ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بوۋاقلاردا پەيدا بولىدىغان تېرىقسىمان ئەسۋە ھەققىدە
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-10-14 كۆرۈلىشى : قېتىم
   نۇرغۇن ئانىلارنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ئۇلارنىڭ بوۋىقىنىڭ پىشانىسى، كۆز ۋە بۇرۇن ئەتراپى، مەڭزى قاتارلىق قىسىملاردا يىڭنىنىڭ ئۇچىغا ئوخشايدىغان ئاق رەڭلىك كىچىك ئەسۋە(小疹子) پەيدا بولۇپ قالغان بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇنىڭ قانداق ئەھۋال ئىكەنلىكىنى، داۋالاش كىرەكمۇ يوق، قانچىلىك ۋاقىتتا ئوڭشىلىپ كىتىدۇ دىگەنلەرنى بىلەلمىگەنلىكىنى ئېيتقان.
يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا كۆرۈلىدىغان تېرىقسىمان ئەسۋە(粟粒疹) دىگەن نىمە؟
   يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ يۈزىدە پەيدا بولۇپ قالىدىغان ئاق چىكىتلەر تېرىقسىمان ئەسۋە ياكى سۈتسىمان داغ دەپ ئاتىلىدۇ؛ بۇ 3 ئايلىق ئىچىدىكى يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا دائىم كۆرۈلىدىغان تىرە ئەسۋەسى بولۇپ، ئادەتتە كۆپىنچە بوۋاقلارنىڭ بۇرنىنىڭ ئۇچى ۋە ئىككى يېنى، مەڭزى ۋە پىشانە قىسمىغا چىقىدۇ ھەمدە تۈكۈچ سالغاندەك بىر يەرگە يېغىلغان چىكىت چىكىت ھالىتىدە كىلىدۇ. يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تىرەسى تېخى تۇلۇق يىتىلىپ بولالمىغاچقا، بەدەن تىمپىراتۇرا سىزىمى ناچار كىلىدۇ، بۇ سەۋەپلىك تۇمۇز ئىسسىقتا مۈڭگۈز قەۋەتتىكى ئاقسىل كىچىك تەر بەزلىرىنىڭ تەر چىقىرىش يوللىرىنى توسىۋالىدىغان بولغاچقا، تەرلىگەندىن كىيىن تەر بەزچىلىرىنىڭ توسۇلۇپ ئىتىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ئەتراپتىكى تىرە قىسمىدا تېرىقسىمان ئەسۋە شەكىللەندۈرىدۇ؛ بۇ خىل ئەسۋە يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا كۆرۈلىدىغان تېرىقسىمان ئەسۋە دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، كۆپ قىسىم يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا كۆرۈلىدۇ، ئادەتتە داۋالاش كەتمەيدۇ. تېرىقسىمان ئەسۋە ئادەتتە 3-2 ھەپتىدىن كىيىن، ئۆزلىكىدىن يوقايدۇ؛ ئەلۋەتتە، بەزىدە 2-1 ئايدىن كىيىن ئاندىن يوقايدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرىلىدۇ.
يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا كۆرۈلىدىغان تېرىقسىمان ئەسۋەنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبى
    تېرىقسىمان ئەسۋە بولسا، تىرە قىسىمدا كۆرۈلىدىغان بىر خىل ساقلىنىش خارەكتىرلىق خالتىلىق ئىششىق بولۇپ، كىچىك بالىلار ۋە قورامىغا يەتكەنلەردە كۆرۈلىدۇ؛ كىچىك بوۋاقلاردا تېرىقسىمان ئەسۋە كۆرۈلۈشىدىكى سەۋەپ، ئۇلارنىڭ تىرە ياغ بېزىنىڭ يىتىلىشى ياخشى بولمىغاچقا، تىرە ئاجرىتىپ چىقارغان نەرسىلەر تىرە سىرتىغا چىقىۋىلىتەلمەي ئىچكى قىسىمدا يېغىلىپ قېلىپ، بۇ خىل كىچىك ئاق رەڭلىك تېرىققا ئوخشاش تىرە ئەسۋەسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ خىلدىكى ئەسۋە ئاغرىتمايدۇ ھەم قىچىشتۇرمايدۇ، باشقىلارغا يۇقۇپمۇ قالمايدۇ، بۇۋاقلارغا ھېچقانداق تەسىرى بولمايدۇ.
تېرىقسىمان ئەسۋە بىلەن باشقا تۈردىكى تىرە ئەسۋەسىنى قانداق پەرقلەندۈرۈش كىرەك؟
    1. ھۆل تەمرەتكە تېرىقسىمان ئەسۋەگە ئوخشاپ كىتىدىغان بولۇپ، ئەمما چىققان ھۆل تەمرەتكىلەرنىڭ چوڭ كىچىكلىكى تەكشى كەلمەيدۇ ھەمدە قىزىرىپ قىچىشىدىغان بولۇپ، بالىلار ھەمىشە تەمرەتكە ئورنىنى قاشلايدۇ. ھۆل تەمرەتكىگە ئادەتتە مۇناسىپ دورىلارنى سۈرۈپ بەرسەك ياخشىلىنىپ كىتىدۇ.
    2. دانىخورەك. يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا چىقىدىغان دانىخورەكمۇ ئاددەتتە يۈز قىسىمىدىكى بۇرۇن ئۇچى، پىشانىسى قاتارلىق جايلارغا چىقىدىغان بولۇپ، ئۇ چوڭ بالىلاردىكى دانىخورەككە ئوخشاش چوڭ كىلىدۇ؛ بۇ خىل دانىخورەك تۈك خالتىسى خارەكتىرلىك ئەسۋە بولۇپ، يىرىڭ ئېغىزى بار بولىدۇ، قىچىشمايدۇ؛ بۇ خىل دانىخورەككە ھەرقانداق دورا سۈركىگەن بىلەن پايدىسى بولمايدۇ.
تېرىقسىمان ئەسۋە كۆرۈلگەن بوۋاقلارنىڭ تىرىسىنى ئاسراش ئۇسۇللىرى
    1. ئانىلار ھەركۈنى بوۋاقلارنى يۇيۇندۇرغان ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ يۈزلىرى سۇدا تازىلاپ بىرىشى كىرەك. پاكىزلىغاندا چوقۇم ھەرىكىتىمىز قاتتىق بولماسلىقى، بۇ ئەسۋەلەرنى كۈچەپ سۈرتمەسلىكىمىز ھەم ئۇلارنى سىقىماسلىقىمىز كىرەك، ئۇچىنى بۇزۇۋىتىشكە ياكى بوۋاقلارنىڭ يۈزىگە خالىغانچە مەلھەملەرنى سۇۋاشقا تېخىمۇ بولمايدۇ؛ بولمىغاندا يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىمىز مۇمكىن، بەزىدە ھەتتا تاتۇق قالىدىغان ئەھۋاللارمۇ بولۇپ قالىدۇ.
    2. ئۆي ئىچى تىمپىراتۇرسىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىپ، ئەڭ ياخشىسى 25 سىلتسىيە گىرادوسلۇق تىمپىراتۇرىنى ساقلىشىمىز، بوۋاقلارنى يۇيۇندۇرغاندا سۇنىڭ تىمپىراتۇرسى 40-37 سىلتسىيە گىرادوس ئەتراپىدا تەڭشىشىمىز كىرەك.
   3. بالىلارغا بەك كۆپ كىيىم كەيدۈرۋەتمەسلىكىمىز لازىم؛ ئەگەر ئۇلارغا بەك كۆپ كىيىملەرنى كەيگۈزۈپ قويساق، بوۋاقلار تەرلىگەندىن كىيىن، چىققان تەر تارىلىپ كىتەلمەي، تىرىسى نەملىكنىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچراپ، تېخىمۇ كۆپ ئەسۋە پەيدا بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号