ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، ئاياللار تۇغۇتتىن كىيىن، جىسمانىي جەھەتتىن زىيادە ئاجىزلىشىپ كەتكەن بولغاچقا، بەلگىلىك دەرىجىدە ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئاسراشقا ئېھتىياجلىق بولىدۇ، بىز بۇنى ئادەتتە تۇغۇتتىن كىيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش دەپ ئاتايمىز. ئاياللارنىڭ تۇغۇتتىن كىيىنىكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەزگىلىدە يىمەكلىكنىڭ تەڭپۇڭ بولىشى ۋە پىسخىكىلىق تەڭشەش ئېلىپ بېرىشقا دىققەت قىلىشى لازىم بولۇپ، كەسپى تىببى داۋالاش، ئۇزۇقلۇق ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ئارقىلىق ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە پىسخىكىلىق يىتەكچىلىك قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنداقتا ئاياللار تۇغۇتتىن كىيىنكى بەدەن شەكلىنى قانداق ئەسلىگە كەلتۈرۈش كىرەك؟
يىمەكلىك جەھەتتە
1. تۇغۇتتىن كىيىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەزگىلىدە چوقۇم مايسىز تاماقلارنى يىيىش؛ تۇز، تېتىتقۇ قاتارلىقلارنى ئىمكان بار ئىشلەتمەسلىك كىرەك؛ چۈنكى بۇ ۋاقىتتا بوۋاقنىڭ بۆرىكى تېخى تۇلۇق يىتىلىپ بولالمايدۇ، تۇزلۇق ياكى مايلىق تاماق سىزدىكى ئانا سۈتىگە، ئۇندىن باشقا سىزنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىڭىزغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
2. ئالدىنقى ئىككى ھەپتىدە توكسىن ھەيدەش ئاساس قىلىنىدۇ؛ قۇۋۋەت تۇلۇقلايدىغان ۋە ئسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى بولغان يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى ئاياللار بۇ مەزگىلدە ئەمدىلا تۇغۇتنى بېشىدىن كەچۈرگەن بولغاچقا، جىسمانى جەھەتتىن ناھايىتى ئاجىزلاپ كەتكەن بولىدۇ؛ بۇ ۋاقىتتا بەك قۇۋۋەتلىك يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلغاندا، جەۋھىرى قىسمىنى قۇبۇل قىلالمايلا قالماستىن، يەنە سىزنى سەمىرتىپ سالىدۇ. زىيادە ئىسسىق تەبىئەتلىك يىمەكلىلەر بولسا سىزدىكى ئانا سۈتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بوۋاق ئاسانلا قەۋزىيەت بولۇپ قالىدۇ.
3. مىۋە-چىۋە يىيىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ؛ ئەمما ئالدىنقى ئىككى ھەپتىدە بەك كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كىرەك؛ قوغۇن، ئۈزۈم قاتارلىقلارنى كۆپرەك يەپ بەرسىڭىز بولىدۇ؛ ئەمما تاۋۇزنى كۆپ يىمەسلىكىڭىز كىرەك، چۈنكى تاۋۇز سۇغۇق كىلىدۇ.
4. ھەرقانداق سۇغۇق ھەم سۇيۇق يىمەكلىكلەرنى ئىسسىتىپ ئىستىمال قىلىش كىرەك، بولمىغاندا بالىياتقۇنىڭ ئەسلگە كىلىشىگە پايدىسىز.
5. تۆتىنچى ھەپتىدىن باشلاپ ماغدۇر تۇلۇقلاشقا باشلىسىڭىز، ئىككىنچى ئېيىدىن باشلاپ باشقىلارغا ئوخشاش تاماق يىسىڭىز بولىدۇ؛ ئەمما يەنىلا مايسىز ھەم تۇزسىزراق بولغىنى ياخشى، بولمىغاندا بوۋاق چىدىماي قالىدۇ، ئۆزىڭىزمۇ ئاسان سەمىرىپ قالىسىز.
6. شىكەر قوشۇلغان ھەر قانداق يىمەكلىك ۋە تاتلىق تۈرۈملەرنى قىزىل شىكەر قوشۇپ ئىستىمال قىلىڭ، بۇنىڭدا كىرەكسىز ماددىلارنى چىقىرۋىتىشىكە پايدىلىق بولىدۇ.
7. سەي كاۋىسى، پۇرچاق سۈتى قاتارلىق يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ بەرسىڭىز، ئورۇقلىتىش ئۈنۈمىگە ئىرىشەلەيسىز، ئانا سۈتىنىڭ سۈپىتىگىمۇ پايدىلىق.
ھەرىكەت قىلىش جەھەتتە
1. تۇغۇتتىن كىيىنكى دەسلەپكى مەزگىلدە، قىزىل شىكەر سۈيى ياكى قىزىل شىكەر چىلان شورپىسى، قىزىل شىكەر ئۈگرىسى، قىزىل شىكەر تۇخۇم شورپىسى قاتارلىقلارنى ئىستىمال قىلىش بىر قەدەر ياخشى بولۇپ، قان ۋە ماغدۇر تۇلۇقلاشقا، قاننى جانلاندۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپ، بۇندىن باشقا يەنە بەلگىلىك دەرىجىدە ئاغرىق پەسەيتىش رولى بار.
