ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىسىنى بۇزىدىغان 10 تۈرلۈك ئادىتى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-11-16 كۆرۈلىشى : قېتىم
ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا قارىتا مۇلايىم ھەم مىھرىبان بولۇشى، ئەمما ئۇلارغا زىيادە ئامراقلىق قىلىپ، ئۇلارنى ئەركە قىلىۋەتمەسلىكى لازىم. بىز بالىلارغا بىر ئۆمۈر ھەمرا بولالمايمىز، بىز ھامان بىر كۈنى قېرىپ بۇ دۇنيا بىلەن خوشلىشىمىز، بالىلارمۇ ھامان بىركۈنى چوڭ بولىدۇ. بالىلارغا زىيادە ئامراقلىق قىلىپ ئەركە قىلىپ قويماسلىقىمىز كىرەك، بۇ ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل بولغان كىشىلىك ھاياتقا ئىگە بولۇشى ئۈچۈندۇر.
تۆۋەندىكىلەر بالىلارنى ئەركە قىلىپ قويىدىغان تىپىك ئادەتلەر بولۇپ، بالىلارنىڭ پارلاق كەلگۈسى بار بولۇشى ئۈچۈن، بىز ئۆزىمىزدە بۇ خىل ئادەتلەر بارمۇ يوق تەكشۈرۈپ بېقشىمىز لازىم.
1. ئالاھىدە ئىمتىياز
     بالىلارنىڭ ئۆيدىكى ئورنى باشقا ئائىلە ئەزالىرىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى تۇرىدۇ، ھەمىشە ئالاھىدە ئىتىبارغا ئىرىشىدۇ؛ مەسىلەن "يالغۇز يىيىش"، ياخشى يىمەكلىكلەر ئۇنىڭ بىر ئادەمنىڭ ئالدىغا قويۇلۇپ، يالغۇز ئۇنىڭغىلا يىگۈزۈش؛ يەنە مەسىلەن "يالغۇز تۇغۇلۇش"، باشقا ئائىلە ئەزالىرى تۇغۇلغان كۈن خاتىرسى ئۆتكۈزمىسىمۇ بولىدۇ، بىراق بالىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى چوڭ تورتتىن بىرنى سېتىۋىلىپ، سوۋغات بىرىپ ئۆتكۈزۈش.... بۇنداق بالىلار ئۆزىنى ئالاھىدە ئىمتىيازلىق دەپ قاراپ، ئۆزىنى باشقىلاردىن يۇقىرى تۇتۇشقا ئادەتلىنىپ قالىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك شەخسىيەتسىز، ھىسداشلىقى يوق، باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ.
2. بالىغا بولغان دىققىتىنى زىيادە مەركەزلەشتۈرۋىلىش
     ئائىلىسىدىكىلەر ھەرۋاقىت ئۇنىڭغا زىيادە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇنىڭغا ھەمرا بولىدۇ. ھېيت-بايراملاردا ئۇرۇغ-تۇققانلار كەلسە، ھەمىشە ئۇنى ئەركىلىتىدۇ؛ بەزىدە ھەتتا چوڭلار چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، ئۇنى ئوتتۇرغا ئېلىپ نۇمۇر ئورۇنلاشقا قويىدۇ ھەمدە توختىماي چاۋاك چېلىپ ئالقىشلايدۇ. بۇنداق بالىلار ئۆزىنى مەركەز قىلىۋىلىش ئادىتى يىتىلدۈرۈۋالىدىغان بولۇپ، باشقىلارنىڭ ھەممىسى مىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشى كىرەك دەپ تۇرۋالىدۇ ھەمدە دىققىتى چېچىلاڭغۇ كىلىدۇ؛ ئۆيگە مىھمان كىلىپ قىلسا، ساراڭلاردەك خاپا قىلىپ، چوڭلارنى پاراڭلاشقىلىمۇ قويمايدىغان بولۇپ قالىدۇ.
3. ئاسان قانائەتلىنىش
    بالا نىمە تەلەپ قىلسا شۇنى ئورۇنلاپ بىرىش. بەزى ئاتا-ئانىلار ھەتتا يەسلى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپتىكى بالىلىرىغىمۇ پارچە خىراجەتنى كۆپ بىرىدۇ؛ بۇنداق بولغاندا بالىنىڭ قانائەتلىنىشى تېخىمۇ ئاسان بولۇپ قالىدۇ. بۇنداق بالىلار چوقۇم بىر نەرسىلەرنىڭ قەدرىنى قىلمايدىغان، ماددى ھۇزۇرلىنىشنى ئاساس قىلىۋالىدىغان، پۇل ئىسراپ قىلىدىغان، باشقىلارغا كۆيۈنمەيدىغان قاتارلىق يامان خارەكتىرلەرنى يىتىلدۈرۋالىدۇ ھەمدە ئازراقمۇ سەۋرچانلىقى ۋە جاپاغا چىداش روھى بولمايدۇ.
