
ھاۋانىڭ سوۋىشىغا ئەگىشىپ، ئارىشاڭغا چۈشىدىغانلارمۇ بارغانسېرى كۆپ بولىدۇ، گەرچە ئارىشاڭغا چۈشۈش ئادەمگە راھەتلىك ئاتا قىلىدىغان بىر ئىش بولسىمۇ، ئەمما قانچە كۆپ ئارىشاڭغا چۈشسە شۇنچە پايدىسى بار دىگەنلىك ئەمەس.

ئەرلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئارىشاڭغا چۈشكەندە «گىرادۇس»قا دىققەت قىلىش كېرەك، بولمىغاندا پەرزەنتلىك بولۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، بەزەنلەر بەلكىم بۇنىڭغا ھەيران قېلىشى، نېمە ئۈچۈن؟ دېگەن سوئاللار تۇغۇلىشى مۇمكىن، ئارىشاڭغا چۈشۈش ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق ئىدىغۇ دەپ قارىشى مۇمكىن، ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، ئارىشاڭغا چۈشكەندە ھەممىمىز ئارشاڭدىكى تېمپىراتۇرىنى دەپ بارىمىز، ئادەتتە ئارىشاڭنىڭ تېمپىراتۇرىسى ئادەم بەدىنىنىڭ تېمپىراتۇرىسىدىن يۇقىرى، يەنى ℃37تىن يۇقىرى بولۇپ، بىلىشىمىز كېرەككى ئەرلەرنىڭ ئۇرۇقدان خالتىسى بەدەن بوشلۇقىنىڭ سىرىتقى قىسمىغا جايلاشقان بولغاچقا، بۇ ئورۇننىڭ تېمپىراتۇرىسى بەدەن تېمپىراتۇرىسىدىن℃5~2قىچە تۆۋەن بولىدۇ، شۇڭا ℃35 ئۇرۇقنىڭ تېمپىراتۇرىسىغا ئەڭ ماس كېلىدۇ دىيىشكە بولىدۇ، ئەگەر دائىم ئارىشاڭغا چۈشكەندە ئۇرۇقدان خالتىسىنىڭ قىسمەن ئورۇنلىرىنىڭ تېمپىراتۇرىسىنى ئۆرلىتىپ، ئۇرۇقنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر بولىدۇ ھەمدە ئۇزۇن ۋاقىت ℃40 ياكى ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى تېمپىراتۇرلۇق ئارىشاڭغا چۈشكەندە ھەتتا ئۇرۇقداننىڭ ئۇرۇق چىقىرىش ئىقتىدارىغا زىيان يېتىدۇ، ئۇرۇق سانى ئازىيىپ، ھاياتىي كۈچى تۆۋەنلەپ، پەرزەنتلىك بولالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى مۇتەخەسىسى پەرزەنتلىك بولۇش ئىستىكى بار ئەرلەرگە شۇنى سەمىمىي ئەسكەرتىدۇكى: ئارىشاڭغا ھەددىدىن ئارتۇق ئۇزۇن ۋاقىت چىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك، ئەگەر راستىنلا ئېھتىياج بولسا 15-30 مىنۇت ئەتراپىدا كونتىرول قىلىش، تېمپىراتۇرا ئەڭ ياخشىسى بەدەن تېمپىراتۇرىسىدىن ℃3تىن يۇقىرى بولۇپ كەتمەسلىگى، ئادەتتە بىر ئايدا 2 قېتىمدىن ئېشىپ كەتمەسلىگى كېرەك.
ئۇنىڭدىن باشقا، بوغدا دوختۇرخانىسى مۇتەخەسىسى يەنە مۇنۇ نۇقتىلارنى تەكىتلەيدۇ: ھورداققا چۈشۈش، قىززىق سۇدا يۇيۇنۇش، تار ئىشتانلارنى كىيىش، كومپىيۇتېرنى يوتىسىغا قويىۋېلىپ ئۇزۇن مۇددەت خىزمەت ئادىتىگە كۆنۈۋېلىش، ئۇزۇن مۇددەت ماشىنا ھەيدەش، مىدىرلىماي ئۇزۇن ۋاقىت ئولتۇرۇش، يەنە يۇقىرى تېمپىراتۇرا مۇھىتىدا خىزمەت قىلىش قاتارلىقلارمۇ ئۇرۇقدان خالتىسىنىڭ تېمپىراتۇرىسىنى يۇقىرىلىتىۋېتىپ، ئۇرۇقنىڭ سۈپىتىنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇرۇق ئىسسىقتىن قورقىدۇ، «تۆۋەن تېمپىراتۇرا مۇھىتى» ئۇرۇقنىڭ پەرزەنتلىك بولۇشتىكى ئەڭ ياخشى مۇھىتى، يۇقىرى تېمپىراتۇرا ئۇرۇققا نىسبەتەن خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغان چوڭ بىر «ھاڭ»، شۇڭا ئەركەكلىرىمىزنىڭ، بولۇپمۇ پەرزەنتلىك بولۇش ئىستىكى بار ئەرلەرنىڭ قانداق قىلىپ ئۆز «ئۇرۇقى»غا ئەڭ ياخشى مۇھىت ھازىرلاپ بېرىشىنى بىلىۋېلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
مەنبە: شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى تەشۋىقات مەركىزى ماتېرىيالغا ئاساسەن تەييارلىغان. كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا ئەسلى مەنبەنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ!

زىغىر (جۇڭيى) نىڭ يىلتىزى، يوپۇرمىقى. شەرقىي شىمال ۋە ئىچكى موڭغۇل، سەنشى، شەنشى، شەندۇڭ، خۇبېي، خۇنەن، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، سىچۈەن، گۇيجۇ، يۈننەن قاتارلىق جايلارغا ت

ھازىرقى زاماندىكى كىشىلەرنىڭ ئىچكى دۇنياسى زادى قانچىلىك زىددىيەتلىك كىلىدۇ؟ ئادەتتە بىر خىلدا كىلىدۇ، مەلۇم بىر ۋاقىتتا يەنە بىر خىل بولۇپ ئۆزگىرىپ قالىدۇ؛ خۇدد

بوۋاقلار ئادەتتە ئۆزىنىڭ گېلىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى ئىپادىلەشكە ئامالسىز بولغاچقا، ئەگەر ئۇلار توختىماي يىغلاپ، سۈت ئىچىشكە ئۇنىمىسا ياكى ئۇلار ئەسلىدە يىيىشن

ئادەتتە ئاياللارنىڭ تۇغۇتى ئىككى خىلغا بۆلىنىدۇ: ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغۇش ۋە ئۆزى تەبىئى تۇغۇش؛ بۇ ئىككى خىل تۇغۇت ئۇسۇلىدا بەلگىلىك پەرق بار بولسىمۇ، ئەمما بالى

پولشالىق 41ياشلىق بىر ھامىلدار ئايال، بەلكىم قورسىقىدىكى بالىسىغا تارتىشقانلىقتىن بولسا كىرەك، بۇ ئايالنىڭ چوڭ مىڭىسى ئۆلۈپ، ھاياتلىق بەلگىلىرىنى يوقاتقان بولسى

يېقىندا، كولۇمبىيەنىڭ شەرقى شىمالى قىسمىدىكى سانتانتى ئۆلكىسىدە، يىڭى تۇغۇلغان بىر قىز بوۋاق ئەخلەتلىككە تاشلىۋىتىلگەن بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ئەخلەت دۆۋىسى يېنىد

ئەر كىشىنىڭ بىر ئايال كىشىنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ۋاقتى، بۇ ئايال كىشىنى قوغلاشقان ۋاقتى بولۇپ، مۇھەببەتلەشكەندىن كىيىن بولسا، يىڭىلىق تۇيغۇسىنىڭ بارغانسىرى كېمى

شۇڭلاشقا، ئىگىلىك تىكلەپ تىجارەت بىلەن شۇغۇللانماقچى بولغاندا، ئىگىلىك تىكلىگۈچى، چوقۇم ئەستايىدىللىق بىلەن كۆزىتىشى ۋە ئانالىز قىلىشى، زۈرۈر بولغان ساۋاتلارنى

توي قىلغان ئاياللار تېخىمۇ كۆپ بەخىتكە ئىرىشىش ئۈچۈن، نۇرغۇنلىغان تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۆزىنىڭ ھازىر بەخىتلىك ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىك

بىز ئەگەر دىققەت قىلىدىغان بولساق، ياپونىيەلىكلەرنىڭ ئادەتتە، ئادەم ئەخمەق قىلىپ ئوينايدىغان بەزىبىر غەلىتە پىروگىراممىلارنى ئىشلەيدىغانلىقىنى، ئەخمەق قىلىنغا
بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站
ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايۇنى تەنباۋداشا 415-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市沙依巴克区长江路415号
Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号