ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بالىلارغا سىنىك ماددىسىنى قانداق تۇلۇقلاش كىرەك؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-12-13 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ھازىر تۇرمۇش شارائىتىمىز خېلىلا ياخشى، بالىلارنىڭ يىمەكلىكىمۇ ناچار ئەمەس، بۇنداق ئەھۋالدا بالىلاردا يەنە نىمە ئۈچۈن سىنىك كەمچىللىك كۆرۈلىدۇ؟ بۇ ئاساسلىقى بالىلار تىز سۈرئەتتە ئۆسۈپ-يىتىلىش مەزگىلىدە تۇرۋاتقانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ سىنىك ماددىسىغا بولغان ئىھتىياجى نىسبەتەن يۇقىرى بولىدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن بىرگە سىنىك ماددىسىنى ئادەم بەدىنى بىرىكتۈرەلمىگەنلىك ئۈچۈن، ئادەم بەدىنى ئىھتىياجلىق بولغان سىنىك ماددىسى پەقەت يىمەكلىك ئارقىلىقلا قوبۇل قىلىشقا تايىنىدۇ. بالىلار ھەمىشە گۈرۈچ ۋە ئۇن تامىقى يەپ، مىۋە-كۆكتاتلارنى ۋە سىنىك تەركىبى نىسبەتەن مول بولغان گۆش تۈرى ۋە دېڭىز مەھسۇلاتلىرى تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى ئاز ئىستىمال قىلسا، بۇنىڭغا يۇقىرى تىمپىراتۇردا پىشۇرۇش جەريانىدىكى يىمەكلىكنىڭ سىنىك مىقدارىنى ئېقىپ يوقاپ كىتىشى قوشۇلۇپ، بالىلاردا ناھايىتى ئاسانلا سىنىك كەمچىللىك كىلىپ چىقىدۇ.
بالىلاردا سىنىك كەمچىللىك كۆرۈلسە، قانداق ئۇسۇلدا تۇلۇقلاش كىرەك؟
    بۇنىڭدا ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ ئىش كۆرۈش لازىم بولۇپ، ئادەتتە يىنىك دەرىجىدىكى سىنىك كەمچىللىكنى، يىمەكلىك ئارقىلىق تۇلۇقلاشقا بولىدۇ. ئەمما بىرقەدەر ئېغىر دەرىجىدىكى سىنىك كەمچىللىك كۆرۈلگەندە، دوختۇرلارنىڭ كۆرسەتمىسى ئاستىدا، بىخەتەر سىنىك تۇلۇقلايدىغان دورىلارنى ئىشلتىش لازىم بولىدۇ.
بالىلاردىكى سىنىك كەمچىللىكتە ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش لازىم
     سىنىك كەمچىللىكنىڭ بالىلارغا بولغان زىيانلىق تەسىرى نىسبەتەن چوڭ بولغانلىقتىن، ئاتا-ئانىلار بەزىبىر ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، سىنىك كەمچىللىك كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئالمىقى لازىمدۇر.
1. ئانا سۈتى بىلەن ئىمىتىش
    ئانا سۈتى تەركىبىدە، بولۇپمۇ يىڭى تۇغقان ئايالنىڭ سۈتىنىڭ تەركىبىدە سىنىك ماددىسى مىقدارى ئىنتايىن يۇقىرى بولغانلىقتىن، بالا تۇغۇلغاندىن كىيىن، بالىنى ئەڭ ياخشىسى ئانا سۈتىدە بېقىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ، ئاز دىگەندىمۇ 6 ئاي ئىمىتىش كىرەك.
2. بالىلارغا سىنىك تەركىبى يۇقىرى قوشۇمچە يىمەكلىكلەرنى يىگۈزۈشنى ۋاقتىدا باشلاش 
     بالىلار 6ئايلىققا توشقاندىن كىيىن، تۇخۇم سېرىقى، ياڭاق تالقىنى، كۈنجۈت تالقىنى قاتارلىق سىنىك تەركىبى يۇقىرى قوشۇمچە يىمەكلىكلەرنى ۋاقىتىدا يىگۈزۈشنى باشلاش لازىم.
3. گۆش ۋە كۆكتات تۈرىنىڭ مىقدارىنى تەڭشەپ يىگۈزۈش
    بوۋاقلار بىر ياشتىن ئاشقاندىن كىيىن، تاماق يىيەلىگۈدەك بولىدۇ؛ بۇ ۋاقىتتا ئاتا-ئانىلار بوۋاقنىڭ يىمەكلىكىنىڭ تەڭپۇڭ بولۇشىغا دىققەت قىلىشى، يىمەكلىكنىڭ تۈرىنى كۆپرەك قىلىشى ھەمدە گۆش ۋە كۆكتات تۈرىنىڭ ئىستىمال مىقدارىنىڭ تەڭپۇڭ بولۇشىغا ئەھمىيەت بىرىشى لازىم. ئادەتتە ئاتا-ئانىلار بالىلارغا كالا ۋە قوي گۆشى، ياڭاق، موگو، خاسىڭ، دادۇر قاتارلىق سىنىك تەركىبى يۇقىرى يىمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق مىقداردا يىگۈزسە بولىدۇ.
4. تېتىتقۇ قاتارلىق خۇرۇچلارنى ۋە قەنت قاتارلىق تاتلىق يىمەكلىكلەرنى ئاز ئىستىمال قىلىش
    نۇرغۇن ئاتا-ئانىلاردا بىر خىل خاتا قاراش بار بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ، بالىسى تاماق يىگىلى ئۇنىمىسا، تاماق بالىغا تېتىمىغان ئوخشايدۇ دەپ قاراپ، بالىنىڭ تامىقىنى تەييارلىغاندا، تېتىتقۇ قاتارلىق خۇرۇچ ماتىرياللىرى قوشىدۇ؛ ئەمىلىيەتتە، تېتىتقۇنىڭ ئۆزى، ئادەم بەدىنىدە سىنىك كەمچىللىكنى پەيدا قىلىدىغان سەۋەپلەرنىڭ بىرى.
    بۇندىن باشقا، قەنت تۈرىدىكى تاتلىق يىمەكلىكلەر سىنىكنىڭ بەدەنگە سۈمۈرلۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان بولۇپ، بالىلارغا بۇ خىلدىكى يىمەكلىكلەرنى ئاز بىرىش كىرەك.
ئاخىرقى كۆرسەتمە
    سىنىك تۇلۇقلاش ئەڭ ياخشى ئامال ئەمەس، چۈنكى ئادەم بەدىنىدىكى سىنىك ماددىسىدا ھەر كۈنى بەلگىلىك مىقداردا خوراش كۆرۈلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادەم بەدىنىدە ساقلىنىش مىقدارىمۇ كۆپ بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئادەتتە بالىلار ئىستىمال قىلىدىغان يىمەكلىك تۈرىنىڭ تەڭپۇڭ بولۇشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىش لازىم، بۇنىڭدا ئاندىن بالىلارغا يىتەرلىك تۈردە ئۇزۇقلۇق قۇۋۋەت تۇلۇقلىغىلى بولۇپلا قالماستىن، يەنە بالىلاردا قايتا سىنىك كەمچىللىك كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号