ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئەرلەر ساغلاملىقى
تاماكا خۇمارى بارلار بۇ ھىساباتنى كۆرۈپ بېقىڭ!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-08-21 كۆرۈلىشى : قېتىم
    خاڭجۇ شەھىرىدىكى بىر ئەر كىشىنىڭ تاماكا خۇمارى نىسبەتەن كۈچلۈك بولۇپ، بىر كۈنى ئۇنىڭ ئايالىنىڭ تۇيۇقسىز ھاياجىنى تۇتۇپ، ئىرىنىڭ يېقىنقى تۆت يىلدا چەككەن تاماكا قېپىنى يېغىپ ساناپ باققان ئىكەن، نەتىجىدە 1400دىن ئارتۇق چىقىپتۇ؛ 1400قاپ تاماكا، 28000تال تاماكىغا تەڭ بولۇپ، تۆت يىل يەنى 1461كۈننىڭ ھەر بىر كۈنىگە ئوتتۇرىچە ھىسابتا 19تالدىن توغرا كىلىدىكەن.
     تەخمىنەن ھىسابلاپ باقساق، ئەگەر بىر قاپ تاماكىنى 20يۈەندىن ھىسابلىساق، بۇ ئەر 4 يىلدا 28مىڭ يۈەنلىك تاماكا چىكىپ بولغان.
     بەزىلەرنىڭ بىر كۈندە چىكىدىغان تاماكا مىقدارى ئۇنىڭكىدىن كۆپ بولۇشى، بەلكىم كۈندە بىر قاپ تاماكا يەتمەسلىكى مۇمكىن، ئەمما ئۇلار تۆت يىللىق ھىساباتنى قىلىپ باقسا، چوقۇم ھەيران قالىدۇ.
30مىڭ يۈەنگە يېقىن پۇلغا بىر دۆۋە قۇرۇق قاپ ئالماشتۇرىسىز.
يەنە تېخى قارىداپ قانداق ھالەتكە كىلىپ قالغىنىنى بىلگىلى بولمايدىغان ئۆپكىڭىزمۇ بار.
     30مىڭ يۈەننىڭ قانچىلىك بولىدىغىنىنى ئويلاپ باققانمۇسىز؟ 100يۈەنلىك پۇلدىن 300 ۋاراق دىگەن گەپ! ئۇنىڭ ئۈستىگە پۇلنىڭ مەسىلىسىلا ئەمەس، تاماكىنىڭ ئۆپكىگە ئەكىلىدىغان زىيىنىنىڭ ئورنىنى ھەرقانچە قىلسىڭىزمۇ تولدۇرۋۇلالمايسىز.
     30مىڭ يۈەنگە نىمە ئىش قىلغىلى بولىدىغىنىنى ئويلاپ باققانمىدىڭىز؟ بۇ پۇلغا باشقىلارغا ئوخشاش بۆرىكىڭىزنى ساتمىسىڭىزمۇ، ئالما يەتتە تېلفونىدىن تۆتنى ئالالايسىز.
بالىڭىزنىڭ بىر يىللىق سۈت پاراشوكى پۇلىغا چىقىشىدۇ...
تاماكا چىكىش ئەمىلىيەتتە پۇل كۆيدۈرگەن بىلەن ئوخشاش بولۇپ، بىر ھازالىق كۆڭۈل خوشى ئۈچۈن، ئۆزىڭىزنى زىيانغا ئۇچرىتىسىز.
     بىز ھىسابلاپ باقايلى: ئەگەر سىز كۈنىگە بىر قاپ تاماكا چەكسىڭىز، ھەر بىر قاپ تاماكىنى 20يۈەن بويىچە ھىسابلىساق، ئۇنداقتا سىزنىڭ بىر يىللىق تاماكا خىراجىتىڭىز 7300يۈەن، 10 يىلدا 73مىڭ يۈەن، 20يىلدا 146مىڭ يۈەن، 30يىلدا 219مىڭ يۈەن، 40يىلدا...
     بىز ئۇنچىلىك يېراقنى دىمەي تۇرايلى، ئەگەر سىز 5 ئاي تاماكا چەكمىسىڭىز، ياخشى تېلىۋىزوردىن بىرنى سېتىۋالالايسىز.
6ئاي تاماكا چەكمىسىڭىز، بازاردا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان كىرئالغۇدىن بىرنى سېتىۋالالايسىز.
