ئاياللارنىڭ ئەڭ كىيىنكى تۇغۇت يېشى نەچچە ياش؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-11-19 كۆرۈلىشى : قېتىم
ھەممە ئايال كىشى ئانا بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان بولۇپ، بۇ ئاياللارنىڭ تۇغۇلۇشىدىنلا بار بولىدىغان بىر خىل ئالاھىدىلىكىدۇر؛ شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار بارلىق قىيىنچىلىق ۋە بېسىملارنى يىڭىپ چىقىپ، ياخشى بىر ئانا بولۇش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ تەدرىجى ھالدا ئىككىنچى بالىلىق بولۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇنلىغان ئانىلار ئىككىنچى بالىغا ھامىلدار بولۇشقا تەييارلىق كۆرۈشكە باشلىدى؛ ھەتتا بەزى 40 نەچچە ياشلارغا كىرىپ قالغان ئاياللارمۇ بۇ سەپكە قېتىلدى. ئەمما بۇنداق يۇقىرى ياشتاھامىلدار بولسا راستىنلا ياخشى بولارمۇ؟ دىققىتىڭىز تۆۋەندىكى مەزمۇنلاردا بولسۇن!

ئاياللارنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارى نورمال بولىدىغان مەزگىل، ئەمىلىيەتتە كۆپچىلىكنىڭ ئويلىغىنىدىنمۇ ئۇزۇن بولۇپ، بىزنىڭ ئادەتتە 30 ياشتىن ئاشقان ھامىلدار ئاياللارنى يۇقىرى ياشلىق ھامىلدار ئايال دەپ ئاتىۋىلىشىمىز، ئاياللار 30 ياشتىن ئاشقاندىن كىيىن كۆپىيىش ئىقتىدارى بولمايدۇ دىگەنلىك ئەمەس، بۇ پەقەت 30 ياشتىن ئىلگىرى ئاياللارنىڭ ئەڭ ياخشى قورساق كۆتۈرۈش مەزگىلى دىگەنلىكتۇر؛ شۇڭا بالىلىق بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئاياللار ئەڭ ياخشىسى ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، 30 ياشتىن بۇرۇن ئانا بولۇشنى تاللىشى كىرەك. نۇرغۇن ئانىلار تۇنجى پەرزەنتلىك بولغاندا شۇنداق قىلغان بولسىمۇ، بىراق 30 ياشتىن بۇرۇن ئىككى پەرزەنتلىك بولۇشمۇ تازا بەك ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىككىنچى بالىغا قورساق كۆتۈرۈشنى ئويلىغان ئاياللار يەنە بىر ياش مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇش كىرەك، يەنى 35 ياشتىن بۇرۇن. چۈنكى بۇ ياش مەزگىلىدە قورساق كۆتۈرگەندە، گەرچە 30 ياشتىن ئىلگىرىكى مەزگىلگە قارىغاندا بەلگىلىك دەرىجىدە خەتەرلىك ئامىلى ساقلانسىمۇ، ئەمما بۇ مەزگىلدىكى ئاياللارنىڭ ھەر قايسى جەھەتلەردىكى بەدەن ساپاسى ۋە زىھنى قاتارلىقلار يەنىلا يىتىشىپ كىتەلەيدۇ، شۇڭا بۇ مەزگىلدە ئىككىنچى بالىغا قورساق كۆتۈرۈشمۇ بىر قەدەر مۇۋاپىق بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.

ئەمما 35 ياشتىن كىيىن قورساق كۆتۈرۈشتە، ئاياللار ھەقىقەتەن بەك قاتتىق دىققەت قىلمىسا بولمايدۇ؛ قورساق كۆتۈرۈشنى قارار قىلغان ۋاقىتتىلا ئىھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۆرمەك لازىم. چۈنكى 35 ياشتىن كىيىن ئاياللارنىڭ ھەر قايسى جەھەتلەردىن كەينىگە چىكىنىشكە باشلايدىغان بولۇپ، بۇ گەرچە ئاياللارنى بالا تۇغالماس بولۇپ قالىدۇ دىگەنلىك بولمىسىمۇ، ئەمما 35 ياشتىن كىيىن قورساق كۆتۈرگەن ئاياللار نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كىلىدۇ؛ 35 ياشتىن كىيىن قورساق كۆتۈرۈش، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە نىسبەتەن بىر قېتىملىق سىناق بولۇپلا قالماي، يەنە تېخى قورساقتىكى بالىغا نسىبەتەنمۇ بىر سىناق بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھامىلدارلىققا تەييارلىق كۆرۈش مەزگىلىدە، ئاياللار ئالدىنئالا فولىن كىسلاتاسى(叶酸) ئىچىشكە باشلىشى كىرەك؛ بۇنىڭدا ھامىيلىنىڭ غەلىتە شەكىللىنىپ قېلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدىغان بولۇپ، ھامىيلىنىڭ تېخىمۇ ساغلام بولىشىغا پايدىلىق؛ فولىن كىسلاتاسى ئىچىشنى ھامىلدار بولغاندىن كىيىنكى ئۈچ ئايغىچىلىك داۋاملاشتۇرۇش لازىم؛ بۇندىن باشقا فولىن كىسلاتاسىنىڭ يەنە، ھامىلدار ئايالنىڭ كۆڭلى ئاينىپ قۇسۇشىنى ياخشىلاش رولىمۇ بار.

