ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
ھامىلدار ئايالنىڭ كەيپىياتى بوۋاققا قانداق تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-10-10 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ئادەتتە بەزى يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ "مىجەزى" ناھايىتى ياخشى كىلىدۇ، ئەمما يەنە بەزى بوۋاقلارنىڭ بولسا "ئاچچىقى يامان" كىلىدۇ، بۇ زادى نىمە ئۈچۈن؟  بوۋاقلارنىڭ مىجەزى ياخشى بولۇشى ياكى ئاچچىقى يامان بولۇشى، ئۇلار تۇغۇلغاندىن كىيىنكى بېقىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، يەنە ھامىلدارلىق مەزگىلى بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.
   ھامىلدار ئايالنىڭ كەيپىياتىنىڭ ئۆزگىرىشى ئىنتايىن مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ، بىر ھامىلدار ئايالنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر پۈتكۈل ھامىلدارلىق مەزگىلىنى ناچار كەيپىيات، مەسىلەن ئاچچىقلىنىش، ئاسان غەزەپلىنىش، تىرىكىش قاتارلىقلار ئىچىدە ئۆتكۈزسە، ئۇنداقتا بوۋاق تۇغۇلغاندىن كىيىن، ئازدۇر-كۆپتۇر شۇ مىجەزلىك بولۇپ قالىدىكەن، "ئاچچىقىمۇ" يامانراق كىلىدىكەن.
   10 ئاي قورساق كۆتۈرمەك ئوڭاي ئەمەس، گەرچە ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايال جىسمانى ۋە روھى جەھەتتىن قاتتىق چارچاپ، كەيپىياتىمۇ ئۆزگىرىشچان بولۇپ قالىدۇ؛ ئەمما شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ، ھامىلدار ئاياللار بەك ئۆز بېشىمچە بولۇۋالماسلىقى كىرەك. سىز ھامىيىلىنى پەقەت ئانىسىنىڭ قورسىقىدا يېتىپ ئۇخلايدۇ دەپ قالماڭ؛ ئەمىلىيەتتە بوۋاقمۇ ئانىنىڭ قورسىقىدا جىم ياتمايدىغان بولۇپ، ئانىنىڭ خۇشاللىقى ۋە قايغۇ-ھەسرەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى قورسىقىدىكى بوۋاق ھىس قىلىپ يىتەلەيدۇ.
ھامىلدارلىق مەزگىلدە كەيپىيات تۇراقلىق بولمىسا، بوۋاققا قانداق تەسىرى بار؟
   1. ھامىلدار ئايالنىڭ كەيپىياتىنىڭ تۇراقسىز بولۇشى، بوۋاقنىڭ يىتىلىشىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ بولۇپمۇ ھامىلدارلىق دەسلەپكى مەزگىلىدە، زىيادە خاتىرجەمسىزلىنىش، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشى ياخشى بولماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بۇندىن باشقا، ناچار كەيپىيات يەنە بىۋاستە قورساقتىكى بوۋاقنىڭ تۆۋەنكى دۆڭچە مىڭىسىگە ناچار تەسىر كۆرسىتىدۇ.
   2. ھامىلدار ئايالنىڭ كەيپىياتى تۇراقسىز بولسا، بوۋاق تۇغۇلغاندىن كىيىن، ئۇنى بېقىشمۇ تەسرەك بولۇپ قالىدۇ؛ بۇنداق بوۋاقلاردا كۆپ مىدىرلايدىغان، كەيپىياتى كۆپىنچە ناچار بولۇپ قالىدىغان، ئاسان يىغلاپ جىدەل قىلىدىغان، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ناچار، بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەن قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ قالىدۇ ھەم ئاسانلا كىسەل بولۇپ قالىدىغان تۇغۇلۇپ قالىدۇ.
   3. ئېغىر دەرىجىدىكى كەيپىيات مەسىلىسى، بوۋاق ۋە ھامىلدار ئايالنىڭ ساغلاملىقىغا تەسرى يەتكۈزىدىغان بولۇپ، بەزىدە ھەتتا بوۋاق بۇرۇن تۇغۇلۇپ قالىدىغان ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.شۇنىڭ ئۈچۈن، ھامىلدار ئاياللار ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئىمكان قەدەر خۇشال كەيپىياتنى ساقلىشى لازىم. خۇشال كەيپىيات ئىنتايىن ياخشى بولغان ھامىيلە تەربىيىسى بولۇپ، ھاميلىنىڭ مىڭىسىنىڭ يىتىلىشى قاتارلىقلارغا ناھايىتى پايدىلىق بولىدۇ. ئەگەر كەيپىياتىڭىزنى ھەقىقەتەن تۇراقسىز ھىس قىلسىڭىز، ئۇنداقتا كەيپىياتىڭىزنى تەڭشەشنى ئۆگىنىۋىلىشىڭىز لازىمدۇر.
