ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
ھامىلدارلىق ئاياللاردىكى قەۋزىيەتنى ياخشىلاش ئۇسۇللىرى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-10-11 كۆرۈلىشى : قېتىم
   نۇرغۇن ئاياللار ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ئوخشىمىغان دەرىجىدە قەۋزىيەت ھادىسىسى كۆرۈلىدۇ؛ بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىش كىرەكلىكى توغرىسىدا، بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە بىر ئۇزۇقلۇقشۇناسنىڭ ھامىلدار ئاياللار ئۈچۈن كۆرسەتكەن، قەۋزىيەتنى ياخشىلاش چارىلىرىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
1. قوبۇل قىلغان يىمەكلىكنىڭ زىيادە ئاز بولۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش.
     ھامىلدارلىق دەسلەپكى مەزگىلىدە، نۇرغۇن ھامىلدار ئاياللاردا كۆڭلى ئېلىشىپ ياندۇرۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدىغان بولۇپ، ئىستىمال قىلغان يىمەكلىك مىقدارى ئاز بولغانلىقتىن، ئۈچەي يوللىرىدىكى قالدۇق ماددىلار ۋە يېغىلغان چوڭ تەرەتىنىڭ مىقدارىمۇ ئاز بولىدۇ؛ بۇ سەۋەپلىك چوڭ تەرەت قىستاش تۇيغۇسى ئىنتايىن ئاجىز بولغاچقا، بۇنى ۋاقتىدا ھىس قىلىپ يىتەلمەسلىكمۇ، قەۋزىيەتنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە مۇۋاپىق يىمەكلىكلەرنى تاللاپ، مىقدارى ئاز ئەمما ئىستىمال قېتىم سانى كۆپ بولغان پىرىنسىپ بويىچە، قوبۇل قىلىنغان يىمەكلىكنىڭ ئاز بولۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش لازىم.
2. يىمەكلىك تالا ماددىسى تەركىبى مول بولغان يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش.
     يىمەكلىك تالا ماددىسى سۇ سۈمۈرۈپ كۆپىدىغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق چوڭ تەرەتنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرىدۇ ھەم ئۈچەينىڭ قىمىرلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. كۆكتات، يىرىك ئاشلىق، ياڭيۈ تۈرىدىكى يىمەكلىك، پۇرچاق تۈرىدىكى يىمەكلىك قاتارلىقلار ھەممىسى يىمەكلىك تالا ماددىسىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك كىلىش مەنبەسى بولۇپ، بۇ يىمەكلىكلەردىن ھەر كۈنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستىمال قىلغاندا، يىتەرلىك ئۇزۇقلۇق تولۇقلاشقا بولۇپلا قالماستىن، يەنە قەۋزىيەتنى ئۈنۈملۈك ھالدا ياخشىلاشقا بولىدۇ.
   يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن تالا ماددىسى تەركىبى مول بولغان يىمەكلىكلەرنىڭ ھەر كۈنلۈك تەۋسىيەلىك ئىستىمال مىقدارى تۆۋەندىكىچە: كۆكتات 500 گىرام، يىرىك ئاشلىق 100 گىرام، ياڭيۈ تۈرىدىكى يىمەكلىكلەر 100-50 گىرام، پۇرچاق تۈرىدىكى يىمەكلىكلەر 20 گىرام.
3. مۇۋاپىق مىقداردا ھەرىكەت قىلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش
    ھامىلدار ئاياللار، سەيلە قىلىش، تىز مېڭىش، ھامىلدار ئاياللار يۈگاسى، ھامىلدار ئاياللار ساغلاملىق گىمناستىكىسى قاتارلىق ھەرىكەت چېنىقشلارنى مۇۋاپىق تۈردە ئىشلەپ بەرسە، بەدەن ساپاسىن كۈچلەندۈرۈپ كىسەللىككە قارشى تۇرغىلى بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە ھامىيلىنىڭ تەرەققىياتىغا ۋە ئۆزى تەبىئى تۇغۇشقا پايدىلىق بولىدۇ ھەمدە ئۈچەينىڭ قىمىرلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان رول ئوينايدۇ؛ مۇۋاپىق مىقداردا ھەرىكەتلىنىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش، قەۋزىيەتنى ياخشىلاشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل.
4. سۇنى كۆپ ئىچىش
    نورمال قورامىغا يەتكەن كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تەۋسىيىلىك سۇ ئىچىش مىقدارى 1700-1500 مىللىلىتىر بولۇپ، ئەگەر قەۋزىيەت بار بولسا بۇ مىقداردىنمۇ كۆپرەك ئىچىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ؛ يىتەرلىك بولغان سۇ تەركىبى ئۈچەينى سىلىقلاشتۇرۇپ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.
5. مۇقىم بىر ۋاقىتتا چوڭ تەرەت قىلىش
   مۇقىم بىر ۋاقىت بەلگىلەپ، مەسىلەن ئەتىگەن سائەت 7:30دا، چوڭ تەرەت قىستاش تۇيغۇسى بولمىسىمۇ، قولىمىزدىكى ئىشنى قويۇپ، مۇشۇ مۇقىم ۋاقىتتا دىققىتىمىزنى مەركەزلەشتۈرۈپ تەرەت قىلىش، ھەر قېتىمدا 10-5 مىنۇت ئەتراپىدا داۋاملاشتۇرۇش كىرەك.
   يۇقىردا ئېيتىلغان 5 خىل ئۇسۇلنى، ئەگەر ھامىلدار ئاياللار ئىزچىل تۈردە داۋاملاشتۇرۇپ بەرسە، ئىشىنىمەنكى، ئادەمنى بىئارام قىلىدىغان قەۋزىيەت مەسىلىسى ئوڭۇشلۇق ھالدا ھەل قىلىنىپ، يىنىكلەپ قالىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号