كونىلاردا "100يىل بالا باقساڭ، 99يىل غەم-ئەندىشە ئىچىدە ئۆتىسە" دىگەن گەپ بار؛ بۇ گەرچە قىسقىغىنا بىر جۈملە سۆز بولسىمۇ، ئەمما ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ بالا تەربىيىلەش جەريانىدىكى تاتقان جەۋرى-جاپالىرى ۋە تەڭلىكلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرىدۇ. بالا تەربىيىلەش بولسا بىر مەيدان ئۇزۇنغا سوزۇلغان كۈرەش بولۇپ، ھەممە ئاتا-ئانىلار ئەڭ ياخشى تەربىيىلەش ئۇسۇلىغا ئىگە بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ.
بۈگۈن بىز كۆپچىلىكنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، ئالاھىتەن بالا تەربىيلەشتىكى 4 چوڭ قانۇنىيەتنى يېغىپ رەتلەپ چىقتۇق؛ كۆپچىلىكنىڭ ياقتۇرۇشىنى ئۈمىت قىلىمىز.
-1-
ئاكۋارىئۇم قانۇنىيىىتى (鱼缸法则)
بالىلارنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىشى ئەركىنلىككە مۇھتاج
بىر نەچچە تال كىچىك بىلىق ئاكۋارىئومغا (ئائىلىدە بىلىق بېقىشتا ئىشلىتىلىدىغان، چوڭ تىپتىكى ئەينەك باك) سېلىنىپ بېقىلىپتۇ؛ بىر نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، بىلىقلار ئازراقمۇ يوغىنىماستىن، يەنە دەسلەپكى پېتى تۇرغۇدەك؛ شۇڭلاشقا كىشىلەر بۇ بىلقلارنى نەسلى شۇنداق جۇغى كىچىك كىلىدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپتۇ.
كىيىنچە مەلۇم بىر كۈنى، ئاكۋارىئوم ئىھتىياتسىزلىقتىن چېقىلىپ كىتىپتۇ؛ ئۇلار دەماللىققا يىڭى ئاكۋارىئوم تاپالمىغانلىقتىن، بىلىقلارنى ھويلىدىكى كۆلچەككە سېلىپ بېقىپتۇ. ئەمما ئويلىمىغان يەردىن، بۇ بىلىقلار ھويلىدىكى كۆلچەكتە ساراڭدەك ئۆسۈپ يوغىناشقا باشلاپتۇ.
بىلىق كەڭرى ھەم ئازادە بولغان ئۈزۈپ ھەرىكەتلىنىدىغان بوشلۇققا مۇھتاج بولىدۇ، ئادەممۇ ھەم شۇنداق. بىز ھەمىشە بالىلار ئۈچۈن تاللاش ئېلىپ بارىمىز، بالىلار ئۈچۈن جاۋاپ بىرىمىز؛ بۇ سەۋەپلىك ئۇلارنىڭ يىڭىلىق يارىتىش ئىدىيىسى ۋە مۇستەقىل تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارى يوق بولۇپ قالغان ھالەتنى شەكىللەندۈرۈپ قويىمىز.

بالىلارنى سۆيۈشتە، ئۇلارنى قويۇۋىتىشتىن باشلىشىمىز لازىمدۇر. بىز كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ، تەدرىجى ھالدا بالىلارنىڭ ئۆزىنى كونتىرول قىلىش ۋە ئۆزىگە ئىگە بولۇش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈشىمىز كىرەك. مەسىلەن قايسى خىلدىكى دەرستىن سىرتقى قىزىقىش سىنىپلىرىغا تىزىملىتىش، يازلىق تەتىلدا قەيەرگە بېرىپ ساياھەت قىلىش دىگەنلەرگە ئوخشاش. ئۇلار چوڭ بولۇپ، مۇستەقىل كەلگەن ھەمدە پىشىپ يىتىلگەن تەپەككۇر ئىقتىدارىغا ئىگە بولغاندىن كىيىن، ئۇلارغا تېخىمۇ كۆپ ھاياتلىق تاللاش ھوقۇقىنى بىرىشىمىز كىرەك.
