ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
كۆڭلىدىكى ئەرگە ياتلىق بولغان تۇرۇپ، نىمە ئۈچۈن يەنە ياش تۆكىدۇ؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-08-18 كۆرۈلىشى : قېتىم
-1-
ئانىڭىز بىلەن مەن تەڭ سۇغا چۈشۈپ كەتسەم، ئاۋال كىمنى قۇتقۇزىسىز؟
     بەي لىڭنىڭ ئىرىدىن ئاجرىشىشى مىنى ئەڭ ھەيران قالدۇردى، چۈنكى ئۇلار مۇھەببەتلىشىۋاتقان ۋاقىتتا يۈز بەرگەن ھەر بىر ئىش باشقىلارنىڭ مۇھەببىتىگە ئۆرنەك بولالايتتى. ئەمما ئۇ يەنىلا ئىرىدىن ئاجراشتى، سەۋەبى قېيىنئانىسى بىلەن چىقىشالمىغانلىق ئىدى.
      بەي لىڭنىڭ ئىرى ئاق كۆڭۈل كىشى بولۇپ، ئانىسىنى ھۆرمەتلەيتتى، بەي لىڭغىمۇ مۇلايىم كۆيۈمچان ئىدى. ئەمما ئانىسى بىلەن ئايالى بىر ئۆيدە تۇرغاندا، ئۇ مۇناسىۋەتنى قانداق تەڭشەشنى بىلەلمىگەن ئىدى؛ ئۇ ئورتاق بولغان مۇھەببەت ئاساسى، ئىككى ئايال كىشىنى يېقىنلاشتۇرۇپ، بىر-بىرىنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىدىغان قىلىدۇ دەپ خاتا قارىۋالغان ئىدى.
      بەي لىڭنىڭ قېيىنئانىسى ئىزچىل تۈردە ئوغلىنى بەي لىڭدىن ئاجرىشىپ كىتىشكە كۈشكۈرتەتتى، ئۇنىڭ دىيىشىچە ئەر كىشى تويلىشىش بازىرىدىكى "ئا تەرەپ" ھىسابلىنىدىكەن. ئەمما بەي لىڭنى يېقىتقان ئاخىرقى بىر تال پاخال، قېيىنئانىسىنىڭ بۇ خىل "ئەرلەر ھوقۇقى"نى تەرىپلەيدىغان قاراشلىرى ئەمەس بەلكى، ئىرىنىڭ بەي لىڭغا ئانىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ھەققىدە قىلغان نەسىھىتى بولدى؛ ئۇ مۇنداق دىگەن ئىدى:
      "مەنمۇ سىز ئۈچۈن ياخشى بولسۇن دەۋاتىمەن؛ مەن ئاجرىشىپ كەتسەم، ئاسانلا قايتا ئۆيلىنىۋالالايمەن، ئەمما سىز بىر بالا بىلەن قانداق قىلىسىز.".
      2017-يىللىق جۇڭگۇ  ئاجراشقانلار سىتاستىكا مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، قېينئانا-كىلىن كىلىشەلمەسلىك، تالاغا قاراش ۋە ئائىلە زوراۋانلىقىدىن قالسىلا ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئەر-خوتۇنلار مۇناسىۋىتى بۇزغۇنچىسى ئىكەن.
