ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
ئەر-خوتۇنلار مۇناسىۋىتىنىڭ قانداق بولۇشى، پەرزەنتىنىڭ خارەكتىرىنى بەلگىلەيدۇ!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-08-20 كۆرۈلىشى : قېتىم
     بالا دۇنياغا كۆز ئاچقاندىن كىيىن، ئەڭ ئاۋال تۇنۇيدىغان ئادەم دادىسى ۋە ئانىسى بولىدۇ، بالا ئەڭ بۇرۇن ئۆگىنىدىغان سۆزمۇ "دادا" ۋە "ئانا" بولىدۇ، بالىلار سىرتلاردىكى ۋاقتىدا ئەڭ ئويلايدىغىنىمۇ يەنىلا دادا ۋە ئانا بولىدۇ. بالا ئاتا-ئانىسىغا قاراپ چوڭ بولىدىغان بولغاچقا، ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ بىرىنچى مۇئەللىمى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ؛ بالىنىڭ بىرىنچى قېتىم يىغلىشى، بىرىنچى قېتىم گەپ قىلىشى، بىرىنچى قېتىم تاماق يىيىشى، بىرىنچى قېتىم كىيىم كىيىشى ۋە بىرىنچى قېتىم مەكتەپكە بېرىشى... بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاتا-ئانىلارنى چىن كۆڭلىدىن خوشال قىلىدۇ. بۇ نۇرغۇنلىغان "بىرىنچى قېتىم"لار ئىچىدە، بالا ئاتا-ئانىسىنىڭ قولىنى تۇتۇپ ھاياتلىق دۇنياسىغا قەدەم قويىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ ئەڭ بىۋاستە كەلگەن ئۆلگىسىدۇر.
     ئائىلە مۇناسىۋىتى ئىچىدە، ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتى مەڭگۈ يادرولۇق ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتى ياخشى بولسا، ئاتا-ئانا ۋە پەرەزەنت مۇناسىۋىتىمۇ ياخشى بولىدۇ، بالىنى تەربىيەلەش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزىمىزگە قاراپ بېقىش لازىم بولىدۇ.
    قارىماققا پەرزەنتلەر ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلغان مۇستەقىل بىر گەۋدە كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ئۇلار بىر ئائىلىدە تۇرمۇش كەچۈرگەنلىكتىن، ئەر-خوتۇنلار مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى يامان بولۇشى، بالىنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشى ۋە خارەكتىرىگە تەسىرى كۆرسىتىدۇ.
1. ئاتا-ئانىسى ئىناق بولسا، پەرزەنتىنىڭ خارەكتىرى ساغلام، مىجەزى ئوچۇق كىلىدۇ.
     ئاتا-ئانىسى بىر-بىرىگە مۇھەببىتى بار، ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتى ئىناق بولسا بالىغا ياخشى ئائىلە مۇھىتى يارىتىپ بىرەلەيدىغان بولۇپ، بۇ خىل مۇھىتتا چوڭ بولغان بالىلارنىڭ مىجەزى تېخىمۇ مۇلايىم ھەم ئۇچۇق، ئاسانلىقچە قوپاللىق قىلمايدىغان كىلىدۇ. ئاتا-ئانىسىنىڭمۇ مۇناسىۋىتى ياخشى بولغانلىق سەۋەبىدىن، بالىدىمۇ تويلىشىشقا قارىتا گۈزەل تۇيغۇلار ۋە ئىنتىلىشلەر شەكىللىنىدىغان بولۇپ، ساغلام بولغان يات جىنىسلىقلار مۇھەببىتىگە ئىگە بولىدۇ.
2. ئاتا-ئانىسىنىڭ مۇھەببىتى سۇس بولسا، پەرزەنتى ئۆز بېشىمچە ۋە شەخيسىيەتچى بولۇپ قالىدۇ.
     ئاتا-ئانىسىنىڭ مۇھەببىتى سۇس بولسا، ئىككەيلەن ئادەتتە بالا ئارقىلىق پىكىر ئالماشتۇرىدۇ ياكى ئائىلە مۇناسىۋىتىنى قامدايدۇ، بۇ كىشىلەر ئادەتتە ئېيتىدىغان "بالىنى مەركەز قىلغان ئائىلە" بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. ئاتا-ئانىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ تەسىرى ئاستىدا بالا زىيادە كۆپ كۆڭۈل بۈلۈشكە ياكى ئارلىشىۋىلىشقا ئۇچرىغانلىقتىن، خارەكتىرى ئۆز بېشىمچە ۋە شەخسىيەتچى بولۇپ ئۆزگىرىپ كىتىدۇ.
3. ئانىسى"يامان"، دادىسى "يۇۋاش" ئوغۇل بالىلار قورقۇنچاق، ئۆزىنى كەمسىتىدىغان، يۈرەكسىز بولۇپ قالىدۇ.
       دادىسى "يۇۋاش" بولغانلىقتىن، ھوقۇقنى ئانىسىغا ئۆتكۈزۈپ بىرىدۇ؛ ئائىلىنىڭ تەسىر كۈچى سۇسلاشقاندىن كىيىن، ئانا بارغانسىرى "كۈچلۈك" ھەتتا دىگىنى ھىساب بولىدىغان بولۇپ قالىدۇ.