-2-
جەنۇپ شامىلى قانۇنىيىتى(南风法则)
كەڭ قورساقلىق پۇزۇتسىيە بىلەن بالىلارنىڭ قەلبىنى ئۇزۇقلاندۇرۇش
جەنۇپ شامىلى بىلەن شىمال شامىلى، كىمنىڭ ئاۋال يولدىكى كىشىلەرنىڭ چاپىنىنى سالدۇرۋىتىش توغرىسىدا تىكىشىپ قاپتۇ. شىمال شامىلى قاتتىق ھۆكۈرگىنىچە، جاھاننى بورانلارغا توشقۇزۇپتۇ، ئەمما يولدىكى كىشىلەر شامالنىڭ سۇغۇقىدىن قورقۇپ، چاپىنىنى قايتىدىن چىڭ چىگىپ مېڭىپتۇ؛ نۆۋەت جەنۇپ شامىلىغا كەلگەندە، ئۇ ئاستاغىنا ناھايىتى مۇلايىم ھالەتتە مەيىن شاماللارنى قويۇپ بىرىپتۇ، بىر ھازادىن كىيىن كۈن ئىسسىغاندىن كىيىن، كىشىلەر مەيىن شامالدا سالقىندىماقچى بولۇپ، ھەممىسى چاپانلىرىنى سېلىشىپتۇ.
بۇ مەسەل كىيىنچە ئىجتىمائى پىسخلوگىيەدىكى مۇھىم بىر ئۇقۇمغا تەرەققى قىلىپ ئۆزگەرگەن بولۇپ، "جەنۇپ شامىلى قانۇنىيىتى" ياكى "ئىللىقلىق قانۇنىيىتى" دەپ ئاتالغان. بۇ قانۇنىيەتنى بالا تەربىيىسىگە تەدبىقلىغاندا، بىز بالىلارغا نىسبەتەن بىر خىل كەڭ قورساقلىق ۋە ئەپۇچان پوزۇتسىيە تۇتىشىمىز لازىم.

مەسىلەن، بالىلار ئېھتىياتسىزلىقتىن سۈتنى پولغا تۆكىۋىتىپ قالسا، بىز ئۇلارغا مۇلايىملىق بىلەن "قوزام سەن ناھايىتى سىرلىق سۈت دېڭىزىدىن بىرنى پەيدا قىلىپ قويدىڭغۇ" دىسەك بولىدۇ؛ بالىلار سەل ئەسلىگە كىلىۋالغاندىن كىيىن ئاندىن ئۇلارغا سۈت دېڭىزى گەرچە ناھايىتى سىرلىق بولسىمۇ، ئەمما بۇ سەۋەپلىك پولغا تەسىر يەتكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە پولنى تازىلىۋەتسەك ھەمدە بالىلارغا سۈت قولدا تۇتۇشتىكى توغرا ئۇسۇلنى ئېيتىپ بەرسەك بولىدۇ.
-3-
گەندى خانىم قانۇنىيىتى(甘地夫人法则)
ئوڭۇشسىزلىق ئالدىدا ھەقىقى ئەھۋالنى ئەينەن سۆزلەش
بىر قېتىم، ھىندىستان سابىق زۇڭلىسى گەندى خانىمنىڭ چوڭ ئوغلى راجىف ئوپراتسىيە قىلدۇرماقچى بولۇپتۇ. دوختۇر بەزىبىر "ياخشى نىيەتتە سۆزلەنگەن يالغان سۆزلەر" ئارقىلىق بالىغا تەسەللى بەرمەكچى بولغاندا، گەندى خانىم ئۇنى توسۇپ قېلىپ، ناھايىتى تەمكىن ھالەتتە 12 ياشلىق ئوغلىغا مۇنداق دەپتۇ: "ئوماق ئوغلۇم راجىف، ئوپراتسىيەدىن كىيىنكى بىر نەچچە كۈندە ناھايىتى بەك ئاغرىيدۇ، بۇنداق ئاغرىقنى ھېچقانداق ئادەم تارتىشىپ بىرەلمەيدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن سەن قەيسەرلىك بىلەن بۇ ئاغرىقلارغا ئۆزۈڭ بەرداشلىق بىرىشىڭ كىرەك."
گەندى خانىمنىڭ قارىشىچە، ئوڭۇشسىزلىقنىڭ يىتىپ كىلىشى، ئادەمنىڭ ئىرادىسىگە بېقىپ يۆتكەلمەيدىغان بولۇپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەر ۋاقىت ئاسرىشى ئاستىدا ساقلانغىلى بولۇشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىكەن.
بالىلار كۆڭۈل بۆلۈشكە مۇھتاج، ئەمما ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولغان مىھرى-مۇھەببەت ۋە كۆڭۈل بۆلۈش ئەكسىچە ئۈنۈم كۆرسىتىپ قويىشى ھەتتا بالىلارنىڭ ھاياتلىق كۈچىنى بوشاشتۇرۋىتىشى مۇمكىن.

