ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
ئاياللارنى تۆۋەن كۆرۈش—نادانلىق ۋە ساپاسىزلىقنىڭ ئىپادىسىدۇر!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-08-13 كۆرۈلىشى : قېتىم
-1-
      بۇ يىل 7-ئاينىڭ 8-كۈنى، خېنەن ئۆلكىسى جىياۋ زو شەھرىدە، بىر تۈركۈم ئەرلەر ئاياللارنىڭ تۇغۇت جەريانى تەقلىد قىلىنغان سىناقنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى. تەقىلىد قىلىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ تىتىرەپ تەسىر كۆرسىتىشى ئاستىدا، ئۇلار چىراي شەكلى ئۆزگىرىپ توختىماي ۋايسىدى، "ئاغرىپ كەتتى، مەن خاتالىشىپتىمەن" دەپ جار سېلىشتى.
      ئاغرىق ئازابىغا چىدىماي، كۆپ قىسىم ئەرلەر دەرھال قول كۆتۈرۈپ تەسلىم بولۇپ، ئۆزىنىڭ پۈتۈن بىر تۇغۇت جەريانى تەقلىد قىلىنغان سىناققا ئاخىرغىچە بەرداشلىق بىرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. بۇ قېتىملىق سىناق گەرچە قىسقىغىنا نەچچە مىنۇتلۇق بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارغا ئايالىنىڭ 10ئاي قورساق كۆتۈرۈشتىن باشلاپ، بالا تۇغۇلغانغا قەدەر تارتقان جاپالىرىنى ئەينەن ھىس قىلدۇردى.
     تۆمۈردەك پاكىتلارنىڭ ئالدىدا، چوپچوڭ كۆرنىدىغان ئەرلەرنىڭ ھەممىسى ناھايىتى مۇلايىملىشىپ كەتتى؛ ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۆيىگە قايتقاندىن كىيىن، ھەممە پۇلىنى ئايالىغا تاپشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، بەزىلىرى ئۆيىگە قايتىپ بېرىپ، ئالدى بىلەن ئايالىنى جاپا چەكتىڭىز دەپ ھال سورايدىغىنىنى ئېيتتى.
      بۇ ۋاقىتتا مۇخبىرلار ئىككىنچى پەرزەنتنى تۇغۇش ياكى تۇغماسلىقنى سورىغاندا، بىر ئەر كىشى بالىسىنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ، "ياق، تۇغمايمىز، تۇغمايمىز!" دەپ باشلىرىنى بوراندا قالغان دەرەختەك لىڭشىتىپ كەتتى. بۇ ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ ھەربىر سۆز-ھەرىكەتلىرىدە ئايالىغا بولغان ئىچى ئاغرىش ۋە بۇ قېتىملىق تەقلىدى سىناققا بولغان قورقۇنچ ئىپادىلىنىپ تۇراتتى.
     ھەقىقەتەنمۇ ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزمىگىچە بىلگىلى بولمايدۇ؛ ئەسلىدە بالا تۇغۇش ئاياللارغا نىسبەتەن ئۇنداق ئاددى بىر ئىش ئەمەس ئىكەن. بىلىشىمىز كىرەككى، ئاياللار ھامىلدار مەزگىلى ۋە تۇغۇتنىڭ ئالدى كەينىدە ئۇچرايدىغان جىسمانىي ۋە روھى جەھەتتىكى بېسىملارنى، بىر-ئىككى ئېغىز سۆزلەر بىلەن ئىپادىلەپ بىرىش مۇمكىن بولمايدۇ.
-2-
      نەچچە كۈن ئىلگىرى مىكرو بىلوگدا بىر خەۋەر تارقالدى:
     شېنجىندىكى بىر "ئىنىك دادا"، 15يىل خىزمەت قىلغان چەتئەل كارخانىسىدىكى ئىش ئورنىدىن ئىستىپا بىرىپ، ئۆيدە پۈتۈن زىھنى بىلەن بالا بېقىش ۋە ئۆيگە قاراش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغان؛ ئايالى بولسا سىرتتا پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىشلەپ پۇل تېپىپ، ئائىلىنى بېقىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان.
     بۇ "ئىنىك دادا"نىڭ ئىسمى خۇاڭ كەي بولۇپ، ئۇ تۆت يىل بۇرۇن خىزمىتىدىن ئىستىپا بىرىپ، "ئائىلە ئىرى"لىك خىزمەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان. ئۇنىڭ دىيىشىچە مۇكەممەل بىر ئائىلە بالىغا نىسبەتەن ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، بىر ئائىلە كىشىلىرى ھەممەيلەن سىرتتا تۇرۇمۇش كەچۈرگەندە، بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان باشقا ئادەم بولمىغاندا، ئەر-خوتۇن ئىككەيلەندىن ھامان بىر تەرەپ، ئائىلىگە ۋە بالىنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىگە پۈتۈن زىھنى بىلەن كۆڭۈل بۆلۈشى كىرەك ئىكەن.
    ئۇلار ئەستايىدىللىق بىلەن مەسىلىھەتلەشكەندىن كىيىن، خۇاڭ كەي تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئايالىنىڭ ئورنىغا دەسسەپ، بۇ ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكى بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن؛ چۈنكى ئۇنىڭ قارىشىچە، ئايالىنىڭ پۇل تېپىش ئىقتىدارى ئۆزىنىڭكىدىن كۈچلۈك، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزى بىر قەدەر سەۋرچان بولغاچقا، بالىنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىش ۋە تەربىيىلىنىش جەھەتتىكى يىتەكچىسى بولۇشقا تېخىمۇ ماس كىلىدىكەن.
