ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بوۋاقلارنىڭ مىڭىسىنىڭ يىتىلىشىگە زۈرۈر بولغان ئۇزۇقلۇق ماددىلار
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-10-16 كۆرۈلىشى : قېتىم
   بوۋاقلارنىڭ مىڭىسىنىڭ يىتىلىشىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئادەتتىكى ئۆگىنىش ۋە چېنىقتۇرۇشتىن باشقا، ئەڭ مۇھىم بولغىنى بوۋاقلارنىڭ ئەقلى-ئىتىدارى، تىل ۋە كۆرۈش قۇۋۋىتى يىتىلىۋاتقان ھالقىلىق مەزگىللەردە، ئۇزۇقلۇق ماددىلار كەم بولسا بولمايدۇ؛ چۈنكى كىيىنكى قەدەملىك ئۆگىنىش ۋە چېنىقىش مەزگىلىدە بۇ نوقتا ئىنتايىن مۇھىم. ئادەتتە ئاتا-ئانىلار بوۋاقنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى تاللىغاندا تۆۋەندىكى ئۇزۇقلۇق ماددىلارغا كۆپرەك ئەھمىيەت بىرىشى لازىم، چۈنكى بۇ ئۈچ خىل ئۇزۇقلۇق ماددا، بوۋاقلارنىڭ مىڭىسىنىڭ يىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تولىمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.
1. DHA
     DHA بولسا بىر خىل دوكوزاگېكسېنوئىك كىسلاتا(ئادەم بەدىنىگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولغان بىر خىل تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى) بولۇپ، ئادەتتە مىڭە ئالتۇنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ؛ DHA ئادەم چوڭ مىڭىسى ۋە كۆرۈش پەردىسىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولۇپ، تىل مەركىزى نىرۋا سېستىمىسىنىڭ تەرەققىياتى، بولۇپمۇ بوۋاقلارنىڭ ئەقلى ئىقتىدار، كۆرۈش قۇۋۋىتى ۋە تىل جەھەتتىكى يىتىلىشىگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم. DHA كەمچىل بولغان بوۋاقلارنىڭ چوڭ مىڭە ماددىلىرى كۆرنەرلىك دەرىجىدە يىتىشمەيدىغان بولۇپ، بۇنى ئادەتتە ئۆگىنىش ۋە چېنىقىش ئارقىلىق تۇلۇقلىغىلى بولمايدۇ. DHA قوشۇلغان قوشۇمچە يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلغان بوۋاقلارنىڭ ئەقلى ئىقتىدارى يىتىلىش كۆرسەتكۈچى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىغان بولۇپ، تۇنۇش جەھەتتىكى يىتىلىشىمۇ نىسبەتەن ياخشى بولىدۇ. شۇڭلاشقا بوۋاقلارنىڭ ئەقلى ئىقتىدارى ۋە تىل جەھەتتىكى يىتىلىشىنىڭ ھالقىلىق مەزگىللىرىدە، ئۇلارغا زۆرۈر بولغان بۇ خىلدىكى ئۇزۇقلۇق ماددىنى تۇلۇقلاشقا ئەھمىەت بىرىش، بالىلارنىڭ ئەقلى ئىقتىدارى ۋە تىل جەھەتتىن تەرەققى قىلىشىغا قارىتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. 
2. خولىن(胆碱)
    خولىن بولسا بىر خىل ئورگانىكلىق ئىشقار بولۇپ، ئۇ ئاتسېتىل خولىننىڭ(乙酰胆碱) بىرىكىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ ئاتسېتىل خولىن بولسا ئادەم بەدىنىدىكى ئىنتايىن مۇھىم بولغان نىرىپ يەتكۈزگۈچى ماددا بولۇپ، ئادەتتە ئەستە ساقلاش ماددىسى دەپ ئاتىلىدۇ؛ بۇ خىل ماددا مەخسۇس نىرۋا ھۈجەيرىلى ئارىسىدا ئۇچۇر يەتكۈزىدىغان بولۇپ، ئەگەر بۇخىل ئۇچۇر يەتكۈزۈش نورمال بولسا، ئادەمنىڭ تەپەككۇرى جانلىق بولىدۇ، بوۋاقلارمۇ نورمال بولغان ئەستە ساقلاش ئېلىپ بارالايدۇ ۋە تەپەككۇر يۈرگۈزەلەيدۇ.
    ئۇنىڭ ئۈستىگە بوۋاقلارنىڭ ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى ۋە تەپەككۇر قىلىش خولىندىن ئايرىلالمايدىغان بولۇپ، پەقەت بوۋاقلارنىڭ بەدىنىنىڭ ئۆزلىكىدىن بىرىكتۈرىشىگىلا تايانساق، بۇنىڭ مىقدارى ئۇلارنىڭ ئىھتىياجىنى قامدىيالمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن يىمەكلىكتىن قوبۇل قىلىش بىر قەدەر ئىشەنچىلىك ئۇسۇل بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.
    خولىننىڭ يىمەكلىكتىكى ئاساسلىق كىلىش مەنبەسى بولسا، گۆش-تۇخۇم، سۈت، مىۋە-چىۋە قاتارلىقلار بولۇپ، تۇخۇم سېرىقى، بىلىق، كالا گۆشى قاتارلىقلارنىڭ ھەمدە مىۋە-چىۋە ۋە پۇرچاق تۈرىدىكى يىمەكلىكلەردىن يەر ياڭىقى (花生)، بۆلجۈرگەن قاتارلىقلارنىڭ خولىن تەركىبى ئىنتايىن يۇقىرى.
3. كىسانتوفىل(叶黄素)
   كىسانتوفىلنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش رولى بار بولۇپ، ئۇ ئاكتىپ ئوكسىگىنلىق ئەركىن رادىكاللارنى توسۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاكتىپ ئوكسىگىنلىق ئەركىن رادىكاللارنىڭ ھۈجەيرىلەرنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىنى توسۇپ، بەدەن ئورگانىزىمىنىڭ ئىممونت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ ھەمدە بوۋاقلارنىڭ مىڭىسىنىڭ زىيانغا ئۇچرىماسلىقىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ؛ بۇنىڭدىن باشقا كىسانتوفىلنىڭ "كۆك نۇر دۈشمىنى" دىگەن نامى بولۇپ، ئادەتتە كۆزنى قوغداش رولىنى ئوينايدۇ. شۇڭلاشقا ئادەتتە كىسانتوفىلنى كۆپرەك قوبۇل قىلغاندا، بوۋاقلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ۋە مىڭىسىنىڭ ساغلام يىتىلىپ تەرەققى قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە كىسانتوفىلنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى مىقدارى ئىنتايىن ئاز بولۇپ، خوراپ تۈگىگەندىن كىيىن ۋاقتىدا تۇلۇقلاشقا مۇھتاج بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号