مەن كىچىكىمدىن باشلاپلا، دادامنىڭ ئۈنلۈك ئاۋازىغا ئادەتلىنىپ كەتكەن. مەيلى كىم بىلەن سۆزلەشمىسۇن، ئۇ كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ، ئاۋازلىرىنى قوڭغۇراقتەڭ چىقىرىپ سۆزلىشەتتى. دادامنىڭ ئاكىسىنىڭ گەپ قىلىش ئۇسۇلى دادامنىڭكىگە ئوخشايدىغان بولۇپ، ئانامنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، ئاكا-ئۇكا ئىككەيلەننىڭ گەپ قىلىشى توۋلىشىپ سوقۇشۇۋاتقانغا ئوخشاپ قالاتتى.
كىيىنچە مەن چوڭ بولۇپ ياتلىق بولغاندىن كىيىن، مەن قېيىنئانام ۋە قېيىنئاتامنىڭ سۆزلەش ئۇسۇلىنىڭ باشقىچە ئىكەنلىكىنى بايقىدىم؛ ئۇلار ئەزەلدىن ئۈنلۈك ئاۋازدا گەپ قىلمايتتى، تۇرمۇشتىكى كىچىك ئىشلارنىمۇ پەس ئاۋازدا، ئاستا-ئاستا ھەم بىر-بىرلەپ سۆزلەيتتى. بۇ ۋاقىتتا مەن ئاندىن، ئەسلىدە ئۆز-ئارا سۆزلىشىش ئۇسۇلىنىڭ بۇ تەرىقىدە بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتكەن ئىدىم.
بۇ ۋاقىتتا مەن ئادەتتە بالىلارغا تەربىيە ئىشلىگەندە، سۆزلە سۆزلە ئۆزىمىزمۇ سەزمىگەن ھالدا ئاۋازىمىز يۇقىرىلاپ، سۆزلىرىمىزنىڭ ئورامىغا كەيپىياتىمىز ئارىلىشىپ قالىدىغانلىقىنى ئويلاپ يەتتىم. بىز ئادەتتە بالىلارنىڭ بىزنىڭ چىرايىمىزغا قاراپ ئىش تۇتۇشقا ئىش كۆرۈشكە مەجبۇرلاپ، ئۇلارنىڭ بىزنىڭ ئاۋازىمىزنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكىگە قاراپ، ئەھۋالنىڭ ئېغىر يىنىكلىكىگە ھۆكۈم قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەنمىز.
سۆزلەش—ئۇ بىر خىل سەنئەتتۇر. بىز بالىلارغا قانداق سۆزلەش، قانداق گەپ قىلىشنى ئۆگىتىمىز دىسەك، ئۇنداقتا ئاۋال ئۆزىمىزنىڭ ئەمىلىيىتى ئارقىلىق، ئۇلارغا ئۈلگە بولىشىمىز لازىم بولىدۇ.
ئىلگىرى ئاڭلىغان بىر بۆلەك سۆز ئىسىمگە كىلىپ، بۈگۈن بۇ يەردە بۇ بىر بۆلەك سۆزنى ئوتتۇرغا قويماقچى بولدۇم؛ كۆپچىلىكنىڭ ماڭا ئوخشاش بۇ سۆزلەرنى ئىسىدە چىڭ ساقلىشى ھەمدە بالىلارغا گەپ قىلغاندا بۇلارغا ئەمەل قىلىشىنى ھەمدە بالىلارغا گەپ قىلىش توغرىسىدا تەربىيە ئىشلىگەندە، بۇ نوقتىلارنى ئۇلارغىمۇ ئۈگىتىپ قويىشىنى ئۈمىد قىلىمەن:
جىددى ئىشنى ئاستا-ئاستا سۆزلەڭ؛
چوڭ ئىشلارنى ئىنىق قىلىپ سۆزلەڭ؛
كىچىك ئىشلارنى قىزىقارلىق قىلىپ سۆزلەڭ؛
ئىنىق بىر نىمە دىيەلمەيدىغان ئىشنى ئىھتىيات بىلەن سۆزلەڭ؛
يۈز بەرمىگەن ئىشنى يالغاندىن توقۇپ سۆزلىمەڭ؛
قىلالمايدىغان ئىشقا قالايمىقان ۋەدە بەرمەڭ؛
باشقىلارغا زىيان يەتكۈزىدىغان ئىشنى قەتئى سۆزلىمەڭ؛
يىرگىنىشلىك ئىشلارنى سۆزلىگەندە، ئىش ئۈستىدە توختىلىڭ، ئۇنىڭغا ئادەم چېتىۋالماڭ؛
خۇشاللىنارلىق ئىشلارنى سورۇنغا قاراپ ئاندىن سۆزلەڭ؛
نىمە ئۈچۈن تۆۋەن ئاۋاز تەربىيىسى ئېلىپ بارىمىز؟