بىر يىل تاماكا چەكمىسىڭىز، قوش ئىشىكلىك توڭلاتقۇدىن بىرنى سېتىۋالالايسىز.
ئۈچ يىل تاماكا چەكمىسىڭىز، بىر يۈرۈش ياۋرۇپا ئۇسلۇبىدىكى خروم كىرىسلو سېتىۋالالايسىز.
تۆت يىل تاماكا چەكمىسىڭىز، ھاۋا تەڭشىگۈچ ۋە باشقا ئائىلە ئىلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى سېتىۋالالايسىز.
بەش يىل تاماكا چەكمىسىڭىز، كىچىك ماشىنىدىن بىرنى سېتىۋالالايسىز.
بۇ نەچچە يىلنى تاماكا چىكىپ ئۆتكۈزسىڭىز تاماكا ئىسى سىزنىڭ ئۆپكىڭىزنى چىرىتىدۇ.
ئەمما تاماكا چەكمىگەنلەرچۇ؟ تېخىمۇ راھەت تۇرمۇش شارائىتىغا ئىگە بولىدۇ.
     ئەگەر سىز كۈندە بىر قاپ تاماكا چەكسىڭىز، ھەر بىر قاپ تاماكىنى 20يۈەن بويىچە ھىسابلىساق، تاماكا باھاسى ئۆزگەرمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، سىزنىڭ 30يىللىق تاماكا چىقىمىڭىز 219مىڭ يۈەن بولىدۇ. ئەگەر بىر ئادەم 20يېشىدىن باشلاپ تاماكا چىكىشنى باشلىغان بولسا، ئۆمرى 80 يىل بولسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ تاماكا چىكىش ۋاقتى 60 يىل بولىدۇ؛ بىز ئالدىدىكى ئۆلچەم بويىچە ھىسابلىساق، ئۇنىڭ 60 يىللىق تاماكا چىقىمى 438مىڭ يۈەن يىتىدۇ؛
      438مىڭ يۈەنگە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ: سىز نۇرغۇن جايلارغا بېرىپ ساياھەت قىلىپ كىلەلەيسىز، يەنە سېتىۋالغۇڭىز بار نەرسىلەرنى سېتىۋالالايسىز.
438مىڭ يۈەنگە كىچىكرەك شەھەر ئەتراپىدىكى يېزىلاردا بىر داچا سالالايسىز.
     438مىڭ يۈەن ئادەتتىكى بىر ئائىلىدىكى بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىپ، ئالى مەكتەپتە ئوقۇتۇشقا يىتىپ ئاشىدۇ، تېخى ئۇنى ئۆيلۈك-ئوچاقلىق قىلىشقىمۇ يىتىپ ئېشىپ قېلىشى مۇمكىن.
      يۇقۇردا سۆزلىگەنلىرىمىز، تاماكا چەككەنلەرنىڭ پۇلى بار ياكى ئۇلار ئۆز بېشىمچە دىگەنلىك ئەمەس، دىمەكچى بولغىنىمىز تاماكا چىكىش ئۈچۈن خەجلىگەن پۇللار ھەقىقەتەن خەجلەشكە ئەرزىمەيدىغان پۇلدۇر.
      ماتىرياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇزۇن مۇددەت تاماكا چەككەنلەرنىڭ ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تاماكا چەكمەيدىغانلارغا قارىغاندا 20-10ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن؛ كىكىردەك راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى 10-6ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن؛ تاجىسىمان يۈرەك كىسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى 3-2ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن؛ ئايلىنىش سېستىمىسى كىسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى 3 ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن؛ كاناي يولى تىپىدىكى كىسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى 8-2 ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن. سىز ئۆيىڭىزدىكىلەرنى قايغۇ-ھەسرەت ئىچىدە قالسۇن دەپ ئويلامسىز؟
      بىز تاماكا چىكىش ئۈچۈن كىتىدىغان پۇللار بىلەن، بەزىبىر تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلالايمىز! مەسىلەن ساياھەتكە چىقىش، بەدەن چېنىقتۇرۇش ياكى ھەر يىلى ئۆيگە يىڭى ئائىلە ئىلىكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋىلىش قاتارلىق. ئائىلىڭىزدىكىلەر ئۈچۈن، ئۆزىڭىزنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن تاماكىنى ئاز چىكىڭ!

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号