ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بوۋاقلارنىڭ كىيىنكى بوي ئۆسۈشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان مەزگىللەر
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-10-17 كۆرۈلىشى : قېتىم

   بالىلارنىڭ ئۇمۇرتقا سۆڭىكى تۇغۇلىشىدىنلا يىتىلگەن ھالەتتە تۇغۇلىدىغان ئەمەس، يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ئەمدى تۇغۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە ئۇلارنىڭ ئۇمۇرتقا سۆڭىكى ھەتتە تۈپتۈز كىلىدىغان بولۇپ، بوۋاقلارنىڭ ئۇمۇرتقا سۆڭىكىنىڭ تۇلۇق يىتىلىشى ئۈچۈن ئۇزۇن بىر مەزگىل كىرەك بولىدۇ. ئۇمۇرتقا سۆڭىكىنىڭ يىتىلىشى بالىلارنىڭ ئۆسۈشىگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەگەر ياخشى ئاسرىمىغاندا، ئۇمۇرتقا سۆڭىكىدە غەلىتە يىتىلىپ قېلىش شەكىللىنىپ قېلىپ، نورمال ئەگرى ھالەتكە كەلمەيدۇ ھەمدە بالىلارنىڭ بەدەن شەكلى ۋە كىينكى مەزگىللىك بوي ئىگىزلىكىنىڭ ئۆسۈشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
    ئادەتتە بوۋاقلار بىر ياشقا كىرىشتىن بۇرۇن، ئۇلارنىڭ ئۇمۇرتقا سۆڭىكىنىڭ يىتىلىشىنىڭ ئۈچ قېتىملىق يۇقىرى پەللىسى بار:
1. ئۈچ ئايلىق بولغان ۋاقىت
    يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئۇمۇرتقا سۆڭىكى ئىنتايىن يۇمشاق بولۇپ، ئاساسى جەھەتتىن تۈپتۈز كىلىدۇ؛ ئۇلار ئۈچ ئايلىق بولغاندىن كىيىن، بوۋاقتا بېشىنى كۆتۈرۈش ھەرىكەتلىرى پەيدا بولغان ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ ئۇمۇرتقا سۆڭىكى بىرىنچى ئەگمىنى، يەنى ئۇمۇرتقا سۆكەڭ ئالدىغا بۆرتۈپ چىققان ئەگمىنى شەكىللەندۈرۈشكە باشلايدۇ.
   بوۋاقلار ئۈچ ئايلىق بولۇشتىن بۇرۇن، ئۇلارنى تىك تۇتۇش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ؛ چۈنكى يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ باش قىسمى ئېغىر، پۇت قىسمى يىنىك كىلىدىغان بولغاچقا، بۇنداق ئەھۋالدا ئۇلارنى تىك كۆتۈرسەك، ئۇلارنىڭ باش قىسمىنىڭ ئېغىرلىقى پۈتۈنلەي ئۇمۇرتقا سۆڭىكىگە چۈشىدۇ ھەمدە ئۇمۇرتقىنىڭ بەرداشلىق بىرەلمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئۇمۇرتقا سۆڭىكىنىڭ بىنورمال ئىگىلىشىنى شەكىللەندۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن. بۇندىن باشقا، بوۋاقنىڭ ئۇمۇرتقا سۆڭىكىنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بۇ مەزگىلدە بوۋاقلارنى ياستۇقتا ياتقۇزۇش ۋە ئۇزۇن ۋاقىت قۇچاقتا كۆتۈرۈشمۇ تەۋسىيە قىلىنمايدۇ.
