بالىڭىزنى ئەيىبلىگەندە، ئالدى بىلەن ئەيىبلەش ئاساسىڭىزنى ئىنىق سۆزلەپ چۈشەندۈرۈشىڭىز كىرەك؛ بۇنىڭدا بالىڭىزنىڭ ئوخشاش خاتالىقنى قايتا سادىر قىلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
1. سىز ئاجىز، قارشى تەرەپ كۈچلۈك بولغاندا
بىر كۈنى بىر ئانا بالىسىنى يەسلىدىن ئەكىلىشكە بېرىشقا كىچىكىپ قاپتۇ؛ بۇ ۋاقىتتا بالا ئوغرىسىدىن بىرسى پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ، بۇ ئانىنىڭ بالىسىنى گۆللەشكە باشلاپتۇ. ئۇ بالىغا "كىچىك دوست، مىنىڭ بىر نەرسەم ھاجەتخانىدا چۈشۈپ قاپتۇ، سەن بېرىپ ماڭا ئەكىلىپ بىرەلەمسەن؟" دەپتۇ. ئۇ بالىنى ھاجەتخانىغا باشلاپ ئاپىرىپ، شىرىكلىرىنىڭ قول سېلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بەرمەكچى بولغان ئىكەن. نەتىجىدە بۇ ئادەم ئوغرىسى قايتا-قايتا ئۈچ قېتىم سوراپتۇ، بالا بولسا گەپ قىلماي بېشىنى چايقاپلا تۇرۇپتۇ. بالا ئوغرىسىنىڭ ئاچچىقى كىلىپ، " سەن باشقىلارغا ياردەم بىرىشنىڭ ياخشى پەزىلەت ئىكەنلىكىنى ئۆگەنمىگەنمۇ؟" دەپ سورىغان ئىكەن، بالا ئۇنىڭغا بىر ئالىيىپ قويۇپ مۇئەللىمىنىڭ قېشىغا بېرىۋاپتۇ.
بالا ئوغرىسى بۇ بالىنىڭ ھۇشيارلىقىنى كۆرۈپ، نىشانىنى باشقا بالىلارغا يۆتكەپتۇ. ئەمما ئۇلار 10 مىنۇتتەك ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئەمدى باشقا بىر بالىنى ئالداپ ماشىنىغا ئېلىپ چىقىپ قېچىپ كەتمەكچى بولۇپ تۇرغىنىدا، ساقچىلار كىلىپ ئۇلارنى نەق مەيداندا تۇتىۋاپتۇ.
ئەسلىدە ھېلىقى بالا مۇئەللىمىنىڭ قېشىغا بېرىپ، ناھايىتى ئىشەنچىلىك ھالدا، ئۇلارنىڭ بالا ئوغرىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان؛ مۇئەللىم گەرچە تازا ئىشەنچ قىلالمىسىمۇ، ئەمما بىخەتەرلىكنى ئويلىشىپ، يەنىلا ساقچىغا مەلۇم قىلغان ئىكەن. نەتىجىدە ئۇلار راستىنلا جىنايەتچى بولۇپ چىققان.
مۇئەللىم بالىدىن سوراپتۇ: "سەن ئۇلارنىڭ ئەسكى ئادەم ئىكەنلىكىنى قانداق بىلدىڭ؟" .
بالاجاۋاپ بىرىپتۇ: "ئانام ماڭا، چوڭلار سىنى ياردەمگە چاقىرسا، ئۇلار بىلەن ھەرگىز كارىڭ بولمىسۇن دىگەن؛ چۈنكى چوڭلار ئۆزى بىتەرەپ قىلالمايدىغان قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا چوقۇم چوڭلارنى ياردەمگە چاقىرىدىكەن، ھەرگىزمۇ ئۇلاردىنمۇ ئاجىز بولغان كىچىك بالىلارنى ياردەمگە چاقىرمايدىكەن."