     كىچىك ئائىلە ۋە چوڭ ئائىلىنىڭ مۇناسىۋىتىگە تۇغرا پوزۇتسىيە تۇتۇش، ۋاقتىدا "ئانا سۈتىدىن ئايرىلىش"، بىر ئەر كىشىنىڭ تويلىشىشقا ماس كىلىش ياكى كەلمەسلىكىنى بەلگىلەيدىغان ئۆلچەملەرنىڭ بىرىدۇر. مۇھەببەت ھەرقانچە شىرىن بولسۇن، توي قىلىشنى قارار قىلغان ۋاقىتتا كىچىك ئائىلىنىڭ ئىگىسىنى ئىنىق بىكىتىش، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەر-خوتۇن ئىككەيلەنلا بولۇش كىرەك؛ ئاتا-ئانا كىچىك ئائىلىگە نىسبەتەن مىھمان ھىسابلىنىدىغان بولۇش، ھەرگىزمۇ كىچىك ئائىلىنىڭ ئىگىسى بولۇپ قالماسلىقى كىرەك. "ئانىڭىز بىلەن مەن سۇغا چۈشۈپ كەتسەم، كىمنى ئاۋال قۇتقۇزىسىز" دىگەن بۇ مەسىلىنى ئۇچۇق ئوتتۇرغا قويۇپ مۇزاكىرە قىلىش لازىم؛ ھەرگىزمۇ سەبىيلەرچە ئويدا، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن مۇناسىۋىتى ياخشى بولسا، ئەسلى ئائىلىسى بەخىتلىك كىلىدۇ، ئۇمۇ توي قىلىشقا مۇناسىپ كىلىدۇ دەپ قارىۋالماسلىق كىرەك.
-2-
نىمە ئۈچۈن باشقىلارغا چىرايلىق گەپ قىلالايسىز، ئەمما ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدا ياخشى پىكىرلىشەلمەيسىز؟
      ۋاڭ چى توي قىلىپ ئۈچ يىلدىن كىيىن، ئاندىن چىرايلىق گەپ قىلىشنى ئۆگەنگەن.
    ئۇ ئابىن بىلەن ئالى مەكتەپلەردىكى ساۋاقداشلاردىن بولۇپ، توي قىلىشتىن بۇرۇن ئۇلار بىر بىرىنىڭ قەلبلىرىدىكىنى ياخشى چۈشىنىشىدىغان بولۇپ، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ھالەت "مەن دىمىسەممۇ سىز بىلىسىز" ئىدى؛ ئەمما تويدىن كىيىن بولۇپمۇ بالىسى تۇغۇلغاندىن كىيىن، ئۇلار بىرەر ئېغىز گەپمۇ ئارتۇقلۇق قىلىدىغان بولۇپ قېلىپ، ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى ھالەت "دىسەممۇ سىز بەرىبىر چۈشەنمەيسىز"گە ئۆزگىرىپ كەتتى.
     بىر قېتىم ئۇ ئىككىسى جىدەللىشىپ قالغاندىن كىيىن، ۋاڭ چى خىزمەتدېشىغا تېلفون قىلىپ، خىزمەتتىكى بىر ئۇقۇشماسلىق ھەققىدە چۈشەنچە بەردى؛ بۇنى ئاڭلىغان ئابىن دىدى: "نىمە ئۈچۈن ئۇنچە مۇھىم بولمىغان ئادەملەرگە چىرايلىق سۆزلىيەلەيسىز، ئەكسىچە مەن بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ ئوي-پىكىرلىرى ھەققىدە چىرايلىقچە سۆزلىشەلمەيسىز؟"
    ئۇ قېتىم ئۇلار توي قىلغاندىن كىيىنكى ئەڭ ئۇزۇن داۋاملاشقان بىر قېتىملىق پىكىر ئالماشتۇرۇش ئېلىپ باردى. ئاخىرىدا ئۇلار ئورتاق بىر تۇنۇشقا كەلدى: كارىۋاتقا چىققاندا بىر-بىرىنى مۇھەببەتتىكى ھەمراھى دەپ بىلىش، كارۋاتتىن چۈشكەندە بولسا ھەمكارلاشقۇچى قاتارىدا، خۇددى خىزمەتداشلارغا ئوخشاش پىكىرلىشىش.
     ئۇلار دەسلىۋىدە بۇنىڭغا ئۇنچە كۆنەلمىدى، ئەمما بىرەر يىلدەك ماسلىشىشنى بېشىدىن كەچۈرگەندىن كىيىن، ھازىر ۋاڭ چى ئەمدى توي قىلىپ كۈن ئۆتكۈزۈۋاتقان ھىسياتقا كەلگەندەك بولغان، يەنى چىرايلىقچە گەپ قىلىش، سەمىمىلىك كۆپرەك بولۇش، قالايمىقان خىياللار ئازراق بولۇش.
