ھامىلدار ئاياللار سول يېنىنى بېسىپ ئۇخلاش كىرەك؟ بۇ قاراش توغرىمۇ؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-10-05 كۆرۈلىشى : قېتىم
مىنىڭچە كۆپچىلىك مۇنداق بىر خىل قاراشنى ئاڭلىغان: ھامىلدار ۋاقىتتا سول يېنىنى بېسىپ يېتىپ ئۇخلىسا، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىگە پايدىلىق بولىدۇ ھەمدە يۈرەكنىڭ بېسىمىنى تۆۋەنلىتىپ، ھامىيلىگە يىتەرلىك ئوكسىگىن ۋە ئۇزۇقلۇق يەتكۈزۈپ بەرگىلى بولىدۇ. بۇ سەۋەپلىك نۇرغۇن ھامىلدار ئاياللار ھامىلدارلىق دەسلەپكى مەزگىلىدىلا سول يېنىنى بېسىپ يېتىشقا ئادەتلىنىدۇ، ئۇنداقتا بارلىق ھامىلدار ئاياللارنىڭ ھەممىسى سول يېنىنى بېسىپ يېتىپ ئۇخلىشى كىرەكمۇ؟ ئەمىلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. نۇرغۇن ھامىلدار ئاياللار بۇنىڭدىكى كونكىرتنى ئەھۋاللارنى بىلمەي تۇرۇپ، ئاڭلىغاندىن كىيىن قارىغۇلارچە ھالدا ئاڭلىغىنى بويىچە ئىش كۆرىدىغان بولۇپ، بۇنداق ئەھۋالدا ئۆزىنى قىيناپ قويۇپلا قالماستىن، يەنە بەلكىم ھامىيلىگە زىيان يەتكۈزۈپ قويىشى مۇمكىن.

ھامىلدار ئاياللارنىڭ پۈتكۈل ھامىلدار مەزگىلىنىڭ ھەممىسىدە سول يېنىنى بېسىپ يېتىشى كەتمەيدۇ.
نۇرغۇن كىشىلەر ھامىلدار مەزگىلىدە سول يېنىنى بېسىپ ئوخلاش ئەڭ ياخشى ئۇخلاش ھالىتى، بۇنىڭدا ھامىلدار ئايال ۋە بوۋاقنىڭ ھەر ئىككىسىگە پايدىلىق بولىدۇ دەپ قارايدۇ؛ ئەمىلىيەتتە بۇنىڭ زۈرۈرىيىتى يوق. ھامىلدارلىق دەسلەپكى مەزگىلىدە، ھامىلدار ئاياللارنىڭ ئۇخلاش قىياپىتىگە نىسبەتەن ئۇنچە كۆپ تەلەپ يوق، پەقەت ھەمىشە دۈم يېتىپ ئۇخلىۋالمىسىلا بولىدۇ. ھازىر كۆپ كۆرۈلىۋاتقان بىر ئەھۋال بار، ئۇ بولسىمۇ بوۋاقلار تۇغۇلغاندىن كىيىن بوينى بىرتەرەپكە يانتۇ تۇرىدىغان بولىۋالىدۇ ھەمدە ئاساسلىقى ھەمىشە بىر تەرەپكە قاراپ تۇرۋىلىشتا ئىپادىلىنىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋال كىلىپ چىقىشتىكى ئاساسلىق سەۋەپ، ئىنتايىن چوڭ دەرىجىدە ئانىسى ھامىلدار ۋاقىتتا مۇقىم بىر خىل ئۇخلاش ھالىتىنى ساقلىۋالغانلىقتىن كىلىپ چىقىدۇ.

ھامىلدارلىق ئوتتۇرا مەزگىلى ۋە ئاخىرقى مەزگىلىدە سول يېنىنى بېسىپ يېتىش تەۋسىيە قىلىنغاندىمۇ، مىدىرلىماي بىر خىل ئۇخلاش ھالىتىنى ساقلىۋىلىشنىڭ ھاجىتى يوق.
كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللارغا نىسبەتەن، سول يېنىنى بېسىپ ئۇخلاشنىڭ ھامىلدار ئايال ۋە بوۋاققا نىسبەتەن پايدىلىق تەرىپى ھەقىقەتەن كۆپ بولىدۇ؛ ئەمما ئادەتتە ھامىلدار ئاياللارنىڭ ھامىلدارلىق ئوتتۇرا مەزگىلىگە قەدەم قويغاندىن كىيىن ئاندىن سول يېنىنى بېسىپ يېتىشقا ئادەتلىنىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. چۈنكى بۇ ۋاقىتتا ھامىيلە تەدرىجى يىتىلىپ چوڭۇشقا باشلايدۇ ھەمدە ھامىلدار ئايالنىڭ قورسىقىمۇ مۇناسىپ ھالدا يوغىناشقا باشلايدۇ؛ شۇڭلاشقا بۇ مەزگىلدە سول يېنىنى بېسىپ يېتىش ھەقىقەتەن ئەڭ ياخشى ئۇخلاش ھالىتى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ، ئەمما ھامىلدار ئاياللارنىڭ ھەر كۈنى سول يېنىنى بېسىپ يېتىپ ئۇخلىشىنىڭ ياكى پۈتۈن بىر كىچە سول يېنىنى بېسىپ يېتىپ ئۇخلىشىنىڭ ھاجىتى يوق. ھامىلدار ئاياللارغا نىسبەتەن، دۈم يېتىپ ئۇخلىمىسىلا، قايسى خىلدا يېتىپ ئۇخلىسا راھەت ھىس قىلسا شۇنداق يېتىپ ئۇخلىسا بولىۋىرىدۇ، بۇنىڭدا ھېچقانداق باشقا مەسىلە كۆرۈلمەيدۇ.

