ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
دورىلارنى تۇمانلاشتۇرۇپ سۈمۈرتۈشنىڭ ئەكىس تەسىرى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-10-23 كۆرۈلىشى : قېتىم
    دورىلارنى تۇمانلاشتۇرۇپ سۈمۈرتۈش، كىلىنكىدا ئەڭ كۆپ كۆرىلىدىغان داۋالاش ئۇسۇللىرىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، بۇنىڭ ئارتۇقچىلىقى بولسا، دورا سۇيۇقلۇقى بىۋاستە ئۆپكىگە سۈمۈرتۈپ كىرگۈزىلىدۇ؛ قىسمەن قۇيۇقلۇقى يۇقىرى، ئۈنۈمى تىز، پۈتۈن بەدەن خارەكتىرلىك ئەكىس تەسىرى ئاز كىلىدۇ. ئەمما دورىلارنى تۇمانلاشتۇرۇپ سۈمۈرتۈشنى مۇتلەق بىخەتەر دىيىشكە بولمايدىغان بولۇپ، سۈمۈرتۈش ئۇسۇلى نامۇۋاپىق بولغان ۋاقىتتا بەزىبىر ئەكىس تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدۇ.
    دورىلارنى تۇمانلاشتۇرۇپ سۈمۈرتۈش ئەكىس تەسىرى شەكىللىنىش سەۋەپلىرى قايسىلار؟
   بىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللارغا ئاساسلانغاندا، بۇ مەسىلە بەلكىم تۆۋەندىكى ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن: تۇمانلاشتۇرۇپ سۈرمۈرتمەكچى بولغان دورا تۈرى، ئىشلەتكەن تۇمانلاشتۇرۇش ئۈسكىنىسىنىڭ تىپى ۋە تۈرى، تۇمانلاشتۇرۇپ داۋالاش تېخنىكىسى، تۇمانلاشتۇرۇپ داۋالاش ئېلىپ بارغان مۇھىت، سۈمۈرتۈلگەن دورا سۇيۇقلۇقىنىڭ قۇيۇقلۇقى نىسبەتەن يۇقىرى، كىسەلگە گىرىپتار بولغان بوۋاقلارنىڭ بەدەن ئورگانىزىمى جەھەتتىكى پەرق قاتارلىقلار.
كۆپ ئۇچرايدىغان ئەكىس تەسىرلەر ۋە مۇناسىپ بىتەرەپ قىلىش ئۇسۇللىرى
    1. دورىلارنى تۇمانلاشتۇرۇپ سۈمۈرتۈشتە كۆرۈلىدىغان ئەكىس تەسىرلەر تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: رىئاكسىيە قىلىش، باش ئاغرىش،تەشۋىشلىنىش ھەمدە B تىپتىكى قۇبۇللىغۇچنى قوزغاتقۇچى دورىلار، خولىنغا قارشى تۇرغۇچى دورىلار ۋە ھورمۇن تۈرىدىكى دورىلارنىڭ پۈتۈن بەدەن خارەكتىرلىك ياكى قىسمەن خارەكتىرلىك ئەكىس تەسىرى.  شۇنىڭ ئۈچۈن، تۇمانلاشتۇرۇپ سۈمۈرتۈش داۋالىشى ئېلىپ بارغان دورىلارنى چوقۇم دوختۇرلارنىڭ كۆرسەتمىسى ئاستىدا ئىھتىيات بىلەن ئشىلىتىش لازىم ھەمدە داۋالاش مەزگىلىدە ھەر قانداق ئەكىس تەسىرى كۆرۈلسە، داۋالاشنى دەرھال توختاتماق لازىم.