ھامىلدار ئاياللار قانداق قىلغاندا ئۆزىدە ياخشى كەيپىيات پەيدا قىلالايدۇ؟
   1. كىچىسى ئۇخلىماي قېلىشتىن ساقلىنىپ، ئۇيقۇنىڭ يىتەرلىك ھەم سۈپەتلىك بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىشھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئۇيقۇ سۈپىتى ياخشى بولالمايدىغان ھامىلدار ئاياللارغا نىسبەتەن، كىچىلىرى ئۇخلىيالماسلىق ئادەتتىكى ئەھۋال ھىسابلىنىدۇ. بىراق ئەگەر ياخشى ئۇخلىيالماي، ھەمىشە كىچىلەرنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزسىڭىز، بۇ بىئولوگىيىلىك سائەتنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، يەنە ئىچكى ئاجرالما سېستىمىسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، كەيپىياتنىڭ تۇراقسىز بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەمدە بوۋاقنىڭ يىتىلىشىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ.
   ئۇيقۇ ياخشى بولسا، كەيپىيات ئاندىن ياخشى بولىدۇ. ئۇيقۇسى ياخشى ئەمەس ھامىلدار ئاياللار، ئۇخلاش مۇھىتىنى ئالماشتۇرۇپ سىناپ باقسا ياكى ھامىلدارلار ياستۇقى ئىشلىتىپ سىناپ باقسا بولىدۇ.
   2. كۆپرەك ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق، جىددى كەيپىياتىنى پەسەيتىشھەرىكەت قىلىش ناھايىتى ئۈنۈملۈك بولغان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش ۋە كەيپىياتنى ياخشىلاش ئۇسۇلى بولۇپ، مۇۋاپىق تۈردە ھەرىكەت قىلىپ بەرگەندە غەم-ئەندىشىنى تۈگىتىش ئۈنۈمىگە ئىرىشكىلى بولىدۇ.
   ھامىلدار ئاياللارغا ماس كىلىدىغان ھەرىكەت ياكى چېنىقىشلاردىن، ئادەتتە ئاددى بولغان يۈگا ياكى سۇ ئۈزۈش قاتارلىقلار بار. ئەمما ئەستىن چىقارماسلىقىڭىز كىرەككى، قاتتىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان ھەرىكەت تۈرلىرىنى قەتئى تاللاشقا بولمايدۇ.
   3. نىشاننى يۆتكەپ، مۇۋاپىق تۈردە ئۆزىنى قويۇۋىتىشئەگەر ھامىلدار ئاياللار مەلۇم بىر ئىش سەۋەبىدىن غەمگە چۆكۈپ كەيپىياتى ياخشى بولالماي قالغان بولسا، ئۇنداقتا بۇ ۋاقىتتا ئۇلار ئەڭ قىلىشقا تىگىشلىك ئىش ئۆزىنى قويۇپ بېرىپ، كۆڭلىنى ئازادە تۇتۇشتۇر. بۇنداق ۋاقىتتا ھامىلدار ئاياللار مىڭىسىنى چارچاتمايدىغان ئەمما ۋاقىت ئۆتكۈزگىلى بولىدىغان ئىشلار بىلەن شۇغۇللۇنۇپ سىناپ باقسا بولىدۇ.
   مەسىلەن، كىتاپ ئوقۇش، مۇزىكا ئاڭلاش دىگەنلەرگە ئوخشاش.
   4. يىمەك-ئىچمەكنى تەڭشەپ، كۆڭۈل بىئاراملىقىنى يوقىتىشيىمەك-ئىچمەكنىڭ ئادەمنىڭ كەيپىياتى بىلەن بەلگىلىك دەرىجىدە مۇناسىۋىتى بار بولۇپ، ھامىلدار ئاياللار يىمەك-ئىچمەكتە ئۆزىنى قىسماسلىقى ھەم چوڭ يەپ چوڭ ئىچىپ كەتمەسلىكىمۇ لازىم. ئادەتتە ئاقسىل تۈرىدىكى يىمەكلىكلەر، بوغداي تۈرىدىكى يىمەكلىكلەر ۋە بانان قاتارلىقلارنى كۆپرەك يەپ بەرگەندە، مىڭىنى تىنچلاندۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ؛ بۇنىڭدىن باشقا يەنە مۇۋاپىق تۈردە ھامىلدارلار مەخسۇس سۈت پاراشوكى ئىچىپ بەرسە بولىدۇ.
   يۇقىردا توختىلىپ ئۆتكەن بىرنەچچە نوقتىدىن باشقا، ھامىلدار ئاياللار يەنە ئەتراپىدىكى كىشىلەر بىلەن كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇپ بەرسە، ياكى ئۆزىنى ياساپ تۈزەش ئارقىلىق، كۆڭلىنى خۇشال قىلسا بولىدۇ، بۇلار خۇشال ھەم ئىشەنچكە تولغان ياخشى كەيپىياتنى ساقلاشقا ناھايىتى پايدىلىق بولغان ئۇسۇللاردۇر.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号