ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بالىلاردىكى شۆلگەي ئېقىش ھادىسىسى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-11-29 كۆرۈلىشى : قېتىم
    بالىلاردىن شۆلگەي ئېقىپ قېلىش، بوۋاق بالىلاردا بىرقەدەر كۆپ كۈرۈلىدىغان ئەھۋال بولۇپ، ئاتا-ئانىلار بىلىشكە تىگىشلىك بولغىنى، بوۋاقلارنىڭ شۆلگىيى ئىچىدە، ئەمىلىيەتتە نۇرغۇن كىسەللىك ۋە ساغلاملىق جەھەتتىكى سىگناللار يۇشۇرۇنغان بولىدۇ. بۈگۈن بىز دەل بۇ ھەقتىكى ساۋاتلارنى كۆرۈپ باقايلى.

بوۋاقلاردىن نىمە ئۈچۈن شۆلگەي ئېقىپ قالىدۇ؟
    1. 1-2 ئەتراپىدىكى بالىلارنىڭ شۆلگىيى ئېقىپ قېلىش نورمال ئەھۋال؛ بالىلار ئادەتتە 6 ئايلىق بولغاندىن كىيىن، ئۇلارنىڭ  شۆلگەي بېزىنىڭ ئىقتىدارى ئاندىن تۇلۇق يىتىلىپ بولىدۇ؛ شۇڭلاشقا، 6 ئايلىق بولغاندىن باشلاپ، بالىلارنىڭ شۆلگىيى ئېقىشى تېخىمۇ كۆپىيىدۇ.
    2. 6 ئايلىققا توشقاندىن كىيىن، بالىلارنىڭ چىشى چىقىشقا باشلاپ، ئۇلارنىڭ چىش مىلىكى ئورگانىزىملىرى يىنىك دەرىجىدە ئىششىشقا باشلايدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ چىش مىلىكى نىرىپلىرىنى غىدىقلاپ، ئۇلارغا سۈت چىش چىقىشى سەۋەپلىك تېخىمۇ كۆپ شۆلگەي ئاجرىتىپ چىقىشنى پەيدا قىلىدۇ.
   3. بالىلاردا ئەگەر تەمرەتكە تىپىدىكى ئېغىز بوشلۇغى ياللۇغى، ئېغىز بوشلۇغى يارىسى قاتارلىق كىسەللىكلەر بار بولسا، شۆلگەي بېزى ئاغرىق سەۋەبىدىن غىدىقلىنىشقا ئۇچراپ، كۆپ مىقداردا شۆلگەي ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ ھەمدە شۆلگەينىڭ ھەممىنى يۇتۇۋىتەلمەي ئېغىزىدىن ئېقىپ چىقىدۇ.
    4. بۇرۇن ياللۇغى، بۇرۇن پۈتۈش، بەز يوغىناپ كىتىش، قالقانسىمان بەز ئىششىش قاتارلىق نەپەسلىنىش يوللىرى كىسەللىكلىرى بار بالىلار، ئېغىزىنى ئېچىپ نەپەسلىنىشكە ئادەتلەنگەن بولغاچقا، ئاسانلا شۆلگەي ئېقىپ قېلىش كۆرۈلىدۇ.
   5. ئېغىز ھەۋىسى مەزگىلى(بوۋاقلاردىكى قولىنى ياكى باشقا نەرسىلەرنى ئېغىزىغا سېلىپ شۈمۈرۈشنى ياخشى كۆرىدىغان ھالەت)دىكى بالىلار ھەمىشە قولى، كىيىمى، ئويۇنچۇقى قاتارلىق نەرسىلەرنى شۈمۈپ چىشلەپ، نىمە كۆرسە شۇنى ئېغىزىغا سالغۇسى كىلىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، ئېغىز بوشلۇقى غىدىقلىنىشقا ئۇچراپ، شۆلگەي ئاجرىلىپ چىقىشنى كۆپەيتىۋىتىدۇ.

بالىلاردىكى شۆلگەي ئېقىپ قېلىشنى ئاسراش
   1. ھەر دائىم ئۇنىڭدىكى ئاققان شۆلگەيلەرنى سۈرتىۋىتىپ تۇرۇش لازىم. سۈرتكەن ۋاقىتتا كۈچىمەي يىنىك سۈرتۈش كىرەك؛ بولمىغاندا بالىلارنىڭ تىرىسىنى زەخمىلەندۈرۈپ قويۇشىمىز مۇمكىن.
   2. بالىلارنىڭ ئېغىزى ئەتراپىدىكى شۆلگەي ئاققان جايلىرىنى دائىم ئىلمان سۇدا يۇيۇپ بىرىپ، ماي سۈرۈپ قويىشىمىز لازىم؛ بۇنىڭدا ئۇلارنىڭ زاڭاق ۋە بويۇن قىسىملىرىدىكى تىرىسىنى قوغداش ئۈنۈمىگە ئىرىشكىلى بولىدۇ.
   3. بالىلارنىڭ شۆلگىيىنى سۈرتۈشكە ئىشلەتكەن قولياغلىق، ماتىريالى يۇمشاق بولۇشى كىرەك ھەمدە دائىم يۇيۇپ دەزماللاپ تۇرىشىمىز كىرەك. بۇنىڭدا يۇمشاق پاختا رەختلىك قولياغلىق ئىشلەتسەك ئەڭ ياخشى.
   4. ئەگەر بالىلاردىكى شۆلگەي ئېقىش ئەھۋالى زىيادە ئېغىر بولسا، ئۇنداقتا بالىلارنى دوختۇرغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقىدا كىسەللىك ئەھۋالى بارمۇ يوق، يۇتۇش ئىقتىدار نورمالمۇ ئەمەس تەكشۈرتۈپ بېقىش كىرەك.
   5. بالىلار دۈم يېتىپ ئۇخلىغان ۋاقىتتا شۆلگىيى ئېقىپ قالسا، ئۇلارغا باشقا زىيانلىق تەسىرى كۆرۈلمەيدۇ، ئەمما ۋىرۇسلار پەيدا بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىن ئېلىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ياستۇقىنى دائىم يۇيۇپ ئاپتاپقا سېلىپ بىرىش كىرەك.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号