ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بالىلار ئوقۇش باشلىسا ئازادلىققا چىقىمەن دەپ قالدىڭىزمۇ؟ خام خىيال قىلماڭ!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-09-04 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھامىلدار بولغان ۋاقىتتا، تۇغۇپ بولسام ئازادلىققا چىقىمەن دەپ ئويلايسىز؛ بالىنى تۇغۇپ بولغاندىن كىيىن، ئىمىتىشنى توختاتساملا ئازادلىققا چىقىمەن دەپ ئويالايسىز؛ ئىمىتىشتىن توختىغاندا يەنە ئۈچ يىل بەرداشلىق بەرسەم، بالا يەسلىگە بارسا ئازادلىققا چىقىمەن دەپ ئويلايسىز؛ يەسلىگە بارغاندىن كىيىن، مەكتەپكە بارسىلا ئازادلىققا چىقىمەن دەپ ئويلايسىز؛ ئەمىلىيەتتە بۇ بىر خام خىيال.

 
ئوقۇش باشلاشتىن ئىككى كۈن ئىلگىرى
     يىڭى مەۋسۇم ئوقۇش باشلىنىش ۋاقتى كىلىپ قالغىنىنى كۆرۈپ، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار كۆڭلىدىكى خوشاللىقىنى باسالماي، ئاسمانغا ئۇچۇپ چىقىپ كەتكۈدەك بولىدۇ.
ئاخىرى ئازادىلىققا چىقتۇق!
بالىلار ئاخىرى مەكتەپكە بارىدىغان بولدى!
قەدىرلىكىم خەير-خوش! خەير-خوش! خوش! خوش!
 
دەرس باشلانغان بىرىنچى كۈنى
    بۇ كۈنى ئەھۋالدا چوڭ ئۆزگىرىش بولىدۇ؛ تېلىۋىزوردا مەركىزى تىلىۋىزىيە ئىستانسىسىنى قانىلىنى ئېچىپ، "ئوقۇش باشلىغان بىرىنچى كۈنى" پىروگىراممىسىنى كۆرىمىز، ھەمدە بالىلار بىلەن تۇنجى قېتىملىق ئائىلە تاپشۇرۇقى—قول گىزىتى ئىشلەيمىز.( ئەمىلىيەتتە بالىلار بۇنى نەدىن بىلسۇن؟ ئاتا-ئانىلارغا بەرگەن تاپشۇرۇق بۇ)
    قول گىزىتىنى تاپشۇرۇپ بولۇپ ئىش تۈگىگەن ئوخشايدۇ دەپ قالماڭ! بۇندىن كىيىنكى ھەر ھەپتىدە يەنە نۇرغۇن ۋەزىپىلەر بار بولىدۇ، مەسىلەن يۇپۇرماق رەسىمى، رەسىم كىتابى، سىنىپنى بىزەيدىغان ھەر خىل بوتۇلكا، رەڭلىك لىنتا، قەغەز ئىستاكان.... بۇ ۋاقىتتا سىزنىڭ قولدا ياسىغىلى بولمايدىغان بىرەر نەرسىمۇ بارمىدۇ دەپ سورىغىڭىز كىلىپ كىتىدۇ.

 
كىيىنكى نەچچە كۈندە
     ھە دىسىلا بەزىبىر قاملاشمىغان تېلفونلارنى تاپشۇرۋالىسىز: "ياخشىمۇ سىز؟ ئاڭلىسام بالىڭىز يىڭىدىن مەكتەپكە كىرىپتۇ؛ بىزنىڭ بۇ يەردە ھەرخىل تەربىيەلەش كۇرۇسلىرى بار، ھەقسىز ئاڭلاپ باقسىڭىز بولىدۇ!". ئىنگىلىز تىلى سىنىپى، ئۇسۇل سىنىپى... ھەر بىر سىنىپلارغا نەچچە مىڭلاپ پۇل كىتىدىغان تۇرسا، مەن كىيىم-كىچەك، سومكا سېتىۋالماسمەنمۇ؟
    مەن تېخى بالىنى مەكتەپكە ئاپىرىپ قويسام، ئۇ مەكتەپتىن قايتىپ كىلىپ بولغۇچە ئازراق ئارام ئېلىپ قالارمەنمىكىن دەپتىمەن. ئىككى سائەت يانفونغا قارىماي قاپتىكەنمەن، ئۈندىدار +99 ئۇچۇر قۇبۇل قىلىپ بولۇپتۇ؛ بالامنىڭ سىنىپىدىكى ئۈندىدار توپىغا ھەركۈنى ماختاش بىرىدىغانلار، گۈل سوۋغا قىلىدىغانلار، يەنە مۇئەللىمنى جاپا چەكتىڭىز دەيدىغانلار... ھەر كۈنلۈك ئۇچۇر مىقدارى باشنى ئوچاق قىلىۋىتىدىغان بولۇپ، مىنى خۇددى ھەرىكەتچان ئاتا-ئانىلار يېغىنى ئېچىۋاتقاندەك تۇيغۇغا ئەكىلىپ قويدى.
      بۇ ئۇچۇرلارنى كۆرۈش كۆرمەسلىكىمىزدىن قەتئىنەزەر ئاۋال "تاپشۇرۋالدىم، رەخمەت" دەپ قويۇپ، ئۆيگە قايتقاندا ئالدىرماي كۆرۈۋالىمىز.
 
