ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئەرلەر ساغلاملىقى
نۇرغۇن ئەرلەر بۇ رەسىملەرگە ئوخشايدۇ!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-08-14 كۆرۈلىشى : قېتىم
-1-
     ھاردىڭىزمۇ؟   ھارىدىڭىز.
     بېسىم ئېغىرمۇ؟   شۇنداق، ئېغىر.
     ئۇنداقتا نىمە ئۈچۈن قولىڭىزنى قويۇۋەتمەيسىز؟    قويۇپ بىرىشكە بولمايدۇ، شۇنداقمۇ؟
     ھېرىپ قالسىڭىز قويۇپ بەرسىڭىز بولىدۇ دەپ كىم دەيدۇ، بولمىسا سىز قولىڭىزنى قويىۋىتىپ سىناپ باقامسىز؟
    شۇڭلاشقا ئېيتىمىزكى، ۋاز كىچىش بەرداشلىق بىرىشتىنمۇ تەس، چۈنكى ۋاز كەچسىڭىز چوقۇم چۈشۈپ كىتىپ كۈكۈم-تالقان بولىسىز؛ پەقەت بەرداشلىق بەرگىنىڭىزدىلا، بەلكىم ئۈستىگە چىقىۋىلىشقا ئىمكانىيەت بولۇشى مۇمكىن!
     بۇ رەسىم رىئاللىقنى ھەقىقەتەن ئەينەن ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەن، ماڭىدىغان يولنى تاللىغان ئىكەنمىز، بەرداشلىق بىرىشىمىز كىرەك! جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلغاندىلا ئاندىن ئەڭ ياخشى ئۆزىمىزنى ئۇچرىتالايمىز.
-2-
   ئەگەر ھارۋا تارتىۋاتقىنى سىز بولسىڭىز، ئۈستىدە ئاتا-ئانىڭىز، ئىچىدە خوتۇن-بالىلىرىڭىز بار، سىز تېيىلىپ كىتىپ قالسىڭىز قانداق قىلغۇلۇق؟ ئۆيىڭىزدىكىلەرگە نىمىلەرنى قالدۇرۇپ قويالايسىز؟ سىز بەلكىم باشقىلارنىڭ نەزىرىدە بىر پاخال بولۇشىڭىز مۇمكىن، ئەمما سىز ئائىلىڭىزدىكىلەرنىڭ نەزىرىدىكى پۈتكۈل دۇنيا! ئەر كىشى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ مەسئۇلىيىتىنى زىممىڭىزگە ئېلىپ ياشىشىڭىز كىرەك.
    ئەرلەر ھارغىنلىق ھىس قىلسا، كەينىدە ئىتتىرىشىپ بىرىدىغان ئايال كىشىنىڭ يوقلىغىدىن بولىدۇ؛ ئاياللار ھارغىنلىق ھىس قىلسا، ھارۋىنى سۆرەيدىغان ئەر كىشىنىڭ يوقلىغىدىن بولىدۇ؛ ئاتا-ئانىڭىز ھارغىنلىق ھىس قىلسا، مەسئۇلىيەتچان پەرزەنتلىرى يوقلىغىدىن بولىدۇ؛ بالىلار ھارغىنلىق ھىس قىلسا، ئائىلىگە ئوخشايدىغان بىر ئائىلە بولمىغانلىقىدىن بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھاياتلىقىڭىزدا ئۆزىڭىزنى بەك ئازادە قويۇۋەتمەڭ، چۈنكى ئۇلار سىزنىڭ نامدىلا ئەمەس بەلكى ھەقىقى مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشىڭىزغا مۇھتاج.
    ئۆزىڭىزنى جاپا ئىچىدە، ھارغىنلىق ئىچىدە ۋە ياكى ئۇۋالچىلىق ئىچىدە ياشاۋاتىمەن دەپ ئويلاپ قالماڭ، ئەمىلىيەتتە ھەر بىر ئادەمنىڭ ياشىمىقى ئاسان ئەمەس، سىز ناھايىتى باشقىلارنىڭ جاپاسىنى، تارتقان تەڭلىكىنى كۆرەلمىگەن خالاس.
   ھارغىنلىق ھىس قىلغىنىڭىز توغرا، چۈنكى راھەت ئۆلۈك كىشىلەر ئۈچۈن تەييارلانغان؛ جاپا ھىس قىلغىنىڭىز توغرا، چۈنكى جاپانىڭ تىگى ئالتۇن. شۇنىڭ ئۈچۈن ھايات بولىدىكەنسز، ھارغىنلىق، تەر ئاققۇزۇشلار بولىدۇ؛ ھايات بولىدىكەنسىز، كۈرەش قىلىشىڭىز، بوران-چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈرۈشىڭىز، ئۆزىڭىزگە تىگىشلىك مەسئۇلىيەتنى زىممىڭىزگە ئېلىپ كۆتۈرۈشىڭىز كىرەك بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号