ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
ۋىيتامىن C ۋە بالىلار ساغلاملىقى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-09-20 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ھەممىمىز ۋىيتامىن C نىڭ كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقى ۋە بەلگىلىك كىسەللەرگە داۋالاش ئۈنۈمى كۆرسىتىدىغانلىقىنى، بەدەن ئورگانىزىمىنىڭ قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى بىلىمىز. ئۇنداقتا بىز بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە ۋىيتامىن C نى ۋە ئۇنىڭ بالىلار ساغلاملىقى جەھەتتىكى بەزىبىر رولىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
ۋىيتامىن C زادى قانداق نەرسە؟
    ۋىيتامىن C بولسا، ئىنتايىن مۇھىم بىر خىل سۇدا ئىرىشچان ۋېىيتامىن بولۇپ، ئۇ ئادەم بەدىنىدىكى كۆپ خىل مىتابولىزىم ھەرىكىتى بىلەن باغلىنىشلىق بولىدۇ. ۋىيتامىن C  نى ئادەم بەدىنى بىرىكتۈرەلمەيدۇ ھەم ساقلىيالمايدۇ، شۇڭلاشقا چوقۇم سىرتتىن قوبۇل قىلىشى كىرەك. نورمال ئەھۋال ئاستىدا ئادەم بەدىنىنىڭ ۋىيتامىن Cنى تۇتۇپ تۇرۇش مىقدارى 1500 مىللىگرام بولۇپ، ۋىيتامىن C نىڭ قوبۇل قىلىنىشى يىتەرلىك بولمىسا، سۈمۈرۈلۈشتە توسالغۇ بولسا ياكى ئېھتىياجىلىق بولغان مىقدارى ئېشپ كەتسە، كىسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بوۋاقلارمۇ ھەمىشە، ئانىسىدا ۋىيتامىن C نىڭ كەمچىل بولۇشىنىڭ ئانا سۈتىدە ۋىيتامىن C تەركىبى يىتەرلىك بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى سەۋەبىدىن كىسەل بولۇپ قالىدۇ. ئادەتتە يىشىل يۇپۇرماقلىق كۆكتات، ئاپلىسىن، لىمون قاتارلىقلارنىڭ ۋىيتامىن C تەركىبى بىرقەدەر مول بولىدۇ.
ۋىيتامىن C نىڭ رولى
      1. تۆمۈر ماددىسىنىڭ سۈمۈرلۈشى ۋە فولىن كىسلاتاسىنىڭ مىتابولىزىمىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى تۆمۈرلۈك قىزىل قان ھۈجەيرىسىنى نورمال قىزىل قان ھۈجەيرىسىگە قايتۇرۇپ، قان ئازلىقنى ياخشىلايدۇ.
      2. ھۈجەيرىلەر ئوتتۇرسىدىكى كوللاگىننىڭ بىرىكىشىنى شەكىللەندۈرۈپ، چىش، سۆڭەك، قان تۇمۇر ۋە مۇسكۇللارنىڭ نورمال ئىقتىدارىنى ساقلايدۇ.
     3. لىمفا ئانا ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بەدەن ئورگانىزىمىنىڭ سىرتتىن كەلگەن يامان ئۆزگىرىشلىك ھۈجەيرىلەرنى پەرقلەندۈرۈپ يوقىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ؛ ھەمدە بۇ ئارقىلىق ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممونىت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ، شۇڭلاشقا ئادەتتە زۇكام ئاسان تارىلىدىغان پەسىللەردە مۇۋاپىق تۈردە ۋىتامىن C تۇلۇقلاش ئارقىلىق نەپەس يولى ياللۇغى ۋە زۇكام بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولىدۇ.
    4. جىگەرنىڭ جىگەر گىلىكوگېنى ئىشلەپچىقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، جىگەر گىلىكوگېنى بولسا جىگەرنىڭ زەھەر تازىلاش فونكىسىيىسىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، ئۇ جىگەرنىڭ ئېغىر مىتاللارغا قارىتا زەھەر تازىلاش جەريانىغا بىۋاستە قاتنىشىدۇ ھەمدە قوغۇشۇن، سىماپ قاتارلىق ئېغىر مىتاللارنىڭ ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق تەسىر كۆرسىتىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىدۇ.
     5. كوللاگىنلىق ئاقسىلنىڭ بىرىكىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ تارىلىپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق بولىدۇ.
ۋىيتامىن C تەركىبى يۇقىرى بولغان يىمەكلىكلەر
    يازلىق بەسەي(小白菜)، قىچا(油菜)، قىچا كۆكى (油菜苔)، سۆسۈن ئالگا(紫菜苔)، قىزىلبوغداش(苋菜)، كەرەپشە(芹菜)، چار خەمەك(苦瓜)، گۈل كەرەم(花菜)، مۇچ(辣椒) قاتارلىق يىڭى كۆكتاتلار ۋە مايمۇن شاپتۇلى(猕猴桃)، ئاپلىسىن، دولانا(山楂)، چوڭ  ئاپلىسىن(柚子)، چىلان(鲜枣)قاتارلىق مىۋە-چىۋىلەر
ئەسكەرتىش:
    ۋىيتامىن C گەرچە ياخشى نەرسە بولسىمۇ، ئەمما ھەر كۈنلۈك قوبۇل قىلىش مىقدارى 2 گىرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كىرەك؛ بولمىغاندا ئادەمدە ئاسانلا بۆرەككە تاش چۈشۈش پەيدا قىلىپ قويىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号