ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
نۇرغۇن ئادەملەرگە تەسىر قىلغان 5 قىسقا ھىكايە
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-01-01 كۆرۈلىشى : قېتىم
-1-
    ئىككى ئادەم بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرسى ئۈچكە سەككىزنى كۆپەيتسە يىگىرمە تۆت بولىدۇ ، يەنە بىرسى يىگىرمە بىر بولىدۇ دەپ بىر كۈن تالاش-تارتىش قىلىپتۇ؛ ئۇلار بىر-بىرىگە قايىل بولماي ئاخىرى يامۇلغا ئەرز قىلىپ بېرىپتۇ. يامۇل ئامبىلى ئىككىسىنىڭ ئەرز-دادىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، ئۈچكە سەككىزنى كۆپەيتسە يىگىرمە تۆت بولىدۇ دەپ چىڭ تۇرغان ئادەمنى ئېپچىقىپ 20 كالتەك دۇمبالاشقا بۇيرۇپتۇ.
     يىگىرمە تۆت بولىدۇ دىگەن ئادەم قايىل بولماي، ئامبالدىن سوراپتۇ: "ئىنىقلا ئۇ دۆت تۇرسا، نىمە ئۈچۈن مىنى ئۇرغۇزىدىلا؟"
     ئامبال "ئۈچكە سەككىزنى كۆپەيتسە يىگىرمە بىر بولىدۇ دەيدىغان ئادەم بىلەن بىر كۈن تالاش-تارتىش قىلغان تۇرۇپ، سەن يەنە ئۆزۈڭنى مەن دۆت ئەمەس دىمەكچىمۇ؟ سەندەك دۆتنى ئۇرماي كىمنى ئۇرسا بولىدۇ؟" دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ.
     بۇ مىكرو ھىكايە بىزگە شۇنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇكى، داۋلى سۆزلىمەيدىغان ئادەم بىلەن تەڭ بولۇپ ھىسابلىشىمەن دەپ ئولتۇرماڭ، چۈنكى ئاخىرىدا زىيان تارتىدىغىنڭىز ئۆزىڭىز بولۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن!
     ئادەم ياشانغان ۋاقتىدا خۇشال ئۆتىمەن دەيدىكەن، ئۇنداقتا چوقۇم شۇنى ئەستىن چىقارماسلىقى كىرەككى، ناچار ئادەملەر بىلەن ھىسابلىشىپ ئولتۇرماسلىقىمىز، ناچار ئىشلارغا يولۇققاندا كىرىشىۋالماسلىقىمىز كىرەك.
-2-
    بىر كىچىك بالا ئانىسىغا دەپتۇ: "ئاپا، بۈگۈن سىز بەك چىرايلىق بولۇپ كىتىپسىز."
    ئانىسى سوراپتۇ: "نىمە ئۈچۈن؟"
    بالا جاۋاپ بىرىپتۇ: "چۈنكى بۈگۈن سىز ئاچچىقلانمىدىڭىز."
   ئەسلىدە چىرايلىق بولۇش ناھايىتى ئاددى ئىكەن، پەقەت ئاچچىقلانمىساقلا بولىدىكەن. ئادەم ياشانغان ۋاقىتتا، ئاچچىقلانماسلىق ئەڭ گۈزەل پاراسەت بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.
-3-
    راھىپ بىر تەرىقەت ئىزدىگۈچىدىن سوراپتۇ: سىزنىڭ قارىشىڭىزچە بىر زەررە ئالتۇن ياخشىمۇ ياكى بىر دۆۋە لاي توپىمۇ؟
    تەرىقەت ئىزدىگۈچى جاۋاپ بىرىپتۇ: ئەلۋەتتە ئالتۇن ياخشى.
    راھىپ كۈلۈپ تۇرۇپ دەپتۇ: ئەگەر سىز بىر تال ئۆسۈملۈك ئۇرۇغى بولۇپ قالسىڭىزچۇ؟
    دۇنيادا مۇتلەق بولغان ياخشى ياكى ناچار بولمايدۇ، سىزگە ماس كىلىدىغىنىلا ئاندىن ئەڭ ياخشىسى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. ياشانغاندا ئۆزىنى كۈتۈنۈش ئۇسۇلىدىمۇ ھەم شۇنداق بولىدۇ.
-4-
     تەرىقەتچى ئۇستازنىڭ ھەمىشە قاخشاپ ئاغرىنىپ يۈرىيدىغان بىر شاگىرتى بولغان ئىكەن. بىر كۈنى تەرىقەتچى ئۇستاز ، شاگىرتىنى بىر ئۇچۇم تۇز قۇيۇلغان بىر ئىستاكان سۇنى ئىچىشكە بۇيرۇپتۇ.
    شاگىرت دەپتۇ: تۇزلۇقلىقىدىن ئادەمنىڭ تىللىرىنى ئېچىشتۈرۋىتىدىكەن.
    تەرىقەتچى ئۇستاز تېخىمۇ كۆپ بولغان تۇزنى كۆل سۈيىگە چېچىپتۇ ھەمدە شاگىرتىغا كۆلنىڭ سۈيىنى تېتىپ بېقىشنى ئېيتىپتۇ.
    شاگىرتى كۆلنىڭ سۈيىنى ئىچكەندىن كىيىن، "تاتلىق ھەم راھەت ئىكەن" دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ.
    تەرىقەتچى ئۇستاز دەپتۇ: كىشىلىك ھاياتتىكى ئازاپلار دەل مۇشۇ تۇزغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ تۇزلۇق بولۇشى ياكى تاتلىق بولۇشى ئۇنى سالغان قاچىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە باغلىق.
    ھەمىشە دۇنيادىن قاخشاپ ئاغرىنىپ ئۆتىدىغان ئادەملەرگە نىسبەتەن، ئۇلارنىڭ نارازىلىقى بۇ دۇنيانىڭ بەك ناچار بولغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ كۆكسى-قارنىنىڭ بەك تار كەلگەنلىكى سەۋەبىدىن بولىدۇ.
-5-
    ئالتۇن قازىدىغان بىر توپ ئادەم قۇملۇقتا مېڭىپ كىتىۋاتقان بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسىنىڭ قەدەم ئېلىشى تەسكە توختاپ، ھېرىپ ھالى قالماپتۇ؛ ئارىدا پەقەت بىرلا ئادەم ئىنتايىن خۇشال ھالەتتە كىتىپ بارغان ئىكەن.
    باشقىلار ھېلىقى ئادەمدىن سوراپتۇ؛ سەن نىمە ئۈچۈن بۇنچە راھەتلىنىپ كەتتىڭ؟
    ھېلىقى ئادەم كۈلۈپ تۇرۇپ دەپتۇ: چۈنكى مەن كۆتۈرۈدىغان نەرسە ئەڭ ئاز.
    ئەسلىدە خۇشاللىققا چۆمۈش ناھايىتى ئاددى بولۇپ، ئىگە بولغان نەرسىلىرىڭىز ئازراق بولسىلا بولىدىكەن.
 

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号