ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
تۇغۇتتا قانداق قىلىپ تىز سۈرئەتتە ئىنىرگىيە تۇلۇقلىغىلى بولىدۇ؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-11-24 كۆرۈلىشى : قېتىم
    بالا تۇغۇشقا(بولۇپمۇ ئۆزى تەبىئى تۇغقاندا) كۈچ بولمىسا بولمايدۇ، بىراق تۇغۇش ئالدىدىكى ھامىلدار ئاياللارنىڭ تولغاق ئازابى سەۋەبىدىن نەرسە-كىرەك يىگۈدەك كۆڭلى ۋە مادارى بولمايدۇ، شۇڭلاشقا ئىنىرگىيىنى تىز سۈرئەتتە تۇلۇقلاش ئالدىن تاللاشتۇر. ئۇنداقتا تۇغۇت ئالدىدا تۇرۋاتقان ئاياللار قانداق قىلغاندا تىز سۈرئەتتە ئىنىرگىيە تۇلۇقلىيالايدۇ؟ ئەمىلىيەتتە تۇغۇت ئالدىدىكى ئوخشىمىغان ۋاقىت بۆلىكىدە، ئوخشاش بولمىغان يىمەكلىكلەرنى يىسە بولىدۇ.
تۇغۇت بىرىنچى باسقۇچى
    تۇغۇت بىرىنچى باسقۇچى، ھامىلدار ئايالنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان كۈرەش ئېلىپ بارىدىغان ۋاقىت بۆلىكى بولۇپ، ئادەتتە 10 سائەت ئەتراپىدا داۋاملىشىدۇ، بۇ مەزگىل ھەم ئىنىرگىيە تۇلۇقلاشنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق مەزگىلى ھىسابلىنىدۇ. بۇ ۋاقىت بۆلىكىنىڭ داۋاملىشىشى بىرقەدەر ئۇزۇن بولغانلىقتىن، تۇغۇت ئالدىدىكى ئايالنىڭ ئۇيقۇسى، ئارام ئېلىشى ۋە تاماق يىيىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تولغاق سەۋەبىدىن تەسىرگە ئۇچرايدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن، ئوڭۇشلۇق ھالدا تۇغۇشقا يىتەرلىك مادارى بار بولۇش ئۈچۈن، ھامىلدار ئاياللار بۇ باسقۇچتا ئىمكان قەدەر بىر نەرسە يىيىشى كىرەك. تۇغۇت ئالدىدىكى ئاياللار ھەرگىز ئاغرىق سەۋەبىدىن يىمەكلىك يىمەسلىكىنى تاللىماسلىقى كىرەك؛ بۇ ۋاقىتتا ئىمكان قەدەر يىمەكلىك يەپ ئىنىرگىيە تۇلۇقلىۋالغاندا، ئاندىن ئوڭۇشلۇق تۇغۇشقا كىرەكلىك ماغدۇر توپلىيالايدۇ.
    بۇ باسقۇچتىكى يىمەكلىك جەھەتتىكى تەۋسىيە: ئالدى بىلەن يىمەكلىك ھەر جەھەتتىن تەڭپۇڭ بولىشى كىرەك؛ قەنت تەركىبى، ئاقسىل تەركىبى ۋە ۋىيتامىن تەركىبى مول بولغان يىمەكلىكلەر، تۇغۇت ئالدىدىكى ئاياللار ئۈچۈن مۇستەھكەم بىر بەدەن ئىنىرگىيە مىخانىزىمى قۇرۇپ چىقالايدۇ؛ بۇ ۋاقىتتا ئەڭ ياخشىسى سۇيۇقراق كەلگەن ياكى ناھايىتى بەك يۇمشاق پىشۇرۇلغان، ئاسان ھەزىم بولىدىغان يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىش كىرەك؛ مەسىلەن، سۇيۇقئاش، شورۋىگۈرۈچ، چۆچۈرە، بولكا دىگەندەك.
تۇغۇت ئىككىنچى باسقۇچى
    تۇغۇت ئىككىنچى باسقۇچىغا كىرگەندىن كىيىن، بالىياتقۇنىڭ تارىيىشى تەدرىجى ھالدا رېتىملىق بولۇپ ئۆزگىرىشكە باشلايدۇ، ھەمدە تولغاقمۇ تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە قېتىم سانى كۆپ بولۇشقا باشلايدۇ؛ قاتتىق ئاغرىق، تۇغۇت ئالدىدىكى ئاياللارنىڭ بەدىنىدىكى ئىنىرگىيىنى تىز سۈرئەتتە خورىتىۋىتىدۇ.
    بۇ باسقۇچتىكى يىمەكلىك جەھەتتىكى تەۋسىيە: بۇ باسقۇچتا تۇغۇت ئالدىدىكى ئاياللارغا ئەڭ ياخشىسى مايلىق، خام ياكى سۇغۇق دىگەندەك غىدىقلاش خارەكتىرىگە ئىگە يىمەكلىكلەرنى ۋە ئاقسىل مىقدارى بەك يۇقىرى، ئۇزۇندا ئاندىن ھەزىم بولىدىغان يىمەكلىكلەرنى بەرمەسلىك كىرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ باسقۇچتا، تۇغۇت ئالدىدىكى ئايالنىڭ تاماق يىگۈدەك ھالى قالمىغان بولۇشى مۇمكىن، شۇڭلاشقا سۇيۇق يىمەكلىكلەرنى بەرسەك بولىدۇ؛ مەسىلەن، مىۋە شەربىتى، قىزىل شىكەر سۈيى دىگەنلەرگە ئوخشاش. بۇندىن باشقا، بۇ باسقۇچتا يەنە سۈت، شاكىلات، قۇۋۋەت ئىچىملىكى قاتارلىق يۇقىرى ئىنىرگىيىلىك يىمەكلىكلەرنى بەرسەكمۇ بولىدۇ؛ بۇنىڭدا ئىستىمال قىلماقمۇ ئاسان بولىدۇ، ھەمدە ۋاقتىدا بەدەنگە ئىنىرگىيە ۋە ماغدۇر تۇلۇقلاش ئۈنۈمىگە ئىرىشكىلى بولىدۇ.
تۇغۇت ئۈچىنچى باسقۇچى
     بۇ تۇغۇت ئالدىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر باسقۇچ بولۇپ، بۇ ۋاقىت بۆلىكى ئادەتتە بەك ئۇزۇن بولمايدۇ، شۇڭا دوختۇرلار تۇغۇت ئالدىدىكى ئاياللارنى بۇ ۋاقىت بۆلىكىدە يىمەكلىك ئىستىمال قىلىشىغا قوشۇلمايدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇغۇت ئالدىدى ئايالنىڭمۇ، بۇ مەزگىلدە بىرەر نەرسە يىگۈدەك ھالى قالمىغان بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号