     ئۇلارنىڭ بۇ قارارى، چوڭلارنىڭمۇ قوللىشىغا ئىرىشكەن بولۇپ، چوڭلار ئەر-خوتۇن ئىككەيلەننىڭ بۇ قارارىنى ئائىلە ئىچىدىكى ۋەزىپە تەقسىماتى بولۇپ، نۇمۇس قىلغۇدەك ئىش ئەمەس دەپ قارىغان. خۇاڭ كەيمۇ باشقا ئائىلە ئاياللىرى نىمە ئىش قىلسا، ئۇمۇ شۇنى قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇندىن كىيىن ئۆي ئىشلىرى قىلىش، بالا بېقىش ۋە بالىنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلىشىگە يىتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق "ئانىلار خىزمىتى"نىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
     بۇلارنى كۆرۈپ ئوقۇرمەن دوستلىرىمىز ھىس قىلىپ يەتكەن بولۇشى مۇمكىن؛ خۇاڭ كەينىڭ بۇ قىلمىشى باشقا سەۋەبتىن ئەمەس، پەقەت بىرلا سەۋەپتىن ئۇ بولسىمۇ مۇھەببەت ئۈچۈندۇر. بىلىشىمىز كىرەككى ئۇ باشقىلار تەرپىدىن مەجبۇرلىنىپ خىزمىتىدىن ئىستىپا بەرمىگەن، ئۆزىنى ئۇۋالچىلىققا قالغاندەكمۇ ھىس قىلمىغان. ئۇلارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئەنئەنىۋى ئادەتنى بۇزۇپ تاشلاپ، بۇ خىلدىكى قارار چىقىرىشى ئۇلارنىڭ بالىسىغا بولغان مۇھەببىتى، بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتى سەۋەبلىكتۇر؛ تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى خۇاڭ كەينىڭ ئايالىغا بولغان مۇھەببتى ھەقىقى بولغانلىقتىن، ئۇ ئايالىنى ئۆزى بىلەن باراۋەر ئورۇنغا قويۇپ مەسىلىلەرنى ئويلاشقان.
    خۇاڭ كەي ئەر-خوتۇن ئىككەيلەننىڭ بۇ قىلمىشى ھەرگىزمۇ ئەنئەنىگە مۇخالىپ كىلىدىغان نۇمۇس قىلارلىق ئىش ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشتە قوللانغا بىر خىل ئۇسۇلى خالاس؛ شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئۇلارنىڭ بۇ تاللىشغا قارىتا، ئەيىبلەشكە ھېچقانداق ئاساسى بولمايدۇ.
-3-
      ئەنگىلىيىلىك ئاتاقلىق يازغۇچى ۋىليام.گولدىڭنىڭ مۇنداق بىر بۆلەك سۆزلىرى بار:
      كۆپىنچە ئاياللار ھەمىشە مۇشۇنداق قىلىدۇ؛ ئائىلىسى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بارلىقىنى بېغىشلاپ، ئۆزى سۆيگەن ئادەم ئۈچۈن جاۋاپ قايتۇرىدۇ؛ ئەمما ئۇلارنىڭ سىزدىن كۈتىدىغىنى، پەقەت سىزنىڭ ئۇنى ياخشى سۆيىشىڭىزلا بولىدۇ خالاس.
     ئەمما رىئاللىقتا، نۇرغۇن ئاياللار ھەتتا باراۋەر كۆڭۈل بۆلۈشكىمۇ ئىرىشەلمەيدۇ. راستىنى ئېيتقاندا، بۇ دۇنيا بەزىدە ئاياللارغا ھەقىقەتەن تەڭسىز مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بەزىلەر ئۇلارنى بالا تۇغۇش ماشىنىسى قاتارىدا كۆرۈپ، ھېچكىمنىڭ ئۇلارنىڭ جىسمانى ۋە روھى جەھەتتىن ساغلام ياكى ئەمەسلىكى بىلەن كارى بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىكە تىرىشمايدۇ. مەسىلەن بالا بېقىش ئاياللارغا نىسبەتەن كۈندىلىك خىزمەت، ئۇلار 365 كۈن بۇنىڭ ئۈچۈن جاپا چەكسە ھېچكىم تىلغا ئالمايدۇ، ئەمما ئازراقلا سەۋەنلىك كۆرلۈپ قالسا، ھەممەيلەن ئاياللارنى ئەيىبلەيدۇ؛ دادا بولغۇچى ئاندا-ساندا بىرەر قېتىم بالىغا قارىشىپ بەرسە، ھەممەيلەن ئۇنى ماختىشىپ كىتىدۇ. ئەر قېرىنداشلار شۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كىرەككى، ئاياللار ئانا ھەم خوتۇن بۇلۇش بىلەن بىرگە يەنە بىزنىڭ كۆيۈنىشىمىزگە ۋە ئاسرىشىمىزغا ئېھتىياجلىق بولغان ئايال كىشىدۇر.
 
    ئەلۋەتتە، بۇ ئاياللارنى ئسيان كۆتۈرۈپ چىقىشى كىرەك دىگەنلىك ئەمەس، بىزنىڭ مەقسىتىمىز، بۇ ئارقىلىق ئەر قېرىنداشلارنىڭ ئاياللارنىڭ مۇشۇنداق جاپالارنى چىكىشكە قىلچىلىك نارازى بولماسلىقى، بۇ ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى بولغانلىقتىن ئەمەس بەلكى مۇھەببەت ئۈچۈن شۇنداق بولغانلىقىنى چۈشىنىپ يىتىشىنى ئۈمىت قىلىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرۈشتۇر.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号