىققەت قىلماپتۇ، ھەممەيلەن يەپ-ئىچىپ قوسىقىنى تويغۇزغاندىن كىيىن چىقىپ كىتىپتۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۇ سالپايغىنىچە يۇشۇرنىۋالغان يىرىدىن چىقىپ، ئېشىپ قالغان تاماقلارنى يەپ قورسىقىنى توقلاشقا مەجبۇر بولۇپتۇ. شۇنىڭدىن كىيىن، ئۇ ئۆزىگە مەڭگۈ ئۆزىنى چوڭ كۆرىۋالماسلىق لازىملىقى، بولمىغاندا چوڭ ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە قالىدىغانلىقى ھەققىدە نەسىھەت قىلىپتۇ.
    بى فۇجىيەن مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ "تالانت سەھنىسى" پىروگىراممىسىدىن ئايرىلغاندىن كىيىن، جۇ جۈن ئۇنىڭ ئورنىنى ئىگەللىدى. بۇنىڭدىن كۆرۋىلىشقا بولىدۇكى، مەيلى سىز قايسى ئورۇندا تۇرماڭ، مەيلى سىز قانچىلىك مۇھىم بولماڭ، ئەمىلىيەتتە سىزنىڭ ئايرىلىپ كىتىشىڭىز ئازراقمۇ مۇھىم ئەمەس. بىرەر ئادەم يوق بولسىمۇ، يەرشارى ئوخشاش چۆگىلەۋىرىدۇ، سىزدىن ئىقتىدارلىق، قابىلىيىتى سىزنىڭكىدىن يۇقىرى كىشىلەر نۇرغۇن. شۇڭا بىز بەك ھەددىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكىمىز، بەك يۇقىرى ماقامدا بولۇپ كەتمەسلىكىمىز، ھەممە ئادەمنى كۆزگە ئىلمايدىغان مىجەز يىتىلدۈرۋىلىشتىن ساقلىنىشىمىز كىرەك؛ بولمىغاندا، ئۆزىمىزنى تىزلا ۋەيران قىلىپ تۆگەشتۈرۋالىمىز. ئۆزىڭىزنى بەك قالتىس چاغلاپ كەتمەڭ، سىز بولمىسىڭىزمۇ، قۇياش يەنە شەرقتىن كۆتۈرىلىۋىرىدۇ! سىزنى قالتىس قىلغان سەھنىدىن ئايرىلسىڭىز، سىز ھېچنىمىگە تەڭ بولالمايسىز. شۇڭا ئادەم كەمتەرلىك بىلەن تۆۋەن ماقامدا ئادەم بولغان ياخشى؛ قانچىلىك ئېگىز ئۇچۇش مۇھىم ئەمەس، مۇھىم بولغىنى بىخەتەر ھالدا يەرگە قونۇشنى بىلىشتۇر.
     ئۆزىڭىزنى بەك چوڭ چاغلىۋالماڭ؛ شۇنچە چوڭ دۇنيادىكى ھاياتلىق يولىدا، سىز ناھايىتى ئادەتتىكى بىر يولۇچى؛ ئۇزۇن يىللىق تارىخ ئېقىنىدا، سىزنىڭ ھەتتا بىر زەررىچە قۇمچىلىكمۇ ئورنىڭىز يوق.
     ئۆزىنى چوڭ تۇتماسلىق—بىر خىل ساپا، بىر خىل سۆلەت، بىر خىل ئالىجاناپلىق، بىر خىل جاھاندارچىلىق سەنئىتى؛ ئۇ، ئادەمنىڭ روھى ھالىتى جەھەتتىكى پىشىپ يىتىلىش.
     بۇ خىل روھى ھالەتتە ئادەم بولىسڭىز، ئۆزىڭىزنى تېخىمۇ ساغلام ھەم كەڭ قورساق قىلالايسىز.
     بۇ خىل روھى ھالەتتە ئىش كۆرسىڭىز، تۇرمۇشىڭىز تېخىمۇ ئازادىلىككە ۋە خاتىرجەملىككە تولىدۇ.
     بۇ خىل روھى ھالەتتە جاھاندارچىلىق قىلسىڭىز، ئەتراپىڭىزدىكى ئادەملەر سىزنى تېخىمۇ بەك ياقتۇرىدىغان، سىز بىلەن ئالاقە قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号