ئەلۋەتتە، يۇقىرى ياشتىكى ئەر-خوتۇنلار بالا ئالماقچى بولغاندا، ھامىلدارلىققا تەييارلىق كۆرۈش باسقۇچىدىلا بەدەن تەكشۈرتۈشنى ياخشى ئېلىپ بېرىشى، ئۆزىنىڭ بەدەن ئەھۋالىنىڭ يەنە بىر قېتىم ھامىلدار بولۇش سىنىقىغا بەرداشلىق بىرەلەيدىغان ياكى بىرەلمەيدىغانلىقىنى ئىنىق چۈشەنچە ھاسىل قىلىشى كىرەك. ئەگەر ئەر-خوتۇن ھەر ئىككى تەرەپنىڭ شارائىتى ناھايىتى ياخشى بولسا، ئۇنداقتا سىناپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ؛ ئەگەر ئىچىدە بىر تەرەپنىڭ تەن جەھەتتە مەسىلە كۆرۈلسە، ئۇنداقتا چوقۇم ئاۋال تەن سالامەتلىكىگە نىسبەتەن تەڭشەش ئېلىپ بارماق لازىمدۇر. چۈنكى ھەر ئىككى تەرەپ پۈتۈنلەي ساغلام بولغان ۋاقىت ئاندىن ھامىلدار بولۇشنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلى ھىسابلىنىدۇ.

يۇقىرى ياشلىق ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، قەرەللىك تۇغۇت تەكشۈرۈشى قىلدۇرۇشتا چوقۇم چىڭ تۇرۇشى، ھەرگىز بىر قېتىم بالا تۇغۇپ باققانلىقى ئۈچۈن تەجىربەم بار دەپ قاراپ، تۇغۇت تەكشۈرتىشىگە سەل قارىماسلىقى لازىم. تۇغۇت تەكشۈرۈشى قىلدۇرغان ۋاقىتتا، دوختۇرلارنىڭ تەكلىپىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاش، داۋالاشقا تىگىشلىك ياكى دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك مەسىلىلەرگە قارىتابىخۇتلۇق پوزۇتسىيسىدە بولۇشتىن ساقلانماق لازىم؛ بولمىغاندا قورساقتىكى بالىغا زىيانكەشلىق قىلىشتىن باشقا نەتىجە كىلىپ چىقمايدۇ. نورمال ياشتىكى ھامىلدار ئاياللارغا سېلىشتۇرغاندا، يۇقىرى ياشتىكى ھامىلدار ئاياللار تېخىمۇ بەك قىلدۇرۇشقا تىگىشلىك بولغان بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈش بار بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ باش سۈيى تىشىش تەكشۈرۈشىدۇر. بۇ خىل تەكشۈرۈش ئانىنىڭ باش سۈيى ئارقىلىق ھامىيلىنىڭ خروموسوملىرىنىڭ نورمال ياكى ئەمەسلىكىنى ۋاقتىدا كۆزىتىپ بىلەلەيدىغان بولۇپ، توغرۇلۇق دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى كىلىدۇ. يۇقىرى ياشتىكى ئاياللار ھامىلدار بولغاندا، ھامىيلىنىڭ غەلىتە شەكىللىنىپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلۈش ئىھتىماللىقى بىرقەدەر يۇقىرى بولغاچقا، ھەر بىر يۇقىرى ياشتىكى ھامىلدار ئاياللار بۇ خىل تەكشۈرۈش ئۇسۇلىنىھەرگىز رەت قىلىۋەتمەسلىكى كىرەك.