شۇنداق، قورامىغا يەتكەن ئەرلەر ئادەتتە ھامىلدار ئاياللاردىن ياردەم سورىمايدۇ؛ تەمبەل كەلگەن ئەرلەر ياشانغانلادىن ياردەم سورىمايدۇ؛ چوڭلار ئادەتتە كىچىك بالىلاردىن ياردەم سورىمايدۇ. سىز بىرسىدىن ياردەم سورىسىڭىز، سىز چوقۇم ئۇنىڭدىن كۈچلۈك بولغان بولىسىز، بولمىسا ئۇ سىزنى ياردەمگە چاقىرمايدۇ.
ئەگەر سىز ئەسلىدىنلا ئاجىز كەلگەن تەرەپ، قارشى تەرەپ سىزدىن كۈچلۈك، ئەمما بۇ ھالەتتە ئۇ يەنە سىزدىن ياردەم سورىسا، بۇ ئۇنىڭ چوقۇم باشقا مەقسىتى بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ؛ بۇ ۋاقىتتا سىز ئاق كۆڭۈللۈكىڭىزنى چوقۇم يېغىشتۇرۋىلىشىڭىز كىرەك.
2. يېپىق مۇھىتقا كىرىپ قېلىشتىن ساقلىنىڭ
تۆت يىلنىڭ ئالدىدا جامۇس شەھىرى نەنخۇا ناھىيىسىدە، ئېچىنىشلىق بىر دىلو يۈز بەرگەن.
ئەمدى 17 ياشقا كىرگەن بىر سېستىرا قىز يولدا بىر ھامىلدار ئايالنىڭ يېقىلىپ چۈشكىنىنى كۆرۈپ، دەرھال بېرىپ ئۇنى يۆلەپ تۇرغۇزغا ھەمدە ئۇنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇشقا ماڭغان.
شۇ كۈنى چۈشتىن كىيىن سائەت 3تىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە، خوشاللىق ھىس قىلغان بۇ قىزچاق ئۈندىداردا دوستىغا " بىر ھامىلدار ئايالنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويماقچى بولغان، ھازىر ئۇنىڭ ئۆيىگە كەلدىم." دەپ ئۇچۇر يازغان.
ئەمما ھەممەيلەن ئويلىمىغان يەردىن، مۇھەببەتكە تولغان بۇ ئۇچۇر، بۇ ئاق كۆڭۈل سېستىرا قىزنىڭ بۇ دۇنيادا قالدۇرغان ئەڭ ئاخىرقى ئۇچۇرغا ئايلانغان.
سېستىرا قىزچاق ئىز-دىرەكسىز يوقىلىپ كەتكەندىن كىيىن، ساقچى تەرەپ ھەرتەرەپ رازۋىتكا قىلىش ئارقىلىق، رەھىمسىز ھامىلدار ئايال تەن فامىيلىلىكنى تۇتقان. توردىكى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، تەن فامىيلىلىك بۇ ئايال ئىرىنىڭ كۆڭلىنى خوش قىلىش ئۈچۈن، كوچىدا يالغاندىن يېقىلىپ چۈشكەن بولۇۋىلىپ، ئاق كۆڭۈل قىزلارنى ئالداپ ئۆيىگە ئەكىلىپ، ئىرىنىڭ زىيانكەشلىك قىلىشىغا تۇتۇپ بىرىدىكەن. ئۇ كۈنى ھېچقانداق مۇداپىئە ئېڭى بولمىغان سېستىرا قىز، تەن فامىيلىلىكنى ئىجارە ئالغان ئۆيىگە ئەكىلىپ قويغاندىن كىيىن، تەن فامىيلىلىك ئۇيقۇ دورىسى قوشۇلغان قېتىق بىلەن سېستىرا قىزنى ھوشىدىن كەتكۈزۈۋەتكەن ھەمدە بۇ ئاق كۆڭۈل قىزنى ئۆلتۈرگەن.