4. تۇرمۇشتا ھۇرۇن ھەم تەرتىپسىز بولۇشقا يول قويۇش
    بالىلىرىنىڭ يىمەك-ئىچمەك قاتارلىق تۇرمۇش ئادىتى ۋە ئۆگىنىش ھەم ئويناش قاتارلىق پائالىيەتلىرىنىڭ تەرتىپسىز بولۇشىغا يول قويىدۇ؛ مەسىلەن، ئەتىگەنلىرى ئورنىدىن تۇرماسلىق، ۋاقتىدا تاماق يىمەسلىك، كۈندۈزلىرى بىكار لاغايلاپ يۈرۈش ۋە ئاخشىمى بىر ۋاقىتقىچە ئۇخلىماي تېلىۋىزور كۈرۈشىگە يول قويۇش دىگەنلەرگە ئوخشاش. بۇنداق بالىلار چوڭ بولغاندىن كىيىن، ئالغا ئىنتىلىش روھى ۋە قىزىقىش روھى يوق بولۇپ قالىدۇ، شۇنداقلا ئەپلەپ-سەپلەپ كۈن ئۆتكۈزىدىغان، بىر ئىشلارنى قىلغاندا كۆڭلىنى بىر يەردە تۇتمايدىغان، ئىشنى باشلاپ ئاياغلاشتۇرمايدىغان دىگەندەك ناچار ئادەتلەرنى يىتىلدۈرۋالىدۇ.
5. يالۋۇرۇش
    مەسىلەن، بالىنى بىر تەرەپتىن بەزلىگەچ، بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ تامىقىنى يەپ ئۇخلىشىنى ئۆتىنىمىز؛ ئۇنىڭغا ھىكايىدىن ئۈچنى سۆزلەپ بىرىشكە ماقۇل بولساق، ئۇ ئاندىن تامىقىنى يەيدۇ. بۇنداق بالىلارنىڭ پىسخىكىسى بولسا، سىز ئۇنىڭغا يالۋۇرغانسىرى، ئۇ تېخىمۇ ئېشىۋىلىپ، بۇ سەۋەپلىك ئۇنىڭ مەسئۇلىيەتچان ۋە ئۇچۇق-يۇرۇق كىلىدىغان خارەكتىرىنى يىتىلدۈرۈشكە توسقۇنلۇق قىلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا قىلىنىدىغان تەربىيىنىڭ تەسىر-ئۈنۈمىمۇ زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كىتىدۇ.
6. ھەممە ئىشلىرىنى قىلىپ بىرىش
   بەزى ئاتا-ئانىلار بالىسنى ئشىقا سېلىشقا چىدىمايدۇ، بەزىلىرى بولسا ئۇلارنى ئىشقا بۇيرىغاندىن ئۆزەم قىلىپ بەرسەم تىز ھەم ئاسانراق بولىدۇ دەپ قارايدۇ. شۇڭا بۇ سەۋەپلىك 4-3 ياشلىق بالىلار تامىقىنى ئۆزى يىيەلمەيدىغان ۋە كىيىمىنىمۇ ئۆزى كىيەلمەيدىغان، 6-5 ياشلىق بالىلار ھېچقانداق ئىش قىلالمايدىغان، ئەمگەكنىڭ خۇشاللىقىنى ۋە ئاتا-ئانىسىنىڭ يۈكىنى يىنىكلىتىشنى بىلمەيدىغان ئەھۋاللار كىلىپ چىقىدۇ. ئاتا-ئانىلار بۇنىڭغا ئوخشاش، بالىسىنىڭ ھەممە ئىشىنى قىلىپ بەرسە، ئۇنداقتا بالىسى چوقۇم ئىشچان، ئاق كۆڭۈل، باشقىلارغا ھىسداشلىق قىلىدىغان ئىقتىدارلىق ھەم ئالغا ئىنتىلىدىغان مىجەز-خارەكتىر يىتىلدۈرۈش پۇرسىتىنى يوقىتىپ قويىدۇ.