    2. كاناي سىپازمىلىنىش(支气管痉挛) : تۇمانلاشتۇرۇش ئۈسكۈنىسىدىن چىققان تۇمان بەك سۇغۇق ياكى زىچلىقى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسە، كاناينىڭ سىپازمىلىنىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، زىققا ئالامەتلىرىنى ئېغىرلاشتۇرۋىتىدۇ ياكى زىققا يوق بالىلاردا ئوكسىگىن يىتىشمەسلىك، ھاسىراش، نەپەسلىنىشى قىيىنلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا تۇمانلاشتۇرۇپ داۋالاشنى دەرھال توختاتماق لازىم بولۇپ، كىسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كۆزىتىش كىرەك، بولۇپمۇ نەپەسلىنىش يوللىرى كىسەللىكى ياكى ھاسىراش ئالامەتلىرى بار بىمالارغا نىسبەتەن تېخىمۇ ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىش كىرەك.
    3. دورا قۇيۇقلۇقى: تۇمانلاشتۇرۇپ سۈمۈرتۈپ داۋالاش ئاياغلىشىش ئالدىدا، تۇمانلاشتۇرۇش ماشىنىسى ئىچىدىكى قالدۇق دورىلارنىڭ زىچلىقى(قۇيۇقلۇقى) زور دەرىجىدە ئېشىپ كىتىشى مۇمكىن بولۇپ، بۇ بىماردا كاناي سىپازمىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلۈش خەتىرىنى ئاشۇرۋىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تۇمانلاشتۇرۇپ سۈمۈرتۈپ داۋالاش ۋاقتىنى ئادەتتە 5 مىنۇت ئەتراپىدا كونتىرول قىلىش كىرەك بولۇپ، ۋاقىت قانچە ئۇزۇن بولسا شۇنچە ياخشى بولىدۇ دىگەن قاراشتا بولماسلىق لازىم.
    4. يۇقۇملىنىش: گەرچە تۇمانلاشتۇرۇش ماشىنىسى بىر قېتىم ئىشلىتىدىغان ئۈسكۈنە بولسىمۇ، ئەمما ئەمىلىيەتتىكى ئەھۋال بولسا، بىر بالىنىڭ بىر داۋالاش باسقۇچى تۈگىگۈچە، بىر ئۈسكۈنە قايتا-قايتا ئىشلىتىلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ئەگەر ئاتا-ئانىلار تۇمۇنلاشتۇرۇپ سۈمۈرتۈش ئۈسكۈنىسىنى ياخشى پاكىزلاپ ساقلاشقا دىققەت قىلمىغاندا ياكى قوللانغان ئۇسۇللىرى مۇۋاپىق بولمىغاندا، باكتىرىيەلەردىن يۇقۇملىنىش خەۋپى ساقلىنىپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاتا-ئانىلار تۇمانلاشتۇرۇش ئۈسكۈنىسىنى توغرا ئۇسۇلدا پاكىزلاپ ساقلىشى، سېستىرالار مەشغۇلات قىلىش ئۆلچىمى بويىچە مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشى لازىم؛ بۇنىڭدا باكتىرىيىدىن يۇقۇملىنىش خەتىرىنى زور دەرىجىدە  تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.
     5. كۆز قىسمى غىدىقلىنىشقا ئۇچراش: ئەگەر يېشى كىچىك بالىلار ياكى ياشقا توشمىغان بوۋاقلار بولسا، بۇ ۋاقىتتا يۈز ماسكىلىق تۇمانلاشتۇرۇش ئۈسكۈنىسى ئىشلىتىشكە تۇغرا كىلىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، تۇمانلاشتۇرۇپ پۈركۈلگەن دورىلار بالىنىڭ كۆز ئەتراپى قىسمىدا يېغىلىپ قېلىپ، ئۇنىڭ كۆزىگە غىدىقلاش پەيدا قىلىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر بىر قېتىملىق تۇمانلاشتۇرۇپ سۈمۈرتۈپ داۋالاش ئاخىرلاشقا ھامان، بالىلارنىڭ يۈز قىسمىنى پاكىزە يۇيۇشنى ئۇنۇتماسلىق لازىم.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号