يەنە بىر مىسال ئالساق، يامغۇر ياغقان بىر كۈنى بىر ھامىلدار ئايال ئىشىك ئالدىدا بىر تىلەمچىنىڭ يامغۇردا ھۆل بولۇپ كەتكىنىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئىچى ئاغرىپ ، ئۇنى ئۆيىگە كىرىپ ھاردۇق ئالغاچ يامغۇردىن پاناھلىنىۋىلىشقا چاقىرغان. تىلەمچى ناھايىتى چوڭقۇر مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، پاكىز كىيىملەرنى كىيىپ، تاماق يەپ قورسىقىنى تويغۇزۇپ بولغاندىن كىيىن، ئۇ ئۆيدە ھامىلدار ئايالنىڭ يالغۇز ئىكەنلىكىنى بايقاپ، نىيىتىنى بۇزۇپ، ھامىلدار ئايالغا تەھدىت سېلىپ ئۆزىگە تۇرمۇش پۇلى بىرىشنى تەلەپ قىلغان.
ۋەزىيەت كەسكىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق يېپىق مۇھىتتا ئۇلار ئىككىسىلا بولغانلىقتىن، ھامىلدار ئايال ئۇ تىلەمچىنىڭ تېخىمۇ چوڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ، ئۇنىڭغا ئون مىڭ يۈەن پۇل بەرگەن.
ئەگەر بىر سورۇن، ئۇچۇق ھالەتتىن يېپىق ھالەتكە ئۆزگىرىپ، باشقا كىشلەرنىڭ نازارەت قىلىشى كەمچىل بولغان ۋاقىتتا، ئادەمنىڭ نىمە ئىشلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئويلاپ يەتمەك تەس. بىر ئادەم باشقىلار بار يەردە بەلكىم ئالىجاناپ كۆرنىشى مۇمكىن، ئەمما ئادەم يوق ھەمدە سىز ئاجىز ئۇ كۈچلۈك بولغان يېپىق مۇھىتقا كىرگەندە، سىزنىڭ قارشى تەرەپنىڭ تەلىپىنى قاندۇرماي ئامالىڭىز يوق. شۇنىڭ ئۈچۈن، باشقىلارغا ياردەم بىرىش ئەلۋەتتە ياخشى ئىش، ئەمما ئىمكان قەدەر يېپىق مۇھىتتا بولماسلىقى كىرەك.
3. ئادىمىيلىك مۇرەككەپ، ئاق كۆڭۈللۈك بەزىدە ئىشنى بۇزۇپ قويىدۇ.
جەمئىيەتتە كەڭ تارقالغان مۇنداق بىر ھىكايە بار:
ساياھەتچىلەر، ئوۋ ئوۋلاش چەكلەنگەن رايوننى قوغداش تەشكىلاتى خادىملىرىنىڭ ھەمرالىقىدا سىرلىق كې كې شىلىغا كەلدى. بۇ ۋاقىتتا كىچىك ئوماققىنە بىر كىيىك كۆپچىلىكنى كۆرۈپ، باشلىرىنى چۈپلۈكلەر ئارىسىدىن چىقىرىپ قاراشقا باشلىدى. بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ساياھەتچىلەر ھاياجانلىنىپ، يىمەكلىك ۋە سۇلارنى ئېلىپ بۇ كىيىك بالىسغا يىگۈزۈشكە باشلىدى.
