ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بىر ئانىنىڭ بالىسىغا تەربىيە ئىشلەش ھىكايىسى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-11-22 كۆرۈلىشى : قېتىم
     ئانا بىرىنچى قېتىم ئاتا-ئانىلار يېغىنىغا قاتناشقان ۋاقىتتا، يەسلى ئوقۇتقۇچىسى ئۇنىڭغا دەپتۇ: "ئوغلىڭىزنىڭ جىم تۇرالماسلىق كىسىلى بار؛ ئۇ ئورۇندۇقتا ئۈچ مىنۇتمۇ ئولتۇرالمايدۇ، سىز ئەڭ ياخشىسى ئۇنى دوختۇرغا كۆرسىتىپ بېقىڭ!"
    ئۆيگە قايتىش يولىدا، ئوغلى ئانىسىدىن مۇئەللىمنىڭ نىمىلەرنى دىگەنلىكىنى سوراپتۇ؛ ئانىنىڭ بۇرۇنلىرى ئېچىشىپ، يىغلاپ سالغىلى تاسلا قاپتۇ. چۈنكى پۈتۈن سىنىپتىكى 30 ئوقوغۇچى ئىچىدە ئوغلىنىڭ ئىپادىسى ئەڭ ناچار بولۇپ، مۇئەللىمۇ پەقەت ئوغلىغىلا، ياراتماسلىق ئىپادىسىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
    بىراق ئانا يەنىلا ئوغلىغا ھەقىقى ئەھۋالنى دىمەپتۇ؛ ئۇ ئوغلىغا مۇنداق دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ: "مۇئەللىمىڭ سىنى ماختىدى؛ ئۇنىڭ دىيىشىچە، سەن ئەسلى ئورۇندۇقتا بىر مىنۇتمۇ جىم ئولتۇرالمايدىكەنسەن، بىراق سەن ھازىر ئۈچ مىنۇت جىم ئولتۇرالايدىغان بولۇپسەن. باشقا ئانىلارنىڭ ھەممىسى ماڭا شۇنداق ھەۋەسلىنىپ كەتتى، چۈنكى پۈتۈن سىنىپ بويىچە پەقەت سەندىلا ئالغا ئىلگىرلەش بار ئىكەن."
     شۇ كۈنى كەچتە ئوغلى ئۆمرىدە تۇنجى بولۇپ ئىككى چىنە گۈرۈچ ئېشى يىدى ھەمدە ئانىسىنى يىگۈزگىلىمۇ سالمىدى....
     ئوغلى باشلانغۇچ مەكتەپكە چىقتى.
    ئاتا-ئانىلار يېغىنىدا، مۇئەللىم دىدى: "بۇ قېتىملىق ماتېماتىكا ئىمتاھانىدا، پۈتۈن سىنىپتىكى 50 ئوقۇغۇچىنىڭ ئىچىدە، سىزنىڭ ئوغلىڭىز قىرىقىنچى ئورۇنغا تىزىلىپتۇ؛ بىز ئۇنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىدا مەسىلە بارمىكىن دەپ گۇمانلايمىز، سىز ئەڭ ياخشىسى ئۇنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈپ بېقىڭ."
    ئۆيگە قايتىش يولىدا ئانا ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي يىغلاپ سالدى. بىراق ئۇ ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن، تاماق ئۈستىلىدە ئولتۇرغان ئوغلىغا مۇنداق دىدى: "مۇئەللىمنىڭ ساڭا بولغان ئىشەنچىسى ناھايىتى يۇقىرى ئىكەن. ئۇنىڭ دىيىشىچە، سەن دۆت ئەمەسكەنسەن؛ سەن پەقەت يەنە ئازاراق ئەستايىدىل بولۇپ، دەرسكە كۆڭۈل بۆلسەڭ، چوقۇم پارتىدىشىڭدىن ئېشىپ كىتەلەيدىكەنسەن. پارتىدىشىڭ بۇ قېتىم يىگىرمە بىرىنچى بولۇپتۇ."