ئوقۇش باشلاپ بىر ھەپتىدىن كىيىن
      ئاتا-ئانىلار سىنىپنىڭ ئۈندىدار توپىدا مۇئەللىممۇ بار بولغاچقا، گەپ قىلىش قولايسىز بولىدىكەن دەپ، ئايرىم ئاتا-ئانىلار توپىدىن بىرنى قۇرۇپ چىقتى.
    ھەقىقى ئازاپ ئەمدى باشلانغان ئىدى. سىنىپ مۇدىرى، ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى، ماتىماتىكا ئوقۇتقۇچىسى، ئىنگىلىز تىلى ئوقۇتقۇچىسى ۋەزىپە ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن، تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى ۋەزىپە ئورۇنلاشتۇردى: "كىيىنكى چارشەنبە كۈنى مەكتەپتە تەنتەربىيە مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ". ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە ئاتا-ئانىلار بالىلار بىلەن بىرلىكتە قاتنىشىدىغان ئىشكەن؛ قېرىغاندا ئادەمگە نىمە خاپىلىق ئەمدى...

 
ئەڭ قىيىن مەسىلە، ئەتىگەن كەچتە بالىنى تۇشۇش
    ئوقۇش باشلانغاندىن كىيىن، پۈتۈن شەھەردە قاتناش توسۇلۇپ قالىدۇ؛ ئادەتتە بەش مىنۇتلۇق مۇساپىنى ھازىر 40 مىنۇتتا بېسىپ بولىمەن.
    ئوقۇش باشلانغاندىن كىيىن ئۆزۈمنى، بالىلار ئۈچۈن قىلالمايدىغىنى يوق بولغان ئايال قەھرىمانلاردەك ھىس قىلدىم.
   پەقەت كىچە بىر ۋاقىت بولغاندا، بالىنى ئۇخلىتىپ، كىيىملەرنى يۇيۇپ بولۇپ، ئۆيلەرنى يېغىشتۇرۇپ بولۇپ، ئۇھ دەپ بىردەم ئولتۇرۋالالايمەن؛
ئىرىم بولسا بىر چەتتە يانفوندا ئويۇن ئوينىغاچ، ماڭا "چىداشلىق بىرىڭ! بىز چوقۇم يىڭىپ چىقالايمىز" دەپ تەسەللى بىرىدۇ....
    بىر ھەپتىدىكى يەتتە كۈندە، ھەر كۈندىكى 24 سائەتتە بۇرنۇمدىن تارتسا دۈم چۈشەمدىمكىن دەپ كىتىمەن، ئەمما كۆزۈمنى ئاچقاندەك قىلسام، يەنە دۈشەنبە كىلىدۇ.
    ئاخىرىدا ئاتا-ئانىلارغا تەكىتلەيدىغىنىم، بالىڭىزنى ئەدەپلىگەندە ئاۋايلاپراق ئەدەپلەڭ، ھەر نىمە دىگەن بىلەن ئۆز بالىڭىز ئەمەسمۇ!!
    بۇندىن باشقا يەنە كۆڭلىڭىزنى خوش قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىڭ؛ چاچلىرىڭىزنى ياسىتىڭ، كىتاپ ئوقۇڭ، بەك بولمىسا كىيىم-كىچەك سېتىۋالسىڭىزمۇ مەيلى؛ ئىشقىلىپ، ئۆزىڭىزنى ئاسراپ يېقىلىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىڭ! چۈنكى بالىڭىز تېخى باشلانغۇچنى تۈگىتىپ، ئوتتۇرا مەكتەپكە ۋە ئالى مەكتەپكە بارمىسا بولمايدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号