ئەمما بۇ ۋاقىتتا، قوغداش تەشكىلاتىنىڭ ئەترەت باشلىقى بۇنى كۆرۈپ ئاچچىقلاپ، ساياھەتچىلەرنى كىيىككە نەرسە يىگۈزۈشتىن توسىدى ھەمدە كىچىك كىيىكنى قورقۇتۇپ قاچۇرۋەتتى. ساياھەتچىلەر نىمە بولغىنى بىلەلمەي، ھېلىقى ئەترەت باشلىقىنى ئەيىبلەشكە باشلىدى: " سىز نىمە ئىش قىلىۋاتىسىز؟ كىچىك ھايۋانلارغا بۇنداق قوپال مۇئامىلە قىلسىڭىز بولامدۇ؟ بىز بۇ كىچىك ھايۋانلارنى ياقتۇرۇپ ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلسەك نەرى خاتا ئىكەن؟ "
ئەترەت باشلىقى چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى: "سىلەرنىڭ بۇ قىلغىنىڭلار، ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلغىنىڭلار، ئەگەر سىلەر ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلساڭلار، ئۇلار ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق دوستانە كىلىدۇ دەپ قالىدۇ، بۇنداق ھالەتتە ئەگەر ئوغۇرلۇقچە ئوۋ ئوۋلايدىغانلارغا ئۇچراپ قالسا، ئۇلار زىيانكەشلىككە ئۇچرىشى مۇمكىن.". بۇنى ئاڭلىغان ساياھەتچىلەر ھەيران قېلىشتى.
بەزىدە سىزنىڭ ئاق كۆڭۈللۈكىڭىز، چوقۇم كىشى قەلبىنىڭ مۇرەككەپلىك سىناقلىرىغا بەرداشلىق بىرەلەيدىغان بولۇشى كىرەك. سىزنىڭ ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن قىلغان ئىشلىرىڭىز، باشقىلارنىڭ يامان غەرىزى سەۋەپلىك يامان ئىشقا ئايلىنىپ قېلىش مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن ياخشىلىق قىلغاندا سىزنىڭ ياخشىلىق قىلمىشلىرىڭىز قانداق نەتىجە ئېلىپ كىلىدۇ، "ئەكىس تەسىرى" بولامدۇ يوق، چوقۇم ياخشى ئويلىشىشىڭىز كىرەك.
4. ئاق كۆڭۈل ئادەم بوزەك قىلىنىشقا ئۇچرايدۇ
ئەگەر بىر ئادەم نامراتلىقتىن قورسىقى ئاچ قالسا، سىز ئۇنىڭغا بىر چىنە گۈرۈچ بەرسىڭىز، بۇ ۋاقىتتا سىز ئۇنىڭ چوڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلغان بولىسىز، ئۇ سىزدىن چوڭقۇر مىننەتدار بولىدۇ. ئەمما سىز ئەگەر ئۇنىڭغا يەنە داۋاملىق گۈرۈچ بەرسىڭىز، ئۇ بۇنى سىزنىڭ مەجبۇرىيىتىڭىزدەك بىلىپ قالىدۇ. بىر چىنە يەتمەيدۇ، ئىككى چىنە يەتمەيدۇ، ئۈچ-تۆت چىنە بەرسىڭىزمۇ ئۇ سىزنى يەنىلا سىزنى ھېچنىمە بەرمىگەندەك ئويلايدۇ.
تۇرمۇشتا بۇنداق ئىشلار ھەردائىم كۆرلىدۇ؛ بىرىنچى قېتىم بىر ئادەمگە ياردەم قىلسىڭىز، ئۇ سىزدىن مىننەتدار بولىدۇ؛ ئىككىنچى قېتىمدا ئۇنىڭ مىننەتدارلىق تۇيغۇسى سۇسلايدۇ، قېتىم سانى كۆپەيگەنسىرى ئۇ ھېچقانداق ئەندىشىسى يوق ھالدا بۇنى سىزنىڭ قىلىشقا تىگىشلىك ئىشىڭىزدەك ئويلاپ قالىدۇ، ھەتتا سىز ئەگەر ئۇنىڭغا قايتا ياردەم قىلمىسىڭىز، ئۇ سىزگە نەپرەتلىنىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئاق كۆڭۈللۈكمۇ لايىقىدا بولۇشى كىرەك. ئەگەر بىر ئادەم ئالغا ئىنتىلىش روھىنى يوقىتىپ، پەقەت باشقىلاردىن سوراشنىلا بىلىدىغان بولۇپ قالسا، ئۇنداقتا سىز ئاق كۆڭۈللۈكىڭىزنى يېغىشتۇرۋىلىشىڭىز كىرەك.