سۈت بېزى راكى ئاياللار ساغلاملىقىنىڭ ئەڭ چوڭ قاتىلى بولۇپ، ئەمىلىيەتتە ئۇ بىر خىل جىسمانىي جەھەتتىكى كىسەللىك بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە كەيپىيات ۋە مىجەز-خارەكتىر سەۋەبىدىنمۇ شەكىللىنىدۇ؛ بىر خىل "راك كىسەللىكى مىجەز-خارەكتىرى" بار بولۇپ، سىزنىڭ بۇنى بىلىۋىلىشىڭىز زۈرۈردۇر.
سۈت بېزى راكى بىزگە ئىنتايىن يېقىن
پۈتۈن دۇنيادا، ھەر يىلى 150 مىليون سۈت بېزىغا گىرىپتار بولغان بىمار كۆپىيىدىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۆلۈپ كىتىدىغانلىرى 520 مىڭدىن ئاشىدۇ؛ دۆلىتىمىزدە بولسا ھەر يىلى يىڭىدىن 190 مىڭ سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولغان بىمار كۆپىيىدىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 48 مىڭ ئادەم ئۆلۈپ كىتىدۇ. نۆۋەتتە، سۈت بېزى راكى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدىكى ئاياللارنىڭ ھاياتىغا خەۋپ ئېلىپ كىلىدىغان ئەڭ چوڭ ئامىلغا ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، دۆلەتلىك راك كىسەللىكى مەركىزى تەرپىدىن جۇڭگۇلۇق ئاياللاردا ئەڭ كۆپ كۆرىلىدىغان راك كىسەللىكلىرىنىڭ ئارىسىدىكى بىرىنچى ئورۇنغا تىزىلغان؛ يېقىنقى يىللاردىن بويان بۇ كىسەللىك سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغان چولپانلارمۇ ئاز ئەمەس.
"جۇڭگۇ ساداسى" پىروگىراممىسى ئارقىلىق كۆپچىلىككە تۇنۇشلۇق بولغان ياۋ بېينا شۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرسى بولۇپ، ياۋبېينا سۈت بېزى راكى قايتا قوزغالغانلىق سەۋەپلىك بۇ دۇنيادىن كۆز يۇمغان؛ ئۇ بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشقان ۋاقىتتا تېخى ئەمدى 33 ياشقا كىرگەن ئىدى.
84-يىلى ئېلان قىلىنىپ تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۈرۈشكە "قىزىل راۋاقتىكى چۈش" فىلىمىدىكى لىن دەييۈنىڭ رولىنى ئالغان چېن شىياۋشۈيمۇ، 41 يېشىدا سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇپ قالغانلىق سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان.
"رىمدىكى ئىستىراھەت كۈنى" ناملىق فىلىمدا رول ئېلىش بىلەن دۇنياغا داڭلىنىپ كەتكەن چولپان ئاۋدىرىي.ھېپبورنمۇ 1993-يىلى سۈت بېزى راكى سەۋەپلىك بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشقان.
يېقىنقى يىللاردىن بويان، سۈت بېزى راكى سەۋەپلىك ئالەمدىن ئۆتكەن كىشىلەر ئاز ئەمەس، ئەمما ئەمىلىيەتتە، ئەگەر ۋاقىتىدا بايقالسا ۋە بىمار داۋالاشقا ئاكتىپلىق بىلەن ماسلاشسا، سۈت بېزى راكىنىڭ داۋالاپ ساقايتىش نىسبىتى يەنىلا ئىنتايىن يوقىرى بولىدۇ.
بۇ ئىككى خىلدىكى ئاياللار ئاسانلا راك كىسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ
ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان ئاياللار
ئاچچىقلىنىشنىڭ بەدەنگە بولغان زىيىنى ئىنتايىن چوڭ، بولۇپمۇ ئاچچىقنى ئىچىگە يۇتۇپ يۈرسە، ناچار كەيپىيات بېسىمغا ئەگىشىپ سىزنىڭ ساغلاملىقىڭىزغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ. سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسپىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشى، يېرىمدىن كۆپرەكى پاسسىپ ئىنىرگىيىلىك كەيپىياتتىن كىلىدۇ.
جۇڭگۇ تىبابىتىدە، ئاچچىقلىنىش سۈت بېزى ۋە بالىياتقۇدىن ئۆتىدۇ دىگەن قاراش بار بولۇپ، بۇنىڭ مەنىسى ئەگەر بىز ئاچچىقلانساق، زەھەرلىك ماددىلار بۇ ئىككى ئىچكى ئەزادىن ئۆتۈپ، ئۇلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى زەھەرلىك ماددىلارنىڭ مىقدارىنىڭ ئېشىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، ئەگەر ئادەمنىڭ كىسەللىككە قارشى تۇرۇش كۈچى ئاجىز بولۇپ قالسا، ئاسانلا راك كىسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدىغان ئەھۋال كىلىپ چىقىدۇ.
مىجەزى ئىتتىك ئادەملەرگە نىسبەتەن، ھەمىشە ئاچچىقلىنىش ئۇلارنىڭ جىگىرىگە زور زىيان ئېلىپ كىلىدىغان بولۇپ، ئاچچىقلىنىش ئادەمنىڭ جىگەر فونكىسىيىسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، كۆكرەك سىقىلىش، كۆكرەك ۋە يان قۇۋۇرغا قىسىم ئاغرىش قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ؛ ئەگەر ئاچچىقلىنىشنى كونتىرول قىلمىغاندا، ئۇنىڭ زىيىنى ئەڭ چوڭ بولىدۇ.
ئاسان تەشۋىشلىنىدىغان ئاياللار
پىسخىك روھى ھالىتىنى تەڭشەش ئىقتىدارى نىسبەتەن ناچار، ھەممە ئىشلارغا كىرىشىۋىلىپ، ئۇزۇن مەزگىل تەشۋىشلىنىش ھالىتىدە تۇرىدىغان ئادەملەرنىڭ جىسمانىيىتىدە، ھەممىدىن ئاسان چوڭ كىسەللىك خەۋىپى كۆرۈلىدۇ. بۇ دەل يېقىنقى يىللاردىن بويان سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولغان كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى 35-28ياشلار ئارلىقىدا بولغان ھەمدە ئالدىراش خىزمەت بىلەن مەشغۇل بولىدىغان ئاياللار بولىشىدىكى سەۋەپتۇر.
ھازىرقى دەۋرىمىزدە، ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ بېسىملارغا دۇچار بولىدۇ؛ بويتاق ئاياللاردا تويلىشىشتىن قورقۇش ۋە تويلىشىشقا دەۋەت قىلىپ قىستاش تەشۋىشى بولىدۇ؛ توي قىلىپ بولغان ئاياللاردا بالا تەربىيىلەش تەشۋىشى بولىدۇ؛ ئوتتۇرا ياشقا كەلگەندە تېخى ياشانغاندا كۈتۈنۈش، پەرزەنت تەربىيىلەش، خىزمەتتىكى تەرققىياتى توسالغۇغا ئۇچراش قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمىلىك تۇرمۇش قىيىنچىلىقلىرىغا دۇچار بولىدۇ.
تەشۋىشلىنىشنىڭ ئۇيقۇنى قاچۇرۇش، چاچ چۈشۈشنى پەيدا قىلىش قاتارلىق فىزىلوگىيىلىك مەسىلىلەردىن باشقا ئەڭ چوڭ تەسىرى، ئادەمىنىڭ مىتابولىزىمىنىڭ بىنورماللىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، ئاياللاردا بۇ سەۋەپلىك پەيدا بولغان ھەر خىل ئاياللار كىسەللىكى تېخىمۇ كۆپ كۆرۈلىدۇ. شۇڭلاشقا تەشۋىشلىندىغان مىجەزدىكى كىشىلەر تېخىمۇ ئاسان قېرىپ كىتىدۇ ھەم تېخىمۇ ئاسان كىسەل بولۇپ قالىدۇ.
سۈت بېزى راكىنىڭ يىمەكلىكتىن بولغان ياردەمچىلىرى
ھاراق تۈرى

تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ھەر ھەپتىدە 3 قېتىم تەركىبىدە ئىسپىرت بار بولغان ئىچىملىك ئىچىدىغان ئاياللارنىڭ سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەتىرى %15 ئېشىپ كىتىدىكەن. ئىسپىرت ئادەتتە ئاياللىق گورمۇن مىقدارىنى كۆپەيتىۋىتىدىغان بولۇپ، ئۇزۇن مەزگىل ھاراق ئىچكەندە، كۆپ مىقداردا ئىچكەندە، بۇ ئاياللار بەدىنىدىكى ھورمونلارنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، سۈت بېزى ئۆسمىسى قاتارلىق كىسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
يۇقىرى قەنتلىك يىمەكلىكلەر

يۇقىرى قەنتلىك يىمەكلىكلەرنىڭ سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش خەتىرى بار بولۇپ، تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، سېمىز ئاياللارنىڭ سۈت بىزى راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى، بەدەن ئېغىرلىقى نورمال بولغان ئاياللارنىڭكىگە قارىغاندا 3-2 ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن. تەتقىقاتچى خادىملار تەجىربە ئوبىكتى قىلىنغان كىچىك ھايۋانلارغا يۇقىرى قەنتلىك يىمەكلىكلەرنى بەرگەندىن كىيىن، ئۇلارنىڭ تېخىمۇ ئاسان سۈت بېزى ئۆسمىسى كىسەللىكىگە گىرىپتار بولىدىغانلىقىنى بايقىغان بولۇپ، بۇ ئىنسانلارنىڭ سۈت بېزى راكىغا ئوخشىشىپ كىتىدىكەن.
قىزىل گۆش تۈرى

يۇقىرى ياغ ۋە يۇقىرى خولىستىرىنلىق كالاگۆشى، قوي گۆشى قاتارلىق قىزىل گۆش تۈرى، بولۇپمۇ پىششىقلاپ ئىشلەنگەن گۆش تۈرىدىكى يىمەكلىكلەر ۋە تۇزلانغان گۆش تۈرىدىكى يىمەكلىكلەر. ھايۋانات گۆشى تەركىبىدىكى تويۇنغان ياغ كىسلاتالىرى، سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەتىرىنى ئاشۇرۋىتىدىغان بولۇپ، ئەگەر كۆپ مىقداردا قىزىل گۆش تۈرىدىكى يىمەكلىكلەر تەركىبىدىكى ياغ كىسلاتارلىرىنى بەدەنگە قوبۇل قىلغاندا، بۇ زور مىقداردىكى ئاياللار ھورمۇنى ۋە مەزىبېزى ماددىسىغان ئوخشىشىپ كىتىدىغان ماددىلارنى شەكىللەرندۈرىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك راك كىسەللىكىنى پەيدا قىلىدۇ.