ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
كەيپىياتىڭىز ناچارلىشىپ قالغاندا، بۇ ئۈچ جۈملە سۆزنى ئويلاڭ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-12-30 كۆرۈلىشى : قېتىم
    كىشىلىك ھاياتىمىزدا، ھەممە ئىشلارنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولالىشى ناتايىن، قىيىنچىلىقلارغا يولۇققاندا ياكى ئىچىڭىز پۇشىدىغان ئىشلارغا يولۇققىنىڭىزدا، ئۆزىڭىز ئۇلارنى بىرتەرەپ قىلىشىڭىز ياكى كەيپىياتىڭىزنى تەڭشىشىڭىزگە توغرا كىلىدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر دائىم ئۈمىدۋار روھى ھالەت ۋە خوشال كەيپىياتنى ساقلاشقا تىرىشىڭ. ئەگەر سىز تۇرمۇشتا ئاۋارىچىلىق ياكى ئىچىڭىز پۇشىدىغان ئىشلارغا يولۇقسىڭىز، تۆۋەندىكى ئۈچ جۈملە سۆزنى بىر قېتىم سۆزلەپ چىقىڭ، بۇنىڭ سىزنىڭ جىسمانى ۋە روھى جەھەتتىكى ساغلاملىقىڭىزغا كۆپ پايدىسى بولىدۇ.
1. "بوپتىلا" دىيىشنى بىلىڭ
    تۇرمۇشتىكى نۇرغۇن ئىشلار، بەلكىم سىز ھەرقانچە تىرىشسىڭىزمۇ كۆڭۈلدىكى نەتىجىگە ئىرىشكىلى بولمايدىغان بولۇشى مۇمكىن؛ چۈنكى بىر ئادەمنىڭ ئىقتىدارى ھامىنى چەكلىك بولىدۇ، ھەر خىل شارائىتلارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق ئەھۋاللاردا سىز پەقەت ياخشى نەتىجىگە ئىرىشىش ئۈچۈن تىرىشىپ باققان بولسىڭىز، نەتىجە ئەمىلىيەتتە ئاللىقاچان مۇھىم ئەمەس بولغان بولىدۇ.
2. "ھېچۋەقەسى يوق" دىيىشنى بىلىڭ
    مەيلى قانداق ئىش يۈز بىرىشىدىن قەتئىنەزەر، ئۆزىڭىزگە "ھېچۋەقەسى يوق" دەپ ئەسكەرتىش بىرىپ تۇرىشىڭىز كىرەك. چۈنكى ئاكتىپ ھەم ئۈمىدۋار پوزىتسىيەدە بولۇش، ھەرقانداق قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش ۋە يىڭىپ چىقىشتىكى بىرىنچى قەدەمدۇر. تەقدىر ھەر بىر ئادەمگە نىسبەتەن ئادىل بولىدىغان بولۇپ، ئۇ بىر ئىشىكنى ئىتىۋىتىش بىلەن بىرگە، سىز ئۈچۈن چوقۇم يەنە بىر دەرىزە ئېچىپ بىرىدۇ.
3. "بۇلارمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ" دىيىشنى بىلىڭ
    يامغۇر ھەرقانچە كۆپ ياغسىمۇ، ئاخىرى توختايدىغان كۈنى بار بولىدۇ. شۇڭلاشقا مەيلى قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچار بولماڭ، ھەممىسىگە ئاكتىپ روھى ھالىتىڭىز بىلەن يۈزلىنىڭ، تۇمانلار تاراپ قۇياش نۇر چاچىدىغان كۈنلەرنىڭ كىلىدىغىنىغا قەتئى ئىشىنىڭ.
    جىسمانى ۋە روھى جەھەتتىكى ساغلاملىق، ئىنسانلارنىڭ ئەڭ چوڭ بايلىقى.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号