تۆۋەندىكى ئىككى خىلدىكى ھامىلدار ئاياللار سول يېنىنى بېسىپ يېتىپ ئۇخلاشقا ماس كەلمەيدۇ:
1. يۈرەك كىسىلى بار ھامىلدار ئاياللار
ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، ئادەمنىڭ يۈرىكى سول تەرەپتە بولىدۇ، شۇڭا نۇرمال ئەھۋال ئاستىدا ئېلىپ ئېيتقاندا، سول يېنىنى بېسىپ يېتىش ھامىلدار ئاياللارنىڭ يۈرىكىنىڭ بېسىلىشقا ئۇچرىتىدىغان بولۇپ، ئەگەر ھامىلدار ئايالدا يۈرەك كىسەللىكلىرى بار بولسا ياكى ئاستا خارەكتىرلىك يۈرەك زەئىپلىشىش ھادىسىسى بار بولسا، ئۇنداقتا سول يېنىنى بېسىپ يىتىش بۇنداق ھامىلدار ئاياللارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيانلىق بولىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋال قان سۇيۇقلۇقىنىڭ يۈرەككە قايتىپ كىلىشىگە پايدىسىز بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن بىرگە ھامىيلىنىڭ ساغلام يىتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭلاشقا بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، ئوڭ يېنىنى بېسىپ يېتىش، ھامىلدار ئاياللارنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشى بولۇپ، ھامىلدار ئاياللار بۇ جەھەتكە چوقۇم ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كىرەك.

2. بالىياتقۇ سول يۆنىلىشتە ئايلانغان ھامىلدار ئاياللار
ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرىقى مەزگىلىدە، ھامىلدار ئاياللارنىڭ بالىياتقۇسى بەلگىلىك دەرىجىدە ئوڭ ياكى سول يۆنىلىشتە ئايلىنىش ھالىتى شەكىللىنىدىغان بولۇپ، بۇ ئەھۋالنى ئادەتتە دوختۇرخانىلاردا تۇغۇت تەكشۈرۈشى قىلىش ئارقىلىق بىكىتىشكە بولىدۇ. ئەگەر ھامىلدار ئاياللاردا بالىياتقۇ سول يۆنىلىشتە ئايلانغان ھالەت كۆرۈلگەن بولسا، ئۇنداقتا ھامىلدار ئاياللار يەنە سول يېنىنى بېسىپ يېتىپ ئۇخلىسا، بۇ ئەھۋالنى ئېغىرلىتىۋىتىدىغان بولۇپ، قاننىڭ بالىياتقۇ ھەمرىيىگە قايتىش مىقدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئېغىر بولغاندا ھامىيلىگە ئوكسىگىن يىتىشمەسلىك ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۇڭا بۇ خىلدىكى ھامىلدار ئاياللار ئەڭ ياخشىسى ئوڭ يېنىنى بېسىپ يېتىشقا ئادەتلىنىشى لازىم.
قىسقىسى، ئادەم بىلەن ئادەمنىڭ ئەھۋالى بىر-بىرىگە ئوخشاشمايدىغان بولۇپ، ھامىلدار ئاياللار ئېغىزدا تارقىلىپ يۈرگەن قاراشلار ۋە بەزىبىر "يەرلىك رىتسىپلار"غا قالايمىقان ئىشىنىپ كەتمەي، تۇغۇت تەكشۈرۈشىنى ۋاقتىدا ئاكتىپلىق بىلەن ئېلىپ بېرىپ، ھەر ئىشتا دوختۇرلارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش كۆرۈشى كىرەك. ئەمما ئاستىدىكى ئېلاننى خاتىرجەم دەسسەپ قويسىڭىز بولىۋىرىدۇ، بۇ ھەرگىزمۇ قارغۇلارچە ئىش كۆرگەنلىك ھىسابلانمايدۇ.