    مۇھەببەت لايدىن ياسالغان ئىككى ئادەمنىڭ پارچىلىنىپ قايتا بىرىكىشىگە ئوخشايدۇ، تويلىشىش بولسا ئىككى مۇستەقىل گەۋدىنىڭ ھەمكارلىشىپ شىركەت ئېچىشىغا ئوخشايدۇ؛ مۇھەببەتلەشكەن ۋاقىتتا ھەممە ئىشلارنى ئەپلەپ-سەپلەپ ئۆتكۈزۈۋىتىشكە بولىدۇ، ئەمما توي قىلغاندىن كىيىن بولسا ھەممىنى چۈشىنىشلىك قىلىپ مېڭىش كىرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن، سىزنىڭ ئائىلىدىكى جۈپتىڭىز پىكىرلىشىشنى بىلىدىغان ھەم خالايدىغان، پىكىرلىشىپ تۇرۇشنى ياقتۇرىدىغان كەلگەنمۇ ئەمەس، بۇ تويدىن كىيىنكى تۇرمۇشنىڭ بەخىتلىك بولۇشىنى بەلگىلەيدىغان ئەڭ مۇھىم بىر ھالقىدۇر.
-3-
سىزگە بولكا بىرەلمىگەن ئادەم، مۇھەببەتمۇ بىرەلمەيدۇ.
      يۆ مىڭ مۇھەببەتكە ياتلىق بولدى، ئەمما بولكىنى ئۇتتۇرۇپ قويدى. ئۇ ئەسلىدە پۇلنى ئۇنداق چوڭ كۈرىدىغان ئادەم ئەمەس ئىدى، ئەمما توي قىلغاندىن كىيىن بولۇپمۇ ئانا بولغاندىن كىيىن، بارغانسىرى پۇلغا ئامراق بولۇپ كەتتى.
     تۇغقان مەزگلىدە ئۇ ئالتە كىشىلىك كىسەلخانىدا ياتقان ئىدى، ھەر كۈنى كىچىلىرى غەلۋە دەستىدىن ئۇخلىيالمايتتى؛ پۇل تىجەش ئۈچۈن كەسپى خىزمەتچى تەكلىپ قىلمىغان، بالا بەك ئىمىۋىتىپ سۈت بېزى ياللۇغى بولۇپ قالغان، كەسكەن ئېغىز يىرىڭداپ قېلىپ، يىرىڭ سىققاندا ئاغرىقتىن ھوشىدىن كەتكەن...
     تۇغۇتتىن كىيىنكى بۇ ئىشلار ئۇنىڭغا دۇنيادىكى داۋالاش ئەڭ قىيىن كىسەلنىڭ كەمبەغەللىك ئىكەنلىكىنى تۇنۇتتى.
    يۆ مىڭنىڭ ئىرى مۇلايىم ھەم كۆيۈمچان، ئەمما ئالغا ئىنتىلىش روھى يوق ئىدى. ئۇلار مۇھەببەتلەشكەن ۋاقىتتا، ئىرى خىزمىتىنى تاشلاپ يۆ مىڭغا ھەمرا بولۇپ ساياھەتكە باراتتى، ئۇ ۋاقىتلارغا نىسبەتەن بۇ چوڭ ئىشمۇ ئەمەس ئىدى؛ يۆمىڭ تۇغقاندىن كىيىن، تۇغۇت ۋە بالىغا قاراش دىگەنلىك سەۋەپلەر تۈپەيلى ئۇنىڭ مائاش ئۆسۈش، ۋەزىپىسى ئۆسۈش قاتارلىق ئىشلىرى تەسىرگە ئۇچرايتتى، شۇڭلاشقا ئۇ ئىرىنىڭ تىرىشىپ ئىشلىشىنى ئۈمىد قىلاتتى. ئەمما ئىرى يەنىلا بۇرۇنقىغا ئوخشاش يۆمىڭغا چاپلىشىپ يۈرۈپ، سىمىنا قوشۇپ ئىشلەشنىمۇ خالىمايتتى، سىرتلارغا كاماندورۇپكىغا چىقىشقىمۇ ئۇنىمايتتى، يەنە تېخى ئازراقلا كىلىشەلمىسە خىزمەت ئالماشتۇراتتى.
     يۆمىڭ ئىرىنى چوڭ بولمىغاندەك ھىس قىلاتتى، ئىرى بولسا يۆمىڭنى بارغانسىرى پۇلغا بىرىلىپ كەتتىڭىز دەپ ئەيىبلەيتتى. ئىرىنى يۆلەشكە بولمىغاندىكىن، يۆمىڭ ئامالسىز ئۆزى تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە مەجبۇر بولۇپ، ئائىلە ۋە خىزمەت ھەر ئىككى تەرەپنى چىڭ تۇتتى؛ بۇ سەۋەپلىك ئۇ كەچلىرى ھېرىپ ھالىدىن كىتەي دەپ قالغاندا، ئىرىنىڭ "جىنسىي تۇرمۇشقا سۇغۇق مۇناسىۋەت تۇتتىڭىز" دىگەن ئەيىبلىشىگە ئۇچرايتتى.
     ئۇلار توي قىلغىلى بەش يىل بولغاندا، يۆمىڭ ئاللىقاچان ئىرىنى ياخشى كۆرمەيدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇ مۇنداق بىر جۈملە سۆزنى دىگەن: "ئاتالمىش ئۈچ خىل قارىشى بىردەك بولۇش، كۆپىنچە قورسىقى توق كىيىمى پۈتۈن ئەھۋاللاردا بولسا كىرەك؛ ھەر كۈنى پۇل ئۈچۈن جىدەل چىقىرىپ يۈرسەك، قانداقسىگە ئۈچ خىل قاراش توغۇرلۇق سۆز ئاچقىلى بولسۇن؟".
    بالا تۇغۇپ تەربىيىلەش تەننەرخى بارغانسىرى يۇقىرى بولۇپ كىتىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئادەتتىكى ئائىلىلەردىكى ئەر-خوتۇنلارغا نىسبەتەن، مەيلى كىم كىمنى باقسۇن، بۇ بىر خىل قۇرۇق خىيال؛ ئەر-خوتۇن ئىككەيلەن، بالا بېقىش ۋە تەربىيىلەش، ئۆي ئىشلىرىنى قىلىش، ئىگىلىك تىكلەش جەھەتلەردە چوقۇم ئورتاق تىرىشىپ، بىرلىكتە ماسلىشىپ جەڭگە ئاتلىنىشى كىرەك. شۇڭلاشقا، سىز تويلىشىشنى قارار قىلغان ۋاقتىڭىزدا، پۇلدارلارغا ياتلىق بولمىسىڭىزمۇ، ئەمما چوقۇم قابىلىيەتلىك ئەر كىشىگە ياتلىق بولىشىڭىز كىرەك، ھەمدە ئالغا ئىنتىلىش روھى يوق، ھەتتا سىزگە ئېسىلىۋالىدىغان ھەمراھلارغا ئۇچراپ قېلىشتىن قاتتىق ھەزەر ئەيلىشىڭىز لازىم.
-4-
مۇھەببەتلىشىۋاتقانلار، كۆڭۈل ئاغرىقى تېپىۋىلىش مۇمكىنچىلىكى بار گەپلەرنى ئالدىدا قىلىۋىلىشى كىرەك
      تويلىشىپ، ئائىلە تۇرمۇشىغا قەدەم قويۇشتىن ئىلگىرى، سىز ئۆزىڭىزگە ئىككى شاپىلاق ھەدىيە قىلىش ئارقىلىق ئەس-ھۇشىڭىزنى يېغىپ، ۋاقتىنچە مۇھەببەتنى ئۇنتۇپ، ئادەتتىكى ئادەم سالاھىيىتىدە، تويدىن كىيىنكى تۇرمىشىڭىز ھەققىدە پىكىرلىشىش ئېلىپ بېرىشىڭىز كىرەك. خۇددى ۋېي يىڭ لۇغا ئوخشاش، كۆڭۈل ئاغرىتىدىغان گەپلەرنى ئەڭ ئالدىدا دىيىشىۋىلىش، ئاز دىگەندىمۇ تۆۋەندىكى 5 نوقتىنى ئايدىڭلاشتۇرۋىلىش كىرەك:
      1. كىچىك ئائىلە ۋە چوڭ ئائىلە مۇناسىۋىتىنى قانداق بىتەرەپ قىلىدۇ، ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ ھەقىقى تۈردە چوڭ بولۇشقا جاسارىتى بارمۇ يوق؟
      2. "سىزنىڭچە ئۆزىڭىزنىڭ تويلىشىشقا ئەڭ ماس كىلىدىغان خارەكتىرىڭىز نىمە" دىگەن سۇئالغا، ھەر ئىككى تەرەپ جاۋاپ قىلىپ، ئۆز-ئارا مۇزاكىرە قىلىش.
      3. ئاچچىقلانغان ۋاقىتتا، ئۆزىڭىزنىڭ نىمە ئۈچۈن ئاچچىقلانغىنىنى ئىنىق ئىپادىلەپ، سەمىمىي پۇزۇتسىيەدە قارشى تەرەپ بىلەن مۇلاھىزە قىلالامسىز ياق؟
     4. ئۆزىڭىزدىن سوراپ بېقىڭ، ئەگەر مۇھەببەتنىڭ تاللاپ كۆرسىتىش ئەينىكىنى ئېلىۋەتكەندە، قارشى تەرەپنىڭ قايسى مىجەز-خارەكتىرلىرى تويلىشىشقا پايدىسىز؟ ئۆزگەرتەلەمدۇ؟ بۇ سۇئال بەك مۇھىم، چۈنكى توي قىلغاندىن كىيىن، مۇھەببەتنىڭ تاللاپ كۆرسىتىش ئەينىكى، مەيلى ئىلگىرى كىيىن بولسۇن، ھامان ئۈنۈمىنى يوقىتىدۇ.
    5. مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى تويدىن كىيىنكى تۇرمۇشتىكى ئالتۇن؛ ئۇ بىزنىڭ زىرىكىش ھىس قىلىشىمىزنى ۋە ئۈجمە كۆڭۈللۈك قىلىشىمىزنى چەكلەپ، سەۋرچانلىق ۋە چىن دىللىقىمىزنى يىتىلدۈرىدۇ. ئاۋال ئۆزىڭىزنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى باھالاپ چىقىڭ، ئۇندىن كىيىن مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بار پىشىپ يىتىلگەن ئەرگە تويلاشماقچى بولاۋاتامسىز يوق، بۇنى ئايرىپ چىقىڭ. ئىسىڭىزدە بولسۇن، ئاياللار ئەرلەرنىڭ مەكتىۋى ئەمەس ھەم يىڭىدىن بولغان ئانىسىمۇ ئەمەس.

 
-5-
توي قىلىشقا جۈرئەت قىلالماسلىقىڭىز، سىزنىڭ ئۆزىڭىزنى تېخىمۇ سۆيىدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرىدۇ.
      تەيۋەنلىك كىنو-فىلىم رىژىسورى شېن كې شاڭ ئۆزىنىڭ تويلىشىشقا بولغان گۇمانلىق قاراشلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، 7 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ 8جۈپ ئەر-خوتۇنغا قارىتا ئىز قوغلاپ خاتىرلەش ئېلىپ بارغان؛ ئاخىرىدا تويلىشىشتىن بۇرۇنقى جاندىن كەچكۈدەك ھالەتكە يەتكەن مۇھەببەتنىڭ، تويدىن كىيىنكى تۇرمۇشنىڭ بەخىتلىك بولۇشىنىڭ يىتەرلىك ھەم زۆرۈر شەرتى بولالمايدىغانلىقىنى بايقىغان.
