ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بالىلاردىكى تەربىيە كۆرمىگەنلىك ئىپادىلىرى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-12-12 كۆرۈلىشى : قېتىم
    بالىلار ئۆسۈپ-يىتىلگەن مۇھىت، ئۇلارغا ئىنتايىن چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ھەر خىل كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىپ قالغىلى بولمايدۇ؛ ئەگەر بەزى كىشىلەر بالىلارنىڭ ئالدىدا مۇۋاپىق بولمىغان قىلمىشلارنى سادىر قىلسا، بالىلار بۇنى كۆرگەندىن كىيىن، ئۇلارنى دوراش ئىھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن بالىلارنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىشى جەريانىدا، ئاتا-ئانىلارنىڭ توغرا ئۇسۇلدا يىتەكلىشى ئىنتايىن مۇھىم.
    بالىلاردا تۆۋەندىكى بىرنەچچە خىل قىلمىش كۆرۈلگەندە، ئاتا-ئانىلار ۋاقتىدا بالىغا تەربىيە ئىشلەپ، ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلمىشىنى توسۇشى ۋە ئۆزگەرتىشى كىرەك. چۈنكى بالىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىگە قارىغاندا، ئۇلارنىڭ ئادەم ۋە مەسىلىلەرگە قارىتا ئىپادىلىگەن ساپاسى تېخىمۇ مۇھىم.
ئۈنلۈك ئاۋازدا چوقان-سۈرەن قىلىش
    بەزىبىر ئاممىۋى سورۇنلاردا، مەسىلەن مىترو، ئاشخانا قاتارلىق جايلاردا ئۈنلۈك ئاۋازدا چوقان سېلىش، تەربىيە كۆرمىگەنلىكنىڭ ۋە ساپاسىزلىقنىڭ ئىپادىسى، بۇنىڭدا ئاسانلا باشقىلارغا دەخلى يەتكۈزۈپ قويىمىز. بالىلار يەسلىدىكى چۈشلۈك ئارام ۋاقتىدا ئوخلىغىلى ئۇنىماي، باشقا كىچىك دوستلارنىڭ ئارام ئېلىشىغا تەسىر يەتكۈزسە، ھەمدە مۇئەللىمى نەسىھىتىنىمۇ قۇبۇل قىلمىسا، مۇئەللىملىرىمۇ ئۇلارغا ئۆچ بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر ئاتا-ئانىلار بالىسىنىڭ بۇ خىل قىلمىشىنى بايقىسا، ئۇلارنىڭ بۇ خىل قىلمىشىنىڭ ئېلىپ كىلىدىغان يامان تەسىرىنى ئۇلارغا چوقۇم ئىنىق بىلدۈرۈپ، بۇندىن كىيىن بۇنداق قىلماسلىقى ھەققىدە تەربىيە ئىشلىشى لازىم.
باشقىلارنىڭ نەرسىسىنى قالايمىقان ئاختۇرۇش
    ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىگە خاس شەخسىيىتى ۋە باشقىلارنىڭ تىگىشىنى خالىمايدىغان نەرسىلىرى بار بولىدۇ، شۇڭا بىز باشقىلارنىڭ شەخسىيىتىگە ھۆرمەت قىلىشىمىز لازىم. بالىلار يېشى تېخى كىچىك بولغانلىق سەۋەپلىك، بۇ داۋالىلارنى چۈشەنمەي، باشقا بالىلارنىڭ ئويۇنچۇقىنى كۆرسە، ئېلىپلا ئوينايدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈشى مۇمكىن. بىراق، بۇ بىر ياخشى ئادەت ئەمەس؛ ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا، باشقىلارنىڭ قوشۇلىشىغا ئىرىشمەي تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ نەرسىسىگە چېقىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى چوقۇم بىلدۈرۈشى كىرەك. ئەمىلىيەتتە، بۇ جەھەتتە نۇرغۇن ئاتا-ئانىلارنىڭ تۇتقان پۇزۇتسىيىسى تازا ياخشى ئەمەس؛ بەزى ئاتا-ئانىلار بالا دىگەننىڭ ئاتا-ئانىنىڭ ئالدىدا مەخپىيەتلىكى بولماسلىقى كىرەك دەپ قارايدۇ؛ ئەمىلىيەتتە، بالىلارنىڭ شەخسىيىتىگە قارىتا، ئاتا-ئانىلار ئوخشاشلا بالىلىرىنىڭ شەخسىيىتىنى ھۆرمەت قىلىشى كىرەك.
باشقىلارنى بوزەك قىلىش
   بەزى بالىلار نىسبەتەن كەپسىز بولۇپ، باشقا بالىلارنى ئەخمەق قىلىپ ئويناشنى ياخشى كۆرىدۇ؛ بۇمۇ بىر خىل تەربىيە كۆرمىگەنلىكنىڭ ۋە ساپاسىزلىقنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، ۋاقىت ئۇزارغانسىرى، بالىلار نۇرغۇن دوستلىرىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا، باشقا بالىلار بىلەن ئىجىل-ئىناق ئۆتۈش كىرەكلىكى، ئۆزىنىڭ ئويۇنچۇقلىرى ۋە پارچە يىمەكىلىكلىرىنى دوستلىرى بىلەن تەڭ بەھىرلىنىشنى بىلىشى توغرىسىدا تەربىيە ئىشلىشى كىرەك. بالىلار باشقىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلسا، باشقىلارمۇ ئۇلارغا شۇنداق مۇئامىلە قىلىدۇ؛ باشقىلارغا ئىزچىل تۈردە دوستانە مۇئامىلە قىلىش، ئۇلارنى ئۆسۈپ-يىتىلىش جەريانىدا نۇرغۇنلىغان دوستلۇق مىھرىگە ئىرىشتۈرەلەيدۇ.
سەت گەپ قىلىش
    سەت گەپ قىلىدىغان بالا ئادەمنىڭ ئۆچلىكىنى كەلتۈرۈپ قويىدۇ ھەمدە بالىلارنىڭ سەت گەپلىرىنى ئاڭلىغان ئادەم، ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنى بالىسىغا ياىشى تەربىيە ئىشلىمەپتۇ دەپ ئەيىبلەيدۇ؛ ئەمىلىيەتتە بالىلارنىڭ بۇ خىل ناچار قىلمىشى، ھەقىقەتەن ئاتا-ئانىنىڭ مەسئۇلىيىتى. ئەگەر ئاتا-ئانىلار بالىسىنىڭ سەت گەپ قىلغانلىقىنى ئاڭلىسا، ئۇلارنى چوقۇم قاتتىق تەنقىد قىلىشى كىرەك؛ بولمىغاندا، ئەگەر بالىلار بۇ خىل ئادەتنى يىتىلدۈرۋالسا، باشقا ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ بۇ خىل ئادىتىنى بىلگەندىن كىيىن، ئۆزى بالىسىنىڭمۇ بۇنداق ناچار ئادەتلەرنى يىتىلدۈرۋىلىشىدىن ئەنسىرەپ، بالىسىغا ئۇلاردىن يېراق تۇرۇشنى بۇيرۇيدۇ.
    يۇقىردا سۆزلەنگەن، بالىلارنىڭ ناچار ئادىتىنى چوقۇم ۋاقتىدا ئۆزگەرتىش كىرەك؛ ئەمىلىيەتتە بالىلارنىڭ بەزىبىر ناچار ئادەتلىرىنى كىچىك ۋاقتىدا ئۆزگەرتىش نىسبەتەن ئاسانغا توختايدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号