ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
سامساقنىڭ تەبىئى دۈشمىنىنى بىلىۋىلىڭ!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-12-28 كۆرۈلىشى : قېتىم
     سامساق كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچرايدىغان يىمەكلىك ماتىريالىنىڭ بىرى. سامساق ئادەم بەدىنىنىڭ ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىنتايىن پايدىلىق بولۇپ، سامساقنىڭ تەركىبىدە "پروپىن سۇلفىد" دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ئاچچىق ماددا بار؛ بۇ خىل ماددىنىڭ باكتىرىيە ئۆلتۈرۈش ئىقتىدارى پىننىسىلىننىڭ ئوندىن بىرىگە تەڭ كىلىدىغان بولۇپ، تەبىئى باكتىريە ئۆلتۈرگۈچى ماددىدۇر؛ شۇڭا سامساقنى كۆپرەك ئىستىمال قىلغاندا، ھەم باكتىريە ئۆلتۈرەلەيدۇ ھەم دىزىنفىكسىيەلەش رولىنى ئوينايدۇ ھەمدە ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاشقازان-ئۈچەيلەردە ھەزىم بولماي يېغىلىپ قالغان گۆش تۈرىدىكى يىمەكلىكلەر قالدۇقىنى تازىلايدۇ. بۇلاردىن باشقا، سامساق يەنە ئاز ئۇچرايدىغان ساغلاملىق دورىسى بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممونت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ؛ سامساقنى خام ھالەتتە يىگەندە يۇقۇملۇق زۇكام ۋە ئۈچەي يولى يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ؛ سامساقنىڭ يەنە تېخى ۋىيتامىن E، ۋىيتامىن Cغا ئوخشاش، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ئالاھىدىلىكى بار.
    چىلانمۇ تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل يىمەكلىك. كىشىلەرنىڭ چىلان يىيىشنى ياخشى كۆرۈشى، ئۇنىڭ تەمىنىڭ تاتلىقلىقىدا بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتىنىڭ مول، قۇۋۋەت تۇلۇقلاش ئۈنۈمىنىڭ ياخشى ھەمدە كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار بولغانلىق سەۋەبىدىن بولىدۇ.  چىلاننى خام ھالەتتە يىيىشكە بولۇپلا قالماي، ئۇنى يەنە پىششىقلاپ ئىشلەپ، مەسھۇلاتلاشتۇرۇپ ئىستىمال قىلىشقىمۇ بولىدۇ. چىلاننىڭ ئۆپكىگە ھۆللۈك يەتكۈزۈش، قۇۋۋەت تۇلۇقلاش، ھارغىنلىقنى تۈگىتىش، چىدامچانلىقىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق ئۈنۈملىرى بار. شۇڭلاشقا، جۇڭگۇ تىبابىتىدە، چىلان يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇزۇقلۇق تۇلۇقلىغۇچى ساغلاملىق يىمەكلىكى، شۇنداقلا بەدەننى كۈچلەندۈرۈپ چىراينى گۈزەللەشتۈرىدىغان ھۆسىن گۈزەل لەشتۈرۈش ساغلاملىق يىمەكلىكى دەپ تەرىپلىنىدۇ.
    يۇقىردىكى ئىككى خىل يىمەكلىكنىڭ، ئادەم بەدىنىگە نىسبەتەن ئۆزگىچە پايدىلىق تەرەپلىرى بار؛ بىراق سامساق بىلەن چىلان "تۇغۇلما دۈشمەنلەر"دىن بولۇپ، بۇ ئىككىسىنى بىرگە ئىستىمال قىلىشقا بولمايدۇ، بولمىغاندا ئادەمنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى ناچارلاشتۇرۋىتىدۇ؛ ئېغىر بولغاندا، بەزىدە ھەتتا ھەر خىل ئاشقازان-ئۈچەي كىسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号