ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بالىلاردا كۆرۈلىدىغان ئىككى رەت چىش چىقىپ قېلىش ھادىسىسى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-11-23 كۆرۈلىشى : قېتىم
    بەلكىم سىزمۇ ئۇچرىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن! نۇرغۇن بالىلاردا چىشى چۈشۈپ كەتمەي تۇرۇپ، ھازىرقى چىشىنىڭ كەينىگە چىش چىقىپ، ئىككى رەت چىشى بار بولۇپ قالىدۇ؛ ئۇنداقتا بۇ زادى نىمە ئۈچۈن؟ بۇنىڭدا، ئاتا-ئانىلار ئالدى بىلەن ئۆزىدىن "بالىلارنىڭ يىمەكلىكىنى بەك يۇمشاق قىلىۋەتتىممۇ نىمە" دەپ سوراپ بېقىشى كىرەك. بالىلارغا ھەر كۈنى شورۋىگۈرۈچ بىلەن بولكا يىگۈزۈش، مىۋە-چىۋىلەرنىمۇ ئۇششاق توغراپ بىرىش، قاتتىق يىمەكلىكلەرنى چىشىنى ئاغرىتىدۇ دەپ بالىلارغا بەرمەسلىك....، يىمەكلىك بەك يۇمران ۋە يۇمشاق ياكى چاينىمىسىمۇ يۇتۇۋەتكىلى بولىدىغان بولۇش، ئىككى رەت چىش چىقىش ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان سەۋەپ.
     ئادەتتە كۆكتات ۋە گۆش توغرايدىغان قىڭراقلارنى قانچىكى ئىشلەتسەك شۇنچە ئىتتىك كىسىدىغان بولىدۇ، ئەمما ئۇزۇن مەزگىل ئىشلەتمەي قويۇپ قويساق، ئەكسىچە گاھالشىپ كەسمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ، بالىلارنىڭ چىشىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش بولىدۇ. ئەگەر بالىلار ياخشى بولغان چايناش ئادىتى يىتىلدۈرمىسە، ئۇلارنىڭ سۈت چىشى يىتەرلىك فىزىلوگىيىلىك غىدىقلاشقا ئىرىشەلمەي، ئۆزلىكىدىن چۈشۈپ كىتىدىغان مەزگىل يىتىپ كەلسىمۇ، يەنىلا چۈشۈپ كەتمەيدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئۆمۈرلۈك چىش ئۆسۈپ چىقماقچى بولغاندا، چىقىدىغان يەر تاپالماي، ئامالسىز چىش مىلىكىنىڭ يان تەرپىدىن ئۆسۈپ چىقىشقا مەجبۇر بولىدۇ.
    شۇنىڭ ئۈچۈن، بالىلارغا ئىزچىل تۈردە يۇمشاق ھەم ئاسان چاينىغىلى بولىدىغان يىمەكلىكلەرنى يىگۈزۈشتىن ساقلىنىش لازىم. بولۇپمۇ بالىلار ئىككى يېرىم ياش ئەتراپىغا يەتكەندىن كىيىن(بۇ ۋاقىتتا بارلىق سۈت چىشلىرى ھەممىسى تولۇق چىقىپ بولىدۇ)، بالىلارغا دانلىق زىرائەت يىمەكلىكلىرى ۋە مىۋە-كۆكتات قاتارلىق تالا ماددا تەركىبى مول بولغان يىمەكلىكەرنى بىرىش كىرەك. بۇنداق ۋاقىتتا، قوناقنىمۇ بىر تالدىن ئۇۋاپ بىرىمەن دىمەڭ، ئالمىنىمۇ ئۇششاق توغراپ بەرمەڭ؛ بالىڭىزغا چايناش ۋە غاجىلاش ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرىدىغان پۇرسەت بىرىڭ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号