ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
يىمەكلىك ئارقىلىق بالىلارنىڭ تىرىسىنى تېخىمۇ ئاق قىلىشقا بولامدۇ؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-10-27 كۆرۈلىشى : قېتىم

     بىزنىڭ تىرىمىزنىڭ رەڭگىدە نىمە ئۈچۈن پەرق بار بولىدۇ؟
   بۇ ئاساسلىقى تىرىمىزدىكى قارا پىگمىنتلىق ھۈجەيرىلەر سەۋەبىدىن بولىدۇ؛ بۇ خىل ھۈجەيرىلەرنىڭ خىزمىتى ئادەم بەدىنىدىكى تىروسىنلارنى(酪氨酸) ناھايىتى "ئىشچانلىق" بىلەن پىششىقلاپ ئىشلەش بولۇپ، بىر قاتار مۇرەككەپ خېمىيىلىك رىئاكسىيەلەردىن كىيىن، قارا پىگمىنت بارلىققا كىلىدۇ؛ بۇ قارا پىگمىنىت دەل بىزنىڭ تىرىمىزنىڭ رەڭگىنى بەلگىلەيدۇ.
   قارا پىگمىنتنىڭ تۈرى، مىقدارى ۋە تىرىمىزدىكى تارقىلىش ئەھۋالى قاتارلىقلار ئاساسلىقى ئىرسىيەت ۋە يۇرۇقلۇق چۈشۈشتىن بەلگىلىنىدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن بالىلارنىڭ تىرىسىنىڭ رەڭگى ئاساسى جەھەتتىن ئاتا-ئانىسىنىڭ تىرىسىنىڭ رەڭگىنىڭ نىتراللىشىشى بولۇپ، بۇ تۇغما بولىدۇ ھەمدە قارىداپ كەتمەي دىسەك، كىيىنكى كۈنلەردە پەقەت ئاپتاپتا كۆيۈشتىن ساقلىنىشنى كۈچەتمەكتىن باشقا ئامال بولمايدۇ. ئەمما مەلۇم بىر خىل نەرسىلەرنى يىيىش ئارقىلىق تىرىنى ئاقارتىش، بۇ ھېچقانداق ئاساسى يوق بىر خىل قاراشتۇر.
    ئەلۋەتتە، "يىمەكلىك تىرە رەڭگىنى ئۆزگەرتىدىغان" بۇ خىل ئەھۋالمۇ مەۋجۇت؛ مەسىلەن ئاپلىسىن، سەۋزە، كاۋا، ماڭگو، تاتلىق ياڭيۇ قاتارلىق يىمەكلىكلەرنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۆپلەپ ئىستىمال قىلغاندا، ئادەمنىڭ تىرىسى راستىنلا سېرىق بولۇپ ئۆزگىرىپ كىتىشى مۇمكىن، بولۇپمۇ ئالقىنىمىز ۋە تاپىنىمىز تىرە رەڭگىدە تېخىمۇ كۆرنەرلىك بولىدۇ.
   چۈنكى بۇ يىمەكلىكلەر تەركىبىدە β-كاروتىن بىرقەدەر مول بولۇپ، بۇ خىل يىمەكلىكلەرنى زىيادە ئىستىمال قىلغاندا، قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدىكىβ-كاروتىننىڭ قۇيۇقلۇقى زىيادە ئېشىپ كىتىپ، رەڭ پىگمىنتىنىڭ يېغىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تىرە سارغىيىپ قېلىش ئەھۋاللىرىنىڭ كۆرۈلۈشىنى پەيدا قىلىدۇ، بۇ خىل ئەھۋال بولسا "يۇقىرى كاروتىنلىق قان كىسىلى" دەپ ئاتىلىدۇ. بىراق ئادەتتە بۇنىڭدىن ئەنسىرەپ كەتمىسەكمۇ بولىدۇ، بۇ خىل يىمەكلىكلەرنى يىيىشنى توختاتساقلا، ئارتۇق كاروتىن مىتابولىزىملىنىپ بەدەن سىرتىغا چىقىرۋىتىلگەندىن كىيىن، تىرە رەڭگى ئەسلى ھالىتىگە قايتىدۇ.
    ھازىر بىز مەلۇم بىر خىل يىمەكلىكلەرنى يىيىش ئارقىلىق تىرىنى ئاقارتىشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ يەتتۇق؛ بىراق شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ، نۇرغۇن يىمەكلىكلەر يەنىلا بالىلارنىڭ تىرىسىنى تېخىمۇ ساغلام قىلالايدۇ. چۈنكى بەزى ئۇزۇقلۇق ماددىلار، تىرە ئورگانىزىمىنىڭ يىڭىلىنىشىغا نىسبەتەن ئەسلىدىنلا زۈرۈر بولغان ماددا ھىسابلىنىدۇ؛ ئادەتتە تەركىبىدە بۇ خىل ماددىلار كۆپ بولغان يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ بەرگەندە، تەبىئىلا بالىلارنىڭ تىرىسىگە پايدىلىق بولىدۇ. مەسىلەن:
         ۋىيتامىن C تەركىبى مول بولغان يىمەكلىكلەر: ئاپلىسىن، چىلان، مايمۇن شاپتۇلى قاتارلىق كۆپ قىسىم مىۋە-چىۋىلەر ۋە پەمىدۇر قاتارلىق كۆكتاتلار
         ۋىيتامىن A تەركىبى(β-كاروتىن) مول بولغان يىمەكلىكلەر: ھايۋانات جىگىرى، تۇخۇم، سەۋزە، كاۋا، ماڭگو قاتارلىقلار
         ۋىيتامىن E تەركىبى يۇقىرى بولغان يىمەكلىكلەر: يىرىك ئاشلىق، قاتتىق پوستلۇق مىۋىلەر، تۇخۇم قاتارلىقلار
         تويۇنمىغان ياغ كىسلاتا تەركىبى يۇقىرى بولغان يىمەكلىكلەر: چوڭقۇر سۇ رايونىدا ياشايدىغان بىلىق تۈرى، قاتتىق پوستلۇق مىۋىلەر

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号