ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە بۇ ئىشلارنى ئاز قىلىڭ!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-10-15 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ناھايىتى ئىھتىياتچان بولۇپ كىتىدۇ، چۈنكى ئۇلار ھەرۋاقىت قورسىقىدىكى بالىنىڭ ساغلام يىتىلىشدە باشقىچە مەسىلىلەر كۆرۈلۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. بولۇپمۇ ھامىلدار ئاخىرقى مەزگىلىدە ھامىيلە بىرقەدەر چوڭۇپ قالىدىغان بولغاچقا، ھامىلدار ئايالنىڭ قورسىقىمۇ ماس ھالدا چوڭۇپ كىتىدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا ئىھتىيات قىلمىغاندا، قورساقتىكى بوۋاققا زەخمە يەتكۈزۈپ قويۇش ئىھتىماللىقى يۇقىرى بولىدۇ. نۇرغۇن ھامىلدار ئاياللار ھامىلدارلىق ئاخىرىقى مەزگىلىدە كۆپ ئىڭىشىشكە بولمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ، چۈنكى بۇنىڭدا ئاسانلا قورساقتىكى بالىنى بېسىپ بىرىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ قالىدۇ؛ ئەمىلىيەتتە بۇ نوقتىدىن باشقا يەنە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئۈچ ئىش بار بولۇپ، بۇ ئىشلارنى ئىمكان قەدەر ئاز قىلىسىڭىز، بوۋىقىڭىز سىزگە رەھمەت ئوقۇيدۇ.

1. ماشىنا ھەيدەش
    ھازىرقى دەۋرىمىزدە، ماشىنا تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچرايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ماشىنا تۇرمۇشىمىزغا نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئېلىپ كىلىدۇ. نۇرغۇن ھامىلدار ئاياللار ھامىلدارلىق مەزگىلىدىمۇ ھەمىشە ماشىنا ھەيدەپ سىرتلارغا چىقىدۇ؛ بىراق ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە قورساقتىكى ھامىيلىنىڭ جۇغى بىرقەدەر چوڭۇپ قالغان بولغاچقا، ھامىلدار ئاياللار ماشىنا ھەيدىگەندە بىخەتەرلىك تاسمىسى تارتىش لازىم بولغانلىقتىن، بۇنىڭدا قورساقتىكى ھامىيلىگە نىسبەتەن چوڭ بېسىم تۇيغۇسى شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ماشىنا ھەيدىگەندە، ھامىلدار ئاياللارنىڭ دىققىتى يۇقىرى دەرىجىدە مەركەزلىشىدىغان بولغاچقا، ھامىيلىمۇ ئانىنىڭ جىددى كەيپىياتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، ئېغىرراق بولغاندا بالىياتقۇ تارىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە، ھامىلدار ئاياللار ئىمكان قەدەر ماشىنا ھەيدىمەسلىكى كىرەك.

2. ئۆي ئىشلىرىنى قىلىش
    كۆپىنچە ئاياللار ئادەتتە ناھايىتى ئىشچان كىلىدۇ، بولۇپمۇ ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى ئاياللار ھەر بىر كۈننى دەم ئېلىش ئىچىدە ئۆتكۈزىدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئىچى سىقىلىپ، ئۆي ئىشلىرىنى كۆپرەك قىلىش ئارقىلىق كەيپىياتىنى تەڭشىمەكچى بولىدۇ. ئەمما ئۆي ئىشلىرىنى قىلىش جەريانىدا ئىڭىشىش، بەلنى ئىگىش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى ئىشلەپ سېلىشتىن ساقلانغىلى بولمايدىغان بولۇپ، بۇنداق ھەرىكەتلەر قورساقتىكى ھامىيلىنىڭ زەخمىگە ئۇچرىشىنى پەيدا قىلىپ قېلىشى مۇمكىن. بولۇپمۇ ئىڭىشكەن ھالەتتىن  ئىتتىك ھالدا ئورنىمىزدىن تۇرساق، بۇ ھامىلدار ئايالنىڭ ئۇمۇرتقىسىنى زەخمىگە ئۇچرىتىشى ۋە ئۇلاردا باش قېيىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن؛ ئەگەر بۇنداق ئەھۋاللار كۆرۈلگەنلىك سەۋەبىدىن ھامىلدار ئاياللار يېقىلىپ چۈشسە، بۇ ۋاقىتتا قورساقتىكى بالا بىۋاستە زەخمىگە ئۇچرايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە، ھامىلدار ئاياللار بۇ جەھەتلەرگە كۆپرەك دىققەت قىلىپ، ئۆي ئىشلىرىنى ئىمكان قەدەر ئاز قىلىشى لازىم.

3. ئورنىدىن تىز سۈرئەتتە قوپۇش
    نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئەتىگەندە سائەت توۋلىغان ۋاقىتتا، ئورنىدىن توك سوققاندەكلا ئىتتىك قوپۇپ ئولتۇرۋالىدىغان ئادىتى بار؛ ئەگەر بۇنداق ئادىتى بار بولسا، ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، بۇنداق ئادىتىنى چوقۇم ئۆزگەرتىشى كىرەك، بولۇپمۇ ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە. ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئەگەر ئورنىدىن تۇرۇش سۈرئىتى بەك ئىتتىك بولۇپ كەتسە، بۇ ئۇلارنىڭ بەل ئۇمۇرتقىلىرىغا قارىتا ئىنتايىن چوڭ غىدىقلاش ئېلىپ كىلىشى مۇمكىن؛ شۇڭلاشقا بۇ مەزگىلدە، ھامىلدار ئاياللار ئىممكان قەدەر ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ، ئاۋال بىردەم ئولتۇرۋىلىش كىرەك، ئەگەردە ياردەم كىرەك بولسا، چوقۇم يولدىشىنى ياردەمگە چاقىرىشى كىرەك.

   ئىشىنىمەنكى، ئادەتتە ھامىلدار ئاياللار ئۆزىنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىگە چوقۇم قاتتىق دىققەت قىلىدۇ، چۈنكى بۇ ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ ۋە قورسىقىدىكى بالىنىڭ ساغلاملىقىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ؛ شۇڭلاشقا بۈگۈن كۆپچىلىككە تۇنۇشتۇرغان بۇ ئۈچ ئىش ھامىلدار ئاياللارنىڭ قايتا ئىسىگە سېلىپ قويىشىمىز بولۇپ، ئەگەر ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە بۇ ئىشلارنى قىلمىسىڭىز، قورسىقىڭىزدىكى بوۋىقىڭىز سىزگە رەھمەت ئوقۇيدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号