بالىلار ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان ۋاقىتتا، سىز ئۇنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ھەقىقىي ئەھۋالنى سەمىمىلىك بىلەن بىلدۈرۈڭ. بالىلارنىڭ ئوڭۇشسىزلىق ۋە قىيىنچىلىققا ئۇدۇل يۈزلىنىپ، مەغلۇبىيەتكە ۋە ئازاپقا يۈزلىنىش پۇزۇتىسىيىسىنى توغرىلاشقا ياردەملىشىڭ. بۇنىڭدا بالىلار ئاندىن ئۆزىنى كونتىرول قىلىشنى ئۆگىنىپ يىتەلەيدىغان بولۇپ، تۇرمۇشتىكى ھەر خىل ئۆزگىرىشلەرگە جەسۇرلۇق بىلەن يۈزلىنەلەيدىغان بولىدۇ.
-4-
لوسىنتار ئۈنۈمى(罗森塔尔效应)
ئاكتىپ بولغان ئارزۇ-ئۈمىد مۆجىزە يارىتالايدۇ
يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى پىگىرماۋىر سىپرۇس دۆلىتىنىڭ پادىشاھى بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ يەنە بىر ھەيكەلتىراچ ئىكەن. ئۇ بىر گۈزەل ئايالنىڭ ھەيكىلىنى ياخشى كۆرۈپ قېلىپ، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ مۇھەببىتىنى قوبۇل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن.
ئۇنىڭ بۇ خىل ۋاز كەچمەس مۇھەببىتى، مۇھەببەت ئىلاھىنى تەسىرلەندۈرۈپ، ھەيكەلگە جان كىرگۈزۈپتۇ ھەمدە پادىشاھنىڭ ئايالى بولۇپتۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ھازىرقى زاماندىكى سىپرۇس ئادەملىرى بارلىققا كىلىپتۇ.
بۇ ئەپسانە، پەقەت كىشىلەرگە بىر تاماشا ئورنىدىكى ھىكايىدەك بىلىنسىمۇ، ئەمما ئۇ بىزگە بىر داۋلىنى چۈشەندۈرىدۇ: ئاكتىپ بولغان ئارزۇ-ئۈمىد، مۆجىزە پەيدا قىلالايدۇ.
20-ئەسىردىكى ئامىرىكا پىسخىلوگىيە ئالىمى لوسىنتار ئىلگىرى قانۇنىيىتى مۇشۇنىڭغا ئوخشىشىپ كىتىدىغان بىر تەجىربە ئىشلىگەن—ئۇ خالىغانچە گۇرۇپپىلاشتۇرۇلغان ئىككى گۇرۇپپا ئوقۇغىچىلارغا ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئاكتىپ ياكى پاسسىپ باھا بەرگەن، ئاخىرىدا راستىنلا ئۇ باھالىغانغا ئوخشاش ئاكتىپ ياكى پاسسىپ نەتىجىگە ئىرىشكەن.
بالا تەربىيىلەش جەريانىدا، بىز ئاكتىپ بولغان ئارزۇ-ئىستەكلەرنى كۆپرەك يەتكۈزۈشىمىز لازىم؛ بۇنىڭدا بالىلارنىڭ سوبىكتىپ ھەرىكەتچانلىقىنى قوزغىتىپ، ئۇلاردا ئۆزىنى ئۆزگەرتىشكە ۋە مۇكەمملەشتۈرۈشكە تىرىشىدىغان ئالغا ئىلگىرىلەش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ ھەمدە ئاخىرى بېرىپ تېخىمۇ گۈزەل ھاياتلىق بولۇپ يىتىلىدۇ.

بالا تەربىيىلەش جەريانى جاپالىق ھەم ئۇزۇن مۇساپە، ھەرخىل قىيىنچىلىقلار بولىدۇ، نىمە قىلىشنى بىلەلمەي قالىدىغان ۋە تەشۋىشلىنىپ قالىدىغان ۋاقىتلارمۇ بولىدۇ؛ ئەمما بىز پەقەت ئۆزلۈكسىز تۈردە ئۈگىنىش ۋە توختىماي مۇلاھىزە قىلىپ تەپەككۇر يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرساقلا، ئۇنداقتا ھەر بىر قېتىملىق قىيىنچىلىقنىڭ كەينىدە، بالىلارغا تەئەللۇق بولغان سوۋغات يۇشۇرۇنغان بولىدۇ.