ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
چىرايى مومايلارنىڭكىگە ئوخشىشىپ كىتىدىغان ھالەتتە تۇغۇلغان بوۋاق
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-12-28 كۆرۈلىشى : قېتىم

   كاجىل تۇغۇلۇشىدىلا مومايلارغا ئوخشاپ قالغان. ئۇ تۇغۇلما بالدۇر قېرىپ كىتىش ئونۋىرسال كىسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ بۇندىن كىيىن بارغانسىرى قېرىپ كىتىپلا قالماي، يەنە كىچىك ھالىتىدىلا، بۇ كىسەللىك سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلىپ قېلىش ئىھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەن.
    كاجىلنىڭ دادىسى قىزىنىڭ كىسەللىك ئەھۋالىغا بەرداشلىق بىرەلمەي، ئانا-بالا ئىككەيلەننى يالغۇز تاشلاپ كىتىپ قالغان.
   شۇندىن باشلاپ، كاجىلنىڭ ئانىسى ئۇنى ئۆزى يالغۇز بېقىپ چوڭ قىلغان. كاجىل تۇغۇلما كىسەللىككە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىق سەۋەبىدىن، ئانىسى ئۇنىڭغا زىيادە كۆيۈنىدىغان بولۇپ، ھەممە ئىشتا ئۇنىڭغا ئەڭ ياخشىسىنى بىرىشكە تىرىشاتتى ھەمدە ئۇنىڭ بۇ دۇنيادىكى ھەر بىر كۈنلىرىنى خۇشال ئۆتكۈزۈشىنى ئويلايتتى.
     بەلكى ئانا مۇھەببىتىنىڭ ئۇلۇغلىقىدىن بولسا كىرەك، كاجىل كۈنسايىن ئۆسۈپ چوڭ بولدى؛ ئۇنىڭ چىرايىنىڭ بارغانسىرى قېرىپ كىتىپ بارغىنىنى ھىسابقا ئالمىغاندا، ئۇنىڭ باشقا ئوخشاش ياشتىكى بالىلار بىلەن ھېچقانداق پەرقى يوق ئىدى.
     كاجىلنىڭ ئۈمىدۋار كەلگەن مىجەزى سەۋەپلىك، ئەتراپىدىكىلەر ئۇنىڭ چىرايىغا بەك ئىتىبار بىرىپ كەتمەي، ئۇنىڭ بىلەن ياخشى دوستلاردىن بولۇپ قالدى.
     قورامىغا يەتكەن كاجىل، باشقا نورمال ھالەتتىكى قىزلارغا ئوخشاش، ئۆزىنى سۆيىدىغان بىر ئەرگە يولۇقۇپ، نىكاھ تۇرمۇشىغا قەدەم قويدى.
    توي قىلىپ ئۇزۇنغا قالماي، كاجىل ھامىلدار بولۇپ قالدى. گەرچە ئۇنىڭ قورسىقىدىكى بالىنىڭ، ئانىسىغا ئوخشاش تۇغۇلما بالدۇر قېرىپ كىتىش ئونۋىرسال كىسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىش ئىھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولسىمۇ، ئەمما كاجىل يەنىلا بالىنى تۇغۇشتا چىڭ تۇردى.
     بەخىتكە يارىشا، تەقدىرمۇ كاجىلغا قىلغان چاقچىقىنى توختاتقان بولۇپ، ئۇ ئىنتايىن ساغلام بىر ئوغۇل بوۋاق تۇغقان ئىدى.
    تۇغۇلۇشىدىنلا بالدۇر قېرىپ كىتىش ئونۋىرسال كىسەللىكىگە گىرىپتار بولغان، ھەتتا دوختۇرلار بەلكىم بىر ياشتىن ئارتۇق ئۆمۈر كۆرەلمەسلىكى مۇمكىن دەپ دىئاگونوز قويغان قىزنىڭ، تەدرىجى ھالدا قورامىغا يىتىپ، ئۆزىنىڭ بەخىتلىك ئائىلىسىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى كىممۇ ئويلاپ يەتكەن دەيسىز. بەلكىم كاجىلنىڭ ئېيتقانلىرى دۇرۇس بولۇشى مۇمكىن: پەقەت بەرداشلىق بىرىپ ئۆتۈپ كىتەلىگەندىلا، ئەڭ ياخشىسى ھامان سىزنى ساقلاۋاتقان بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号