تۆۋەن ئاۋاز تەربىيىسى، بالىلارغا تەربىيە ئىشلىگەن ۋاقىتتا ۋاقىراپ-جاقىراپ سۆزلەشنىڭ ئەكسىچە بولغان بىر خىل تەربىيە ئۇسۇلىدۇر. ئاتا-ئانىلار ياكى مۇئەللىملەر ھەمىشە بالىلارنى ئۈنۈملۈك باشقۇرالماي بېشى قېتىپ كىتىدۇ؛ مەيلى سىز توختىماي كوتۇلداپ، ئۇلارنى قايىل قىلىش تەربىيىسى ئېلىپ بېرىڭ ياكى ۋاقىراپ-جاقىراپ بۇيرۇق خارەكتىرلىك تەربىيە ئېلىپ بېرىڭ، بالىلار ھەر ئىككى ئەھۋالدا سىزنىڭ تەربىيىڭىزگە پىسەنت قىلىپ كەتمەيدۇ. ئەگەر ھەمىشە خاتالىق سادىر قىلغان بالىلارغا قارىتا يۇقىرى ئاۋازدا ئەيىبلەش ياكى تەنقىدلەش ئېلىپ بارساق، ئۈنۈمگە ئىرىشەلمەيلا قالماستىن، ئەكسىچە بالىلارنىڭ مىجەز-خارەكتىر يىتىلدۈرۈشى ۋە پىسخىكىلىق ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزۈپ قويىمىز. بۇنداق ۋاقىتتا تۆۋەن ئاۋاز تەربىيىسى ئىشلەشنى ئويلىشىپ كۆرۈش لازىم بولىدۇ.
تۆۋەن ئاۋاز تەربىيىسىنىڭ ئىلمى ئاساسى
پىسخىلوگىيە ئالىملىرى قانداق ئىشلارنى ئىپادىلەشكە قايسى خىلدىكى ئاۋاز ئاھاڭى ئشىلىتىش توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ئوخشاش بىر ئىشقا نىسبەتەن، ئوخشاش بولمىغان ئاھاڭ قوللانغان ۋاقىتتا، ئوخشاش بولمىغان ئۈنۈمگە ئىرىشىدىغانلىقىنى بايقىغان؛ ئادەتتە چوڭلار بالىلارنى تەنقىدلىگەن ۋاقىتتا، پەس ئاۋاز بىلەن سۆزلىسە، بالىلار تېخىمۇ ئاسان قوبۇل قىلالايدىكەن، بۇنىڭ سەۋەبى:
1. تۆۋەن ئاۋاز ئادەمنىڭ ئىدارىكىنى ساقلاشقا ۋە كەيپىياتىنى نورمالراق تۇتۇشقا پايدىلىق بولىدىكەن ھەمدە بالىلارنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ۋە تەتۈرلۈك قىلىش پىسخىكىسىنىڭ مۇداپىئە چېكىنىڭ بوشىشىنى پەيدا قىلىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇشقا پايدىلىق بولىدىكەن.
2. بالىلارغا تۆۋەن ئاۋازدا تەربىيە ئىشلىگەندە، ئۇلارنىڭ ئاڭلاش دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈشكە بولۇپلا قالماي، يەنە بالىلارنىڭ يۇقىرى ئاۋاز ئىشلىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولىدىكەن. ئادەتتە تۇرمۇشىمىزدا دائىم ئۇچرايدۇ: چوڭلار يۇقىرى ئاۋازدا بالىلارنى ئەيىبلەپ تىللايدۇ، بالىلارنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىدىغان ئاۋازىمۇ پەس بولمايدۇ؛ بۇ سەۋەپتىن ئىككى تەرەپنىڭ كەيپىياتى بارغانسىرى ھاياجانلىنىپ، ئاخىرىدا چوڭلارمۇ ئاچچىق يۇتۇۋالىدۇ، بالىلارمۇ قايىل بولمايدۇ.
3. تۆۋەن ئاۋاز غەزەپلىنىشنى پەسەيتەلەيدۇ. ئاتا-ئانا بولسا، بالىلارنىڭ ھاياتىدىكى ۋەزىپە ئۆتەش ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن بولغان مۇئەللىم ھىسابلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە چوڭلارنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرىنىڭ بالىلارغا بولغان تەسىرى ئەڭ چوڭ؛ شۇڭلاشقا بىر ئىشلاردا ئاسان تىرىكىدىغان، ئۆزىنى بېسىۋالالمايدىغان، گەپ باشلا باشلىمايلا يۇقىرى ئاۋازدا ئەيىپلەپ تىللاپ كىتىدىغان ئاتا-ئانىلارنىڭ مىجەزى، چوقۇم ئۇلارنىڭ بالىسىغىمۇ يۇشۇرۇن تەسىر كۆرسىتىپ يۇقۇش تەسىرى بىرىدۇ.
تۆۋەن ئاۋاز تەربىيىسى كونكىرتنى ئۇسۇللىرى
1. بالىلارنى تەنقىد قىلغاندا تۆۋەن ئاۋازدا سۆزلەش كىرەك. تۆۋەن ئاۋاز ئادەمنىڭ ئىدارىكىنى ساقلاشقا ۋە كەيپىياتىنى نورمالراق تۇتۇشقا پايدىلىق ھەمدە بالىلارنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ۋە تەتۈرلۈك قىلىش پىسخىكىسىنىڭ مۇداپىئە چېكىنىڭ بوشىشىنى پەيدا قىلىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇشقىمۇ پايدىلىق بولىدۇ. بالىلارغا تۆۋەن ئاۋازدا تەربىيە ئىشلىگەندە، ئۇلارنىڭ ئاڭلاش دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈشكە بولۇپلا قالماي، يەنە بالىلارنىڭ يۇقىرى ئاۋاز ئىشلىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولىدۇ. ئادەتتە تۇرمۇشىمىزدا ھەمىشە كۆرۈپ تۇرىمىز: چوڭلار يۇقىرى ئاۋازدا بالىلارنى ئەيىبلەپ تىللايدۇ، بالىلارنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىدىغان ئاۋازىمۇ پەس بولمايدۇ؛ بۇ سەۋەپتىن ئىككى تەرەپنىڭ كەيپىياتى بارغانسىرى ھاياجانلىنىپ، ئاخىرىدا چوڭلارمۇ ئاچچىق يۇتۇۋالىدۇ، بالىلارمۇ قايىل بولمايدۇ.
2. توغرا بولغان ئاھاڭ ۋە سۆز-ئىبارىلەرنى قوللانماق لازىم. نۇرغۇن ئاتا-ئانىلارغا نىسبەتەن، ئۆزىنى كونتىرول قىلىپ بالىلارنى تەنقىد قىلماسلىق ناھايىتى تەسكە توختايدىغان بىر ئىش؛ شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز گەپ باشلاشتىن بۇرۇن ياخشى ئويلىنىپ، توغرا بولغان ئاھاڭ ۋە سۆز-ئىبارىلەرنى قوللانساق، ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. مەسىلەن، "مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن، ئەمما سىزنىڭ قىلمىشىڭىزنى قۇبۇل قىلالمايمەن" دىسەك، بۇ خىل گەپ ئاڭلىماققا غەلىتە تۇيۇلسىمۇ، ئەمما بىرەردەم ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن، بالا تەبىئىلا سىزنىڭ نىمە دىمەكچى بولغىنىڭىزنى چۈشىنىپ يىتىدۇ.
3. سىز بالىلارنىڭ ئورۇندىشىنى ئۈمىد قىلغان تەلەپنى ئۇلارغا ياخشى چۈشەندۈرۈپ قويماق لازىم. مەسىلەن، بالىلارنى ئېلىپ ماگزىن ياكى تاللا بازىرىغا ئايلىنىشقا چىققان ۋاقىتتا، ئۇلارنى نەرسە-كىرەكلەرنى قالايمىقان تۇتماسلىقنى ئېيتىش ھەمدە ئەگەر بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلساقانداق ئاقىۋەت ئېلىپ كىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بىرىش لازىم. سىز باشتىن ئاياغ تۇلۇق چۈشەنچە بەرسىڭىز بولىدۇ، يۇقىرى ئاۋازدا تەھتىد سېلىشىڭىز بىھاجەت.
4. بالىلارنىڭ غۇرۇرىغا تىگىدىغان سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلەتمەسلىك لازىم. ھەل قىلماقچى بولغان مەسىلە ئۈستىدىلا توختىلىپ، بالىلاردىن خالىغانچە ئاچچىقىمىزنى چىقارماسلىقىمىز، ئۇلارنىڭ غۇرۇرىغا تىگىدىغان سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىشىمىز لازىم.
ھەممە بالىلار باشقىلارنىڭ(ئەلۋەتتە، ئاتا-ئانىسىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە) ھۆرمىتىگە ئىرىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بۇ خىل ھۆرمەت ۋە ئىشەنچ بولسا بالىلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزىدىغان بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ ئالغا ئىلگىرلىشىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىدۇر. ھەر بىر ئاتا-ئانا ئۆز بالىسىنىڭ ياراملىق ئادەم بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ؛ ئەمما ئۇرۇپ-تىللاپ تەربىيە ئىشلەش ھەرگىزمۇ ياخشى ئۇسۇل ئەمەس، بۇنىڭ كۆرسىتىدىغان ئۈنۈمىمۇ ئۇزۇنغا بارمايدۇ.