ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بالىڭىزنى يەسلىدە قارشى ئېلىشقا ئىرىشسىكەن دەپ ئويلامسىز؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-08-12 كۆرۈلىشى : قېتىم
    كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە سەككىزىنچى ئاي ئوتتۇرلىشىپ، بالىلارنىڭ يەسلىگە بارىدىغان ۋاقتى يېقىنلىشىپ قالدى؛ يېقىندا سۆز قالدۇرۇش رايونىدا بىر ئانا سۆز قالدۇرۇپ، بالىسىنىڭ باشقا كىچىك دوستلار بىلەن بىللە ئويناشنى خالىمايدىغانلىقىنى، بۇ مەسىلىنىڭ ئۇنى جىددىلەشتۈرۈپ قويغانلىقىنى، ھەمدە بۇ خىل ئەھۋالدا بالىسى يەسلىگە بارغاندا باشقا بالىلار بىلەن دوستلىشالماي، تەنھا قېلىشىدىن ئەنسىرگەنلىكىنى ئېيتقان.
    بىزنىڭ بۇ يەردە ئېيتماقچى بولغىنىمىز، ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەنسىرىشى پۈتۈنلەي ھاجەتسىز؛ چۈنكى بالىلارنىڭ ئىجتىمائى ئالاقە ئىقتىدارى مەزگىللەرگە بۆلىنىدىغان بولۇپ، بالىلار يەسلىگە كىرىشتىن بۇرۇنقى 3-2 ياش مەزگىلىدە، گەرچە ئەتراپىدىكى ئادەملەر بىلەن بەلگىلىك پىكىر ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارالىسىمۇ، ئەمما كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئۇلارنىڭ قىلىدىغان ئىشى "پاراللىل ئويۇنى" ئويناش بولىدۇ.
     "پاراللىل ئويۇنى" دىگىنىمىز بالىلارنىڭ باشقا كىچىك دوستلار بىلەن ئوينىغاندا، بالىلارنىڭ پەقەت ئۆزىنىڭكىنىلا ئويىنىنى ئوينىشىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بۇ ياش بۆلىدىكىدىكى بالىلار، ئۆزىنىڭ ئوينايدىغان نەرسىسىدىن باشقا، ئەتراپتىكى باشقا ئادەملەرگە ئاساسى جەھەتتىن دىققەت قىلىپ كەتمەيدۇ.
     شۇڭلاشقا ئاتا-ئانىلار بۇ خىل ئەھۋالدىن ئەنسىرەپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ؛ بۇياشتىكى بالىلاردا بۇنداق ئەھۋالنىڭ كۆرلۈشى نورمال ئەھۋال بولۇپ، ئۇ يەنە ئازراق چوڭ بولغاندىن كىيىن، تەبىئىلا باشقا بالىلار بىلەن ئويناشنى ياخشى كۆرىدۇ. بالىڭىز بەلكىم باشقا بالىلارغا ئوخشاش "سىرت مىجەز' بولماسلىقى مۇمكىن، ئەمما سىزمۇ بۇنچە تىزلا ئۇنى "ئىچ مىجەز"، خىجىلچان دەپ بىكىتىۋەتمەڭ.
    ئەلۋەتتە، بۈگۈن بىز كۆپچىلىككە بالىلارنىڭ ئىجتىمائى ئالاقە ئىقتىدارى تەرەققىيات مەزگىللىرىنىلا تۇنۇشتۇرۇپ بولدى قىلماقچى ئەمەس؛ تۆۋەندە بىز كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، ئادەتتە كۆپ كۈرلىدىغان، بالىلارنىڭ ئىجتىمائى ئالاقە ئىقتىدارىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان ئىككى تۈرلۈك نوقتىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
1. بالىلار ئۈچۈن ھەممىنى "كۆتۈرە" ئېلىۋىلىش
      تۆۋەندىكى سۆزلەپ ئۆتمەكچى بولغان تۇرمۇش كۆرنىشى، ئىشىنىمەنكى ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ ھەممىسىگە ناتۇنۇش ئەمەس:
     بىر ئانا بالىسىنى ئېلىپ، دوستى بىلەن كۆرۈشكىلى بارىدۇ؛ كۆرۈشكەندىن كىيىن، دوستى كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ، بالىدىن "ئىسمىڭىز نىمە؟ نەچچە ياشقا كىردىڭىز؟" دەپ سورايدۇ. بالا ئانىنىڭ دوستىنىڭ سۇئالىغا جاۋاپ بەرمەي، ئانىسىنىڭ كەينىگە ئۆتۈپ، ئانىسىنىڭ پۇتلىرى قۇچاقلىغىنىچە يەرگە قاراپ تۇرىدۇ. بