ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
ھامىلدار ئاياللارنىڭ بۇ 3 كۆرسەتكۈچى لاياقەتسىز بولسا، ۋاقتىدا تەكشۈرتىشى كىرەك!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-09-18 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ئاياللار مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھەربىر ئانا بولۇش ئالدىدا تۇرغۇچى ئاياللار قورسىقىدىكى بالىنىڭ ساغلام يىتىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ھامىيلە ئانىسىنىڭ قورسىقىدا 10 ئاي "تۇرمۇش كەچۈرۈش" جەريانىدا، ئانىنىڭ ھەربىر ئىش-ھەرىكىتى ھامىلىنىڭ ساغلام يىتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەگەر ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ئاياللار تۆۋەندىكى ئۈچ تۈرلۈك بەدەن ھالىتى لاياقەتسىز بولسا، بۇ بەلكىم ھامىلىنىڭ يىتىلىشىنىڭ تۇلۇق بولماسلىقى ياكى ئاستا بولۇشىدىن بولۇشى مۇمكىن، بۇنداق ئەھۋالدا ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ، ئەھۋال ئىگەللەپ بېقىش كىرەك.
1. بالىياتقۇ ئىگىزلىكىنىڭ ئېشىش نىسبىتى
   بالا تۇغۇپ باققا ئاياللارنىڭ ھەممىسى بالىياتقۇ ئىگىزلىكىدىن پايدىلىنىپ، ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىشىگە قارىتا ھۆكۈم چىقىرىدىغان ئۇسۇل ۋە ئاساسلارنى بىلىدۇ. بۇندىن باشقا بالىياتقۇ ئىگىزلىكىدىن پايدىلىنىپ، ھامىلىنىڭ ئانىنىڭ قورسىقىدىكى ئۆسۈش تىزلىكى ۋە ئەھۋالىنى بىلىشكە بولىدىغان بولۇپ، ھامىلدار ئاياللار 7 ئايلىق ئەتراپىدا بولغان ۋاقىتتىكى بالىياتقۇ ئىگىزلىكىنىڭ ھەر ھەپتىلىك ئېشىش مىقدارى ئاساسى جەھەتتىن بىر سانتىمىتىر ئەتراپىدا بولىدۇ؛ ئەگەر بۇ مەزگىلدە ھامىلدار ئاياللارنىڭ بالىياتقۇ ئىگىزلىكىنىڭ ئېشىش مىقدارى بۇ قىممەتكە يەتمىسە، ئۇنداقتا ھامىلىنىڭ يىتىلىشىنىڭ تولۇق بولماسلىقى ئېھتىمالغا يېقىن، بۇ ئەھۋالغا ئىتىبار بىلەن قاراش كىرەك.
2. قورساق ئايلانمىسىنىڭ ئېشىش نىسبىتى
   ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىلىنىڭ ئۆسۈشىنىڭ تىز-ئاستىلىقىغا ھۆكۈم قىلماقچى بولساق، بۇنى ھامىلدار ئايالنىڭ كىندىكىنى ئۆلچەم قىلىپ تۇرۇپ قورساق ئايلانمىسىنى ئۆلچەش ئارقىلىق بىلىشكە بولىدۇ. ئادەتتە 4 ئايلىق بولغاندىن باشلاپ، ھامىلدار ئاياللارنىڭ قورسىقى يوغىناشقا باشلايدىغان بولۇپ، بۇ مەزگىلدە ئۇلارنىڭ قورساق ئايلانمىسى ھەر ھەپتىسىگە 0.8سانتىمىتىر ئەتراپىدا ئېشىپ ماڭىدۇ. 6 ئايلىق بولغاندىن كىيىن، قورساق ئايلانما ئۇزۇنلۇقىنىڭ ئېشىشى ئازراق تىزلەيدۇ، ئەمما ھامىلدارلىقنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا كەلگەندە ئېشىش نىسپىتى يەنە تۇراقلىشىدۇ. ئەگەر ھامىلدارلىقنىڭ ئوتتۇرا، كىيىنكى مەزگىلىدە قورساق ئايلانما ئۇزۇنلۇقىنىڭ ئېشىشى بىرقەدەر ئاستا بولسا، ئۇنداقتا بۇ ھامىلىنىڭ تۇلۇق يىتىلىپ بولالمىغانلىقىدىن بولۇشى مۇمكىن.
3. بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىش نىسبىتى
    ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ئالدىنقى تۆت ئايدا ئۇلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى نىسبەتەن ئاستا بولىدۇ، چۈنكى بۇ ۋاقىتتا ھامىلىنىڭ يىتىلىشى تېخى ئۇنچە تىز بولمايدۇ. ئەمما ھامىلدارلىقنىڭ ئوتتۇرا، كىيىنكى مەزگىللىرىگە كەلگەندە، ھامىلىنىڭ يىتىلىشى بىرقەدەر تىز بولىدۇ، شۇڭلاشقا ھامىلدار ئاياللارنىڭ قورسىقى بۇ ۋاقىتتا كۈنسايىن يوغىناپ كىتىدۇ. ئادەمنىڭ بەدەن سۈپىتىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى يىمەكلىك ئىستىمال ئادىتىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى قوشۇلۇپ، ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ۋە ئېشىش قىممىتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ؛ نورمال ئەھۋال ئاستىدا، ئادەتتە ھامىلدار ئاياللارنىڭ ھەر ھەپتىلىك بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىش قىممىتى بىر جىڭ بولسا، بۇ بوۋاقنىڭ نورمال يىتىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئەمما ھەر ھەپتىلىك بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىش قىممىتى بىر جىڭدىن ئارتۇق ياكى بىر جىڭدىن ئاز بولسا، ئۇنداقتا ھامىلدار ئاياللار دىققەت قىلىشى كىرەك؛ چۈنكى بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشى بەك تىز بولۇپ كەتسە تۇغۇشقا پايدىسىز تەسىرلەرنى ئېلىپ كىلىدۇ، ئەگەر بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشى بەك ئاستا بولۇپ كەتسە ھامىلىنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号