7. كىچىك ئىشنى يوغىنىتپ، زىيادە ئەنسىرەپ كىتىش
     كىچىك بالا ئەسلىدىنلا قورقۇشنى بەك بىلىپ كەتمەيدۇ؛ ئۇلار سۇدىن قورقمايدۇ، قاراڭغۇدىن قورقمايدۇ، يېقىلىپ چۈشۈش ۋە ئاغرىق سىلاق دىگەنلەردىن قورقمايدۇ. يېقىلىپ چۈشكەندىن كىيىنمۇ، كۆپىنچە ئۆزلىرى ھېچقانداق شەپە چىقارماي ئورنىدىن تۇرۇپ، داۋاملىق تۈردە ئويىنىنى ئوينايدۇ. لىكىن نىمە ئۈچۈن بەزى بالىلار كىيىنچە توخ يۈرەك ۋە تولا يىغلايدىغان بولۇپ قالىدۇ؟ بۇ كۆپىنچە ئاتا-ئانىسىنىڭ بالىسى كىسەل بولۇپ قالغان ياكى ئاغرىققا ئۇچرىغان ۋاقىتتىكى جىددىلىشىش ۋە تەشۋىشلىنىش ئىپادىسى سەۋەبىدىن پەيدا بولىدۇ. بۇنداق ئەركىلىتىشنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسى بولسا، بالا ئاتا-ئانىسىنى ئۆز يېنىدىن بىر قەدەممۇ نېرى كەتكىلى قويماسلىق بولۇپ، بۇنداق بالىلارغا قورقۇنچاقلىق، ئاجىزلىقنىڭ ئىزنالىرى چۈشۈپ قالىدۇ.
8. مۇستەقىللىقلىقىنى تارتىۋىلىش
   بالىسىنى ھەمىشە ئالقىنىغا ئېلىپ كۆتۈرۈپ، شامال تىگىپ كىتەمىكىن، مۈدۈرۈپ كىتەرمىكىن دەپ ئەنسىرەپ يۈرىيدۇ. بۇنداق بالىلار توخۇ يۈرەك، ئىقتىدارسىز بولۇپ قالىدىغان بولۇپ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يوقىتىپ، باشقىلارغا تايىنىۋىلىش پىسخىكىسىنى يىتىلدۈرۋالىدۇ؛ ھەمدە ئۆيدە يولسىز زومىگەر، تالاغا چىقسا چاشقاندەك يۇۋاش قورقۇنچاق كىلىدىغان خارەكتىر ئاجىزلىقى يىتىلىپ قالىدۇ.
9. يىغلاپ خاپا قىلىشىدىن قورقۇش
    كىچىكىدىنلا ئەركە چوڭ قىلغانلىق ئۈچۈن، بالا بىر ئىشلار كۆڭلىدىكىدەك بولمىغاندا، يىغلاپ خاپا قىلىش، تاماق يىمەسلىك قاتارلىقلار ئارقىلىق ئاتا-ئانىسىغا تەھدىت سالىدىغان ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ. ئۇلارنى ئەركىلىتىپ كۆنۈپ قالغان ئاتا-ئانىلار، بۇنداق ۋاقىتتا ئامالسىز ئۇلارنى بەزلەپ، ئۇلارغا تەسلىم بولىدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ رايىغا باقىدۇ. بالىسىنىڭ يىغلاپ خاپا قىلىشىدىن قورقىدىغان ئاتا-ئانا ئىقتىدارسىز ئاتا-ئانا بولۇپ ھىسابلىنىدۇ؛ بۇنداق ئاتا-ئانا تەربىيىلىگەن بالىلارنىڭ خارەكتىرىدە شەخسىيەتچى، رەھىمسىز، يولسىز ۋە ئۆزىنى كونتىرول قىلىش كۈچى كەمچىل بولۇشنىڭ ئۇرۇغلىرى تېرىلىدۇ.
10. ئۇچۇقتىن-ئۇچۇق يان بېسىش
    بەزىدە دادا بالىغا تەربىيە ئىشلەپ باشقۇرماقچى بولسا، ئانىسى قوپىدۇ: "بەك قاتتىق قول بولۇپ كەتمەڭ، ئۇ تېخى كىچىك بالا تۇرسا!"؛ بەزى ئاتا-ئانىلار بالىسىنى باشقۇرماقچى بولسا، مومىسى قوپىدۇ: "سىلەرمۇ بۇنداق ئالدىراپ كەتمەڭلار، ئۇ چوڭ بولسا تەبىئىلا ئوڭشىلىپ كىتىدۇ، سىلەر كىچىك ۋاقتىڭلاردا تېخى ئۇنىڭدىن بەك كەپسىز ئىدىڭلار".
    بۇنداق بالىلارنى ئەلۋەتتە باشقۇرغىلى بولمايدۇ؛ چۈنكى ئۇنىڭدا پۈتۈنلەي توغرا-خاتالىق قارىشى يوق بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەرۋاقىت ئۇنى قوغدايدىغان ئادەم بار بولغاچقا، بۇنداق ئەھۋال ئېلىپ كىلىدىغان ئاقىۋەت بالىنىڭ خارەكتىرىنىڭ بۇرمىلىنىپ كىتىشى بولۇپلا قالماي، بەزىدە يەنە ئائىلىدىكى ئىناقسىزلىقنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号