ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بالىلارغا تەنقىدى تەربىيە ئىشلىگەندە بۇ نوقتىلاردىن ساقلىنىڭ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-11-18 كۆرۈلىشى : قېتىم
   تۇرمۇشىمىزدا، بالىلار تۇنۇش بولماسلىق ياكى بىپەرۋالىق قىلىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويىدۇ، بۇنداق ۋاقىتلاردا سىز قانداق بىتەرەپ قىلىسىز؟ بۇنداق ئەھۋالدا بەك قاتتىق باشقۇرۋەتسەك بالىلارنىڭ پىسخىكىسىغا تەسىر يىتىشىدىن ئەنسىرەيمىز، بىراق ئۇلارنى باشقۇرماي ئۆز مەيلىگە قويۇۋىتىشقىمۇ بولمايدۇ.
    بۇنداق ۋاقىتتا بالىلارغا ياخشى ياكى يامان باھا بىرىشكە ئالدىرماسلىقىمىز كىرەك. ئاتا-ئانىلار قورسىقىمىزنى كەڭرەك تۇتۇپ ۋە ئازراق سەۋرچان بولۇپ، مۇۋاپىق بولغان ھەم ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن كىلىدىغان تەنقىدى-تەربىيە ئۇسۇلىنى قوللانساق، بۇنىڭدا قىلغان تەنقىدى-تەربىيىمىز تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولىدۇ. ئۇنداقتا بىز تۆۋەندە ئاۋال بەزىبىر توغرا بولمىغان تەنقىدلەش ئۇسۇللىرىنى كۆرۈپ باقايلى!
قورقىتىپ تەھتىد سېلىش شەكلىدىكى تەنقىدلەش
    ۋەكىللىك مىسالى:  بۈگۈنكى ئىپادەڭگە قاراپ باققىنە، بۇندىن كىيىن سىزنى ئىككىنچى بۇ يەرگە بىرگە ئېلىپ كەلمەيمەن!
   ئانالىزى: چوڭلار بەزىدە قورقۇتۇپ تەھدىت سېلىش ئارقىلىق، بالىلار ئىسىدە مەھكەم ساقلايدىغان ئۈنۈمگە ئىرىشمەكچى بولىدۇ؛ بۇنىڭدا گەرچە بەلگىلىك دەرىجىدە ئۈنۈمگە ئىرىشكەندەك كۆرۈنسىمۇ، بىراق بالىلار ئۆزنىڭ قەيەرنى خاتا قىلغانلىقىنى بىلەلمەيدۇ ھەمدە كەيپىياتىمۇ كۆپ پەسەيمەيدۇ. ئەگەر بۇ خىل ئۇسۇلنى ئۇزۇن مەزگىل قوللانغان ۋاقىتتا، بالىلار قورقۇنچاق ھەم جۈرئەتسىز بولۇپ قالىدۇ.
زەربە بىرىپ چۈشۈرۈش شەكلىدىكى تەنقىدلەش
    ۋەكىللىك مىسالى:  سەن نىمانداق دۆت، شۇنچىلىك ئاددى ئىشنىمۇ بىلمەمسەن؟
    ئانالىزى: بالىلارنى چۈشۈرىدىغان گەپلەرنى قىلساق، بالىلارنى ئۆزىگە تېخىمۇ ئىشەنچىسى يوق قىلىپ قويىمىز؛ بۇنداق بالىلار خاتالىق سادىر قىلىپ سېلىشتىن قورقۇپ ئىشلارنى ياخشى قىلالمايدىغان، يىڭى شەيئىلەرنى سىناپ بېقىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ.
سېلىشتۇرۇش شەكلىدىكى تەنقىدلەش
    ۋەكىللىك مىسالى: سەن باشقىلارنىڭ ئىپادىسىگە قاراپ باق، نىمە ئۈچۈن سىنىڭلا ئىپادەڭ ياخشى بولالمايدۇ؟
    ئانالىزى: ھەر بىر بالا ئۆزگىچە، بىردىنبىر كىلىدۇ؛ ھەمىشە بالىلارنى باشقا بالىلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بالىلارغا روھى بېسىم ئېلىپ كىلىدىغان بولۇپ، يەنە تېخى بالىلاردا ئۆزىنى كەمسىتىش پىسخىكىسى پەيدا قىلىپ قويىدۇ.
ئادىل بولمىغان تەنقىدلەش
    ۋەكىللىك مىسالى: سەن دابەنگە چىقىپ قالغان تۇرۇپمۇ كىيىمىڭنى يەنە مۇشۇنداق ئاستا كىيەمسەن؟ ئۇنىڭدىن يەنىلا شىياۋبەنگە يېنىپ ئوقۇساڭ بولغۇدەك.
    ئانالىزى: بالىلارنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتىدە تىز-ئاستىلىق پەرقى بار بولۇپ، ھەممىدە ئوخشاش بولمايدۇ؛ ئەگەردە چوڭلارمۇ بالىلارغا قارىتا ئادىل ھەم ئەمىلىيەتچانلىق بىلەن باھا بىرەلمىسە، بۇ بالىلارغا كۆڭلىگە ئازار بېرىپ قويىدۇ.
ئاتاق بىكىتىش شەكلىدىكى تەنقىدلەش
    ۋەكىللىك مىسالى: شۇنداق ئاددى نەرسىنىمۇ بىلەلمىسەڭ، سەن نىمانداق دۆت؟
    ئانالىزى: بالىلارنىڭ يېشى تېخى كىچىك، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە بولغان تۇنۇشى كۆپىنچە چوڭلاردىن كىلىدۇ، شۇڭلاشقا ئۇلار چوڭلارنىڭ ئۆزىگە بەرگەن باھاسىغا ناھايىتى بەك ئىتىبار بىرىدۇ؛ ئەگەر چوڭلار بالىلارغا مەلۇم بىر خىل ئاتاق بىكىتىپ قويسا(مەسىلەن، سەن بەك دۆت، سەن بۇلۇمسىز، سەن قورقۇنچاق دىگەنلەرگە ئوخشاش)، بالىلاردا خاتا بولغان ئۆزىنى تۇنۇش ھالىتى شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك بالىلارنىڭ مەن مۇشۇنداق ئادەم دەپ قاراپ قېلىشىنى پەيدا قىلىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号