2. ئالتە ئايلىق بولغان ۋاقىت
    بوۋاق 6 ئايلىق بولغان ۋاقىتتا ئولتۇرۇشنى ئۆگىنىشنى باشلايدىغان بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا بوۋاقنىڭ ئۇمۇرتقا سۆڭىكى ئىككىنچى ئەگمىنى يەنى ئۇمۇرتقا سۆڭىكىنىڭ كۆكرەك قىسىم بۆلىكى كەينىگە ئىگىلىشنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ مەزگىلدە ئاتا-ئانىلار بالىلارنى ئۆز مەيلىگە قويۇپ بىرىپ، ئۇلارغا مۇددەتتىن بۇرۇن ئولتۇرۇشنى ئۆگىتىشتىن ساقلىنىشى لازىم؛ چۈنكى بۇنداق ۋاقىتتا بوۋاقنىڭ ئۇمۇرتقا سۆڭىكى تېخى تۇلۇق يىتىلىپ بولالمىغاچقا، ئۇلار مۇقىم ھالەتتە ئولتۇرالماي ئاسانلا ئالدى تەرەپكە يانتۇ بولۇپ بىرىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك ئۇمۇرتقا سۆڭىكىنىڭ بىنورمال ئىگىلىپ قېلىشى شەكىللىنىپ قالىدۇ. بۇ مەزگىلدە بوۋاقلار ئولتۇرۇشنى ئۆگىنىپ بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلار 8 ئايلىققا توشمىغۇچە ئۇزۇن ۋاقىت ئولتۇرسا بولمايدۇ.
3. بىر ياش ئەتراپىدىكى ۋاقىت
    بوۋاقلار بىرياش ئەتراپىدا مېڭىشنى ئۆگىنىشنى باشلايدىغان بولۇپ، بۇ مەزگىلدە بوۋاقنىڭ ئۇمۇرتقا سۆڭىكىدىكى ئۈچىنچى ئەگمە يەنى ئۇمۇرتقا سۆڭەك بەل قىسىم بۆلىكىنىڭ ئالدىغا ئىگىلىشى شەكىللىنىدۇ؛ بۇ مەزگىلدە ئاتا-ئانىلار بالىلارغا مۇددەتتىن بۇرۇن يول مېڭىشنى ئۆگىتىمەن دىمەسلىكى كىرەك، بولمىغاندا بوۋاقنىڭ ئۇمۇرتقا سۆڭىكى نورمىدىن ئارتىق ئېغىرلىق بېسىمىغا ئۇچراپ، ئاسانلا زەخمىگە ئۇچراپ قالىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ قالىدۇ. بۇندىن باشقا، زىيادە بۇرۇن يول مېڭىشنى ئۆگەنگەندە، بوۋاقنىڭ پۇت قىسىم مۇسكۇللىرى يۇقىرى بەدەن قىسىمنىڭ ئېغىرلىقىغا بەرداشلىق بىرەلمەي، بالىلاردا ئاسانلا O شەكىللىپ پۇت شەكىللىنىپ قالىدىغان ئەھۋاللار بولىدۇ.
    بوۋاقلارنىڭ ئولتۇرۇش، مېڭىش قاتارلىق چوڭ ھەرىكەتلەر جەھەتتىكى يىتىلىشى تەبىئى ھالدا بولغىنى ئەڭ ياخشى بولۇپ، بالىلارغا ئولتۇرۇش، تۇرۇش، مېڭىش ھەرىكەتلىرىنى "مۇددەتتىن بۇرۇن" ئۈگىتىش، ئويلىغاندەك ياخشى ئىش ھىسابلانمايدۇ.  ئەگەر بوۋاقنىڭ ئۇمۇرتقا سۆڭىكىنى ياخشى يىتىلسۇن دىسەك، بوۋاق تۇغۇلۇپ ئۈچ ئايلىققا توشقىچىلىك بولغان ۋاقىت ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، بۇ مەزگىلدە بوۋاقنى ھە دىسىلا قوچىقىمىزغا ئېلىپ كۆتۈرۋالماسلىقىمىز لازىم، بولمىغاندا ئۇلارنىڭ ئۇمۇرتقا سۆڭىكىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ كىتىشى مۇمكىن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号