     بۇ ۋاقىتتا بالا ئاتا-ئانىسىدىن ئوخشاش جىنىسلىق تەرەپنى ئىتراپ قىلىشقا يۈزلىنىدىغان بولۇپ، قىز بالا "يامان" ئانىسىنى ئىتراپ قىلىپ، ئۇمۇ بارغانسىرى "يامان" بولۇپ كىتىدۇ؛ ئوغۇل بالا بولسا، مەسئۇلىيەت كۆتۈرەلمەيدىغان قورقۇنچاق، ئۆزىنى كەمسىتىدىغان بولۇپ ئۆزگىرىپ كىتىدۇ.
4. ئاتا-ئانا، پەرزەنتى كىچىك ۋاقىتتا ئاجرىشىپ كەتسە، بالا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى يوق، ئۆزىدىن باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ.
     بەخىتسىز تۇرمۇشتىن قۇتۇلغان نۇرغۇن ئەر-خوتۇنلار، ئەڭ مۇھىم بىر نوقتىنى نەزەردىن ساقىت  قىلىدۇ، ئۇ بولسىمۇ، بالىنىڭ بەخىتسىز تۇرمۇشتىن مەڭگۈ قېچىپ چىقالماسلىقىدۇر. ئۇلارنىڭ قەلبىدە بۇ سەۋەپلىك شەكىللەنگەن جاراھەتلەر مەڭگۈ ساقايمايدۇ، ئۇلارنىڭ بۇ سەۋەپلىك پەيدا بولغان ئەنسىرەش تۇيغۇسى، خەتەرلىك تۇيغۇسى ۋە قورقۇنچ تۇيغۇسىنى مەڭگۈ داۋالاپ ساقايتىشقا بولماسلىقى مۇمكىن. ئاتا-ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەن ئائىلىدە چوڭ بولغان بالىلارنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتى ۋە خامۇشلىشىش، تەشۋىشلىنىش، دۈشمەنلىك نەزەردا قاراش، ئۆچ ئېلىش، ئۆزىدىن باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلمەسلىك قاتارلىق پىسخىكىلىق توسالغۇلار پەيدا بولۇش نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.
5. ئاتا-ئانىلار بىر-بىرىنى ئەيىبلەشنى ياخشى كۆرىدىغان بالىلار زىيادە سەزگۈر، سەۋەپ كۆرسىتىشكە ئامراق، جاھىل بولۇپ قالىدۇ.
      ئاتا-ئانىلار بىر-بىرىنى ئەيىبلەشنى ياخشى كۆرىدىغان ئائىلە مۇھىتى بالىنىڭ مەسىلىلەرنى بىتەرەپ قىلىش ئۇسۇلىغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ بولۇپمۇ ئەر-خوتۇن ئىككى تەرەپ مۇنازىرلىشىپ قالغاندا، تېخىمۇ ئاسانلا بالىغا قارشى تەرەپنىڭ ئەيىبلىرىنى سۆزلەپ بىرىدۇ.
     بۇ ئەھۋالنىڭ بالىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى: چوڭ بولغاندىن كىيىن، ئاتا-ئانىسى ھەر ئىككى تەرەپنى ھۆرمەت قىلمايدۇ. ئەر-خوتۇن ئىككى تەرەپ بىر-بىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، بۇ ئارقىلىق بالىنىڭ قارشى تەرەپكە بولغان نارازىلىقىنى قوزغىماقچى بولسا، ئاخىرىدا بالىغا ئېلىپ كىلىدىغىنى زىيانلىنىش ياكى ئازاپلا بولىدۇ خالاس.
6. ئاتا-ئانىسى تولا سوقۇشىدىغان بالا، مىجەزى تىرىككەك ھەم قوپال، زۇراۋانلىقنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ قالىدۇ.
     ئەر-خوتۇنلارنىڭ سوقۇشۇپ قېلىشى، چوڭلارغا نىسبەتەن ئادەتتىكى بىر ئىش، چۈشىنىشكە بولىدۇ؛ ئەمما بالىغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ ئاسمان ئۆرلۈپ چۈشكەن بىلەن ئوخشاش، ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ناھايىتى چوڭ زەربىگە ئۇچرايدۇ.
     بۇنىڭ بىلەن بىرگە، بالىمۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ مىجەزى يۇققانلىق سەۋەبىدىن، تىرىككەك ھەم قوپال، زوراۋانلىقنى ياخشى كۆرىدىغان، ئاتا-ئانىسىغا ئوخشاش ۋاقىراپ-جاقىراشقا ئامراق بولۇپ قالىدۇ.
     بىر بالىنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشى بىئو ئىرسىيەت ۋە مۇھىتنىڭ كىسىشمە تەسىر كۆرسىتىشىنىڭ نەتىجىسى، شۇڭا ناچار بولغان تۇرمۇش مۇھىتى بالىغان ئىنتايىن زور پىسخىكىلىق جاراھەتلەرنى ئېلىپ كىلىدۇ، بەزى جاراھەتلەرنى ئۆمۈر بويى داۋالاپ ساقايتىقىلى بولمايدۇ.
     قەدىردان ئاتا-ئانىلار، پەرزەنت ئۈچۈن، ئىككىڭلارنىڭ ئىناق ئۆتۈشى ئىنتايىن مۇھىمدۇر.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号