بەختىڭىزنى يوقىتىپ قويماي دىسىڭىز، ئاچچىقىڭىزنى بېسىۋىلىڭ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-12-28 كۆرۈلىشى : قېتىم
ئادەم غەزەپلەنگەن ئاشۇ پەيتتە، ئەقلى ئىقتىدارى نۆلگە ئايلىنىپ قېلىپ، بىر مىنۇتتىن كىيىن نورمال ھالىتىگە قايتىدۇ.
ئادەمنىڭ سالاپەتلىك بولۇشىدىكى ھەق قىلغۇچ مەسىلە ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى كونتىرول قىلىشتا بولۇپ، ئېغىزى بىلەن كىشىلەرگە ئازار بىرىش ئەڭ ئەخمىقانە بىر خىل قىلمىش. بىزنىڭ ئەركىن بولالماسلىقىمىز، ئادەتتە ئۆزىمىزنىڭ قەلبىدىكى ناچار كەيپىياتلار سەۋەبىدىن بولىدۇ.
ئۆزىنىڭ كەپىياتىنى كونتىرول قىلالايدىغان ئادەم، بىر شەھەرنى ئالالايدىغان ئادەمدىنمۇ كۈچلۈك بولىدۇ.
سۇ قانچىكى چوڭقۇر بولسا، شۇنچە ئاستا ئاقىدۇ؛ سۆزلەر قانچىكى كىچىكىپ ئېيتىلسا، بۇ ئادەم شۇنچە ئىسىل كىلىدۇ. بىز ئىككى يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ سۆزلەشنى ئۆگىنىمىز، ئەمما نەچچە ئون يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئاندىن ئېغىزىمىزنى يۇمۇشنى ئۆگىنىمىز. بۇنىڭدىن كۆرۋىلىشقا بولىدۇكى، سۆزلەش ئۇ بىر خىل ئىقتىدار؛ سۆزلىمەسلىك بولسا، ئۇ بىر خىل ئەقىلدۇر.

1. جىددى ئىشنى ئاستا سۆزلەڭ
جىددى ئىشلارغا يولۇقسىڭىز، ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنى تۇتىۋىلىپ ئويلىنالىسىڭىز، ئاندىن ئالدىرماي-تەمتىرمەي بۇ ئىشنى سۆزلەپ بەرسىڭىز، بۇنىڭدا ئاڭلىغۇچىغا نىسبەتەن ئالدىراقسان ئەمەس بەلكى سالماق كەلگەن تەسىر بىرىسىز ھەمدە بۇ ئارقىلق باشقىلارنىڭ سىزگە بولغان ئىشەنچ دەرىجىسىنى ئاشۇرالايسىز.
2.كىچىك ئىشلارنى قىزىقارلىق قىلىپ سۆزلەڭ
بولۇپمۇ بەزىبىر ياخشى كۆڭۈللۈك بىلەن ئېيتىلغان ئەسكەرتىشلەرنى چاقچاق تەرىقىسىدە ئوتتۇرغا قويسىڭىز، ئاڭلىغۇچىنىڭ بىئارام قىلىپ قويمايسىز؛ ئۇلار سىزنىڭ ئەسكەرتىشىڭىزنى خوشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىپلا قالماي، يەنە ئىككىڭلارنىڭ ئوتتۇرسىدىكى ئارلىقمۇ يېقىنلايدۇ.
3. ئىشەنچىسىز ئىشنى ئېھتىيات بىلەن سۆزلەڭ
سىزنىڭ ئۆزىڭىزنىڭ ئىشەنچىسى يوق ئىشلارغا قارىتا، ئەگەر سىز بۇنى سۆزلىمىسىڭىز، باشقىلار سىزنى ياسالما ھىس قىلىپ قېلىشى مۇمكىن؛ ئەگەر سىز ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىخچام سۆزلەر بىلەن ئېيتسىڭىز، باشقىلارغا ئىشىنىشكە ئەرزىيدىغان ئادەمدەك تۇيغۇ بىرىسىز.

4. يۈز بەرمىگەن ئىشنى يالغان سۆزلىمەڭ
كىشىلەر تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرىدىغان ئادەملەرنى ئەڭ ئۆچ كۆرىدۇ؛ ئەگەر سىز ئەزەلدىن يۈز بەرمىگەن ئىشنى خالىغانچە پەرەز قىلمىسىڭىز ياكى يالغاننى توقۇپ سۆزلەپ يۈرمىسىڭىز،سىز باشقىلارغا پىشىپ يىتىلگەن، تەربىيە كۆرگەن ئادەم ۋە ئەستايىدىللىق بىلەن ئىش كۈرىدىغان، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى كۈچلۈك ئادەم ھىس تۇيغۇسىنى بىرەلەيسىز.
5. قىلالمايدىغان ئىشنى قالايمىقان سۆزلىمەڭ
ئۆزىڭىز قىلالمايدىغان ئىش توغۇرلۇق باشقىلارغا ئاسانلىقچە ۋەدە بەرمەڭ؛ بۇنىڭدا ئۇلار سىزنى ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىدىغان ئادەم ھىس قىلىپ، سىزگە تېخىمۇ ئىشىنىدىغان بولىدۇ.
6. باشقىلارنى ئازاپلايدىغان ئىشلارنى سۆزلىمەڭ
گەپ-سۆزلىرىڭىزدە باشقىلارغا خالىغانچە ئازار بەرمەڭ، بولۇپمۇ مۇناسۋىتىڭىز بىر قەدەر يېقىن بولغان كىشىلىرىڭىزگە، ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بىرىدىغان سۆزلەرنى قىلماڭ. بۇنىڭدا ئۇلار سىزنى ئاق كۆڭۈل ئادەم دەپ بىلىدۇ، ھەمدە ئوتتۇراڭلاردىكى ھىسياتنى ساقلاش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولىدۇ.
7. ئازاپلىنارلىق ئىشلارنى ئۇدۇل كەلگەن ئادەمگە سۆزلىمەڭ
ئادەم ئازاپلانغان ۋاقتىدا، باشقا بىرە كىمگە دەردىنى تۆكۈش ئىستىكى بار بولىدۇ؛ ئەمما ئۇدۇل كەلگەن ئادەملەرنىڭ ھەممىسىگە سۆزلەۋەرسىڭىز، ئاسانلا ئاڭلىغۇچىنىڭ روھى بېسىمىنىڭ زىيادە ئېشىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، بۇنىڭدا قارشى تەرەپ سىزگە گۇمان بىلەن قارايدۇ ھەمدە سىزدىن يېراقلىشىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، سىز قارشى تەرەپكە باشقىلار ئۈچۈن ئويلاشمايدىغان، ئازاپنى باشقىلارغا يۆتكەپ بەرمەكچى بولغان تەسىر بىرىپ قويىسىز.

8. باشقىلارنىڭ ئىشىنى ئىھتىيات بىلەن سۆزلەڭ
ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرسىدا بىخەتەر ئارلىق بولىشى كىرەك، باشىقىلارنىڭ ئىشىغا خالىغانچە باھا بەرمەڭ ھەم تارقاتماڭ، بۇنىڭدا باشقىلارغا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بىرەلەيسىز.
9. ئۆزىڭىزنىڭ ئىشىدا، باشقىلارنىڭ سۆزلىگىنىنى ئاڭلاڭ
ئۆزىڭىزنىڭ ئىشىدا، سىرتتىكى ئادەملەرنىڭ نىمە دەيدىغانلىغىنى كۆپرەك ئاڭلىشىڭىز كىرەك؛ بۇنىڭدا باشقىلارغا كەمتەرلىك ۋە داۋلى چۈشىنىدىغان تەسىرات بىرەلەيسىز.
10. چوڭلارنىڭ ئىشىنى ئاز سۆزلەپ كۆپ ئاڭلاڭ
ياشقا چوڭ كىشىلەر ئادەتتە ياشلارنىڭ ئۇلارنىڭ ئىشىغا قارىتا بەك كۆپ باھا بىرىشىنى ياقتۇرۇپ كەتمەيدىغان بولۇپ، ئەگەر ياشلار بۇنداق ۋاقىتتا كۆپ سۆزلەپ قويسا، ئۇلار سىزنى چوڭلارنى ھۆرمەتلىمەيدىغان، مەغرۇر ئادەم كۆرۈپ قالىدۇ.
11. ئەر-خۇتۇنلار ئىشىنى مەسلىھەتلىشىپ سۆزلەڭ
ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدا ئەڭ يامان بولغىنى، مەسىلىلەرگە يولۇققاندا ئۆز-ئارا ئەيىبلەش بولۇپ، ئەگەر ئىشلاردا ئىككى تەرەپ مەسلىھەتلىشىپ بىرتەرەپ قىلىشنى ئۆگەنسە، بۇنىڭدا ئەر-خوتۇن ئىككەيلەن ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەتنى چوڭقۇرلاشتۇرغىلى بولىدۇ.
12. بالىلارنىڭ ئىشىنى يىتەكلەشنى ئاساس قىلىپ سۆزلەڭ
بولۇپمۇ ياشلىق دەرۋرىدىكى بالىلارنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىپ ئەكسىچە ئىش كۆرۈش خارەكتىرى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، مۇلايىم ئەمما قەتئى بولغان پوزۇتسىيىدە يىتەكلەش ئېلىپ بارساق، بۇنىڭدا ھەم بالىلارنىڭ سىزگە بولغان ياخشى تويغۇسىنى قولغا كەلتۈرەلەيسىز ھەم ئۇلارنى قايىل قىلىش ئۈنۈمىگە ئىرىشەلەيسىز.
ئەمىلىيەتتە نۇرغۇن سورۇنلاردا، بىز ئۆزىمىزنىڭ كەيپىياتىنى كونتىرول قىلىشقا ۋە ئاچچىقىڭىزنى بېسىۋىلىشقا ماھىر كەلسىڭىز، نۇرغۇن ئىشلار ياخشى تەرەپكە قاراپ تەرەققى قىلىدۇ.