    بۇ گەپلەرنى قىلىۋىتىپ، ئۇ ئوغلىنىڭ خىرەلەشكەن كۆزلىرىنىڭ تۇيۇقسىزلا نۇرلىنىپ، تۇتۇلۇپ كەتكەن چىرايىنىڭمۇ بىردىنلا ئېچىلىپ كەتكەنلىكىنى بايقىدى. ئۇ ھەتتا ئوغلىنىڭ ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىدە گەپ ئاڭلايدىغان بولۇپ كەتكىنىنى بايقىدى. ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەن ئوغلى مەكتەپكە كۈندىكىگە قارىغاندا بۇرۇن باردى.
     ئوغلى تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن كىيىنكى يەنە بىر قېتىملىق ئاتا-ئانىلار يېغىنى.
    ئانا ئوغلىنىڭ ئورنىدا ئولتۇرۇپ، مۇئەللىمنىڭ ئوغلىنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ تەنقىدلىشىنى كۈتۈپ ئولتۇردى؛ چۈنكى بۇندىن ئىلگىركى ھەر بىر قېتىملىق ئاتا-ئانىلار يېغىنىدا، ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ ئىسمى ناچار ئوقۇغۇچىلار قاتارىدا تىلغا ئېلىناتتى. ئەمما بۇ قېتىم ئويلىمىغان يەردىن، ئاتا-ئانا يېغىنى ئاخىرلاشقۇچىلىك، مۇئەللىم ئۇنىڭ ئوغلىنى ئىسمىنى تىلغا ئالمىدى....
    ئۇ ئاز-تولا كۆنەلمىگەندەك ھىس قىلىپ، يېغىندىن تارقىغاندا مۇئەللىمدىن ئوغلىنىڭ ئەھۋالىنى سورىدى. مۇئەللىم ئۇنىڭغا، "سىزنىڭ ئوغلىڭىزنىڭ ھازىرقى ھالىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇنىڭ نوقتىلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆتىشىدە چوڭ ئۈمىد يوق" دىدى.
    ئانا ناھايىتى خۇشال كەيپىياتتا مەكتەپتىن چىقتى؛ بۇ ۋاقىتتا ئوغلى ئۇنى ساقلاپ تۇراتتى. يولدا ئۇ ئوغلىنىڭ مۈرىلىرىنى قولتۇقلاپ تۇرۇپ مۇنداق دىدى: "سىنىپ مۇدىرىڭ سەندىن بەك رازى ئىكەن؛ ئۇنىڭ دىيىشىچە، سەن داۋاملىق تىرىشساڭلا، نوقتىلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆتۈشتە يەنىلا زور ئۈمىد بار ئىكەن. "
     ئوغلى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىمۇ پۈتتۈرۈپتۇ.
    بىرىنچى تۈركۈمدىكى ئالى مەكتەپلەرنىڭ چاقىرىقى چۈشكەن ۋاقىتتا، مەكتەپ ئانىغا تېلفون قىلىپ، ئوغلىنىڭ مەكتەپكە بىر كېلىپ كېتىشىنى ئۇقتۇردى. ئانىنىڭ يۈرىكى تۇيۇپ تۇراتتى، ئوغلى چوقۇم چىڭخۇا ئونۋىرستىتىغا قوبۇل قىلىنغان بولۇشى مۇمكىن ئىدى؛ چۈنكى ئارزۇ توشقۇزۇدىغان ۋاقىتتا، ئۇ ئۆزىنىڭ ئوغلىنىڭ بۇ مەكتەپكە ئۆتەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.
 
    ئوغلى مەكتەپتىن قايتىپ كىلىپ، ئۈستىگە "چىڭخۇا ئونۋىرستىتى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى" دىگەن خەتلەر بېسىلغان پوچتا يوللانمىسىنى ئانىسىغا بەرگەندىن كىيىن، كەينىگە ئۆرۈلۈپلا ياتاق ئۆيىگە كىرىپ، بىر تەرەپتىن يىغلىغاچ بىر تەرەپتىن ئانىسىغا دىدى: "ئاپا، مەن ئۆزۈمنىڭ ئۇنچە بەك ئەقىللىق بالا ئەمەس ئىكەنلىكىنى بىلىمەن؛ بىراق بۇ دۇنيادا، پەقەت سىزلا ماڭا ئىشىنىسىز ھەم مەدەت بىرىپ رىغبەتلەندۈرىسىز...."

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号