     بەخىتلىك كەلگەن ئەر-خوتۇنلار مۇناسىۋىتىدىكى ئەڭ مۇھىم بولغان نەرسە، مۇھەببەت بولماستىن بەلكى ئىشەنچتۇر. تويلىشىش، ئىككى ئادەمنىڭ ئېغىر يۈكلەرنى كۆتۈرۈپ تاغقا ياماشقىنىغا ئوخشايدىغان بولۇپ، پەقەت ئىككى تەرەپ ئورتاق تىرىشىپ، ئۆز-ئارا ئىشەنچ باغلاپ، ئۆزىگە تىگىشلىك مەسئۇلىيەتنى باتۇرلۇق بىلەن ئۆز ئۈستىگە ئالالىغاندىلا، ئاندىن مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا تاغنىڭ چوققىسىغا چىقالايدۇ.
      ئىشەنچكە ئىرىشىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى پىكىرلىشىش بولۇپ، تويدىن كىيىنكى تۇرمۇشىدا يۈزمۇ-يۈز ئولتۇرۇپ چىرايلىقچە پىكىرلىشىش، "مەن سىزنى سۆيىمەن" دىگەنگە قارىغاندا كۆپ مۇھىم ھىسابلىنىدۇ.
      كۆرۈپ بۇ يەرگە كەلگەندە، بەزىلەر توي قىلىش نىمانداق تەستۇ دەپ ئويلاپ قېلىشى مۇمكىن؛ تويلىشىش چوڭ سىتاستىكىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، دۆلىتىمىزدىكى ھەر يىلى توي قىلىشنى تىزىملاتقانلار سانى ئۇدا تۆت يىل تۆۋەنلەپ كىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىل تۆۋەنلەشتىكى يىڭى رىكورت ياراتقان.
      توي قىلىش تەس بولۇشنى يامان ئىش دەپ كەتكىلى بولمايدۇ؛ بۇ بىزنىڭ تېخىمۇ ئەركىن ئازادە ياشايدىغىنىمىزنى ۋە ئۆزىمىزنى سۆيۈشنى تېخىمۇ بىلىپ يەتكىنىمىزنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ.
     تويلىشىش ھەر بىر ئادەمنىڭ چوقۇم كىيىشى زۈرۈر بولغان كىيىمدىن، بىر خىل ماس كەلگەندە ئاندىن تاللايدىغان تۇرمۇشقا ئايلانغان ۋاقىتتا، بىز ئىگىلىك تىكلەش تۈرىگە ئوخشاش، ئۆزۈمنىڭ ۋاقتى ۋە زىھنىنى سەرپ قىلىپ تويدىن كىيىنكى ئائىلە تۇرمۇشى قۇرۇپ چىقامدىم دىگەن قارارنى چىقىرىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى ھەمكارلاشقۇچىنى تاللىغانغا ئوخشاش، بىر-بىرىمىزگە ماس كىلىش دەرىجىسىنى باھالاپ چىقىشىمىز كىرەك.
      ئەگەر توي قىلماقچى بولساق، ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ماس كىلىدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلغاندىن كىيىن، ئۆزىمىز ماس كىلىدىغان ئادەمگە ياتلىق بولۇشىمىز كىرەك.
     ئەگەر توي قىلماقچى بولساق، بىزنىڭ چوقۇم تويدىن كىيىنكى تۇرمۇشتا تەمكىن كۈچلۈك ئايال بولۇپ يىتىلىشكە ئىرادىمىز بولۇشى كىرەك؛ پىسخىكىنى چۈشىنىپ، مۇرەسسەلىشىشنى بىلىشىمىز، ھاياتلىقنىڭ خوجايىنى بولۇشىمىز كىرەك، ھەرگىزمۇ بىرەر ئادەمنىڭ "كىچىك مەلىكىسى" بولۇپ قالماسلىقىمىز لازىم.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号