2. بىرىنچى ھەپتىدە، تۇغۇتتى كىيىنكى بىرىنچى كۈندىن باشلاپ تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ھەرىكەتنى ئىشلىسىڭىز بولىدۇ:
بىرىنچى خىلى: داس سۆڭەك ئاستى مۇسكۇلى ھەرىكىتى. بۇ ئاستاغىنا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇش ۋە ئورنىدىن تۇرۇش ھەرىكىتى بولۇپ، ئۆزىڭىزنىڭ بەدەن ئەھۋالىغا ئاساسەن ئامال بار كۆپرەك ئىشلەپ بەرسىڭىز ياخشى بولىدۇ.
ئىككىنچى خىلى: پاچاق ھەرىكىتى. بۇنىڭدا سىز ھوشۇقىڭىزغا كۈچ چۈشۈرۈپ، پاقالچاق قىسمىڭىز(تىزىڭىزنىڭ تۆۋەن تەرىپى)نى ئۈستىگە كۆتۈرۈپ، پەسكە تاشلاپ ئىشلەيسىز(يەنى قائىدىلىك تۈردە پولاڭلىتىسىز). بۇ ھەرىكەتنىڭ قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ، پاقالچاق قىسىمنىڭ ئىششىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار.
ئۈچىنچى خىلى: قورساق قىسىم مۇسكۇللىرىنى كۈچلەندۈرۈش ھەرىكىتى. نەپەس چىقارغان ۋاقىتتا قورساق قىسىم مۇسكۇللارنى يېغىپ، نەچچە سىكونتتىن كىيىن قويۇپ بىرىشنى كۆرسىىتىدۇ.
3. تۇغۇتتىن كىيىن ئىككىنچە ھەپتىدىن باشلاپ، تەدرىجى ھالدا بەزى ھەرىكەتلەرنى كۆپەيتسىڭىز بولىدۇ؛ ھەر بىر خىل ھەرىكەتنى كۆپ قېتىم قايتىلاپ ئىشلىشىڭىز كىرەك، ئەمما بىئارام بولماسلىق چەك قىلىنىدۇ.
كەينىگە ئىگىلىش ھەرىكىتى: تۈز ئولتۇرۇپ، ئىككى پۇتىڭىزنى ئازراق ئېچىلغان ھالەتتە ئىگىپ، ئىككى قولىڭىزدا كۆكرىكىڭىزدە گىرەلەشتۈرۈپ تۇتىسىز. كەينىدىن نەپەس چىقىرىش بىلەن تەڭ، داس سۆڭىكىڭىزنى ئالدى تەرەپكە ئازراق يانتۇلاشتۇرۇپ، بەدەن قىسمىڭىزنى ئاستا-ئاستا كەينى تەرەپكە قورساق مۇسكىللىرىڭىز چىڭ تارتىلغان ھىس قىلغۇچە ئىگىلدۈرۈسىز؛ بىئاراملىق ھىس قىلمىغان ئاساستا، بۇ خىل ھالەتنى قانچىلىك ئۇزۇن داۋاملاشتۇرسىڭىز شۇنچە ياخشى بولىدۇ. بۇ ھالەتنى ساقلاش مەزگىلىدە نورمال نەپەسلەنسىڭىز بولىدۇ. بۇ ھالەتنى ساقلاش چەككە يەتتى دەپ قارىغان ۋاقتىڭىزدا، نەپەس ئالغاچبەدىنىڭىزنى تۈز ھالەتكە ئەكىلىپ، كىينكى قېتىملىق قايتىلاش ئۈچۈن تەييارلىقتا تۇرىسىز.

ئالدىغا ئىگىلىش ھەرىكىتى: بۇ ئادەتتە كۆپ كۈرلىدىغان قورساق قاتلاش ھەرىكىتى بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسىگە تۇنۇشلۇق بەلكىم. يەنى ئوڭدىسىغا يېتىپ، ئىككى پۇرتىمىزنى ئازراق ئېچىلغان ھالەتتە ئىگىلدۈرۈمىز، ئىككى قولىمىز يوتىمىزغا تىگىپ تۇرىدۇ. كەينىدىن نەپەس چىقىرىش بىلەن تەڭ، بېشىمىز ۋە مۈرە قىسمىمىزنى كۆتۈرۈپ ئالدىغا ئىگىلدۈرۈمىز، ئىككى قولىمىزنى ئامال بار تىزىمىزغا تەككۈزىمىز. ئىشلەپ بولغاندىن كىين نەپەس ئېلىپ ئۆزىمىزنى قويۇپ بىرىپ، قايتا ئىشلەش ئۈچۈن تەييارلىق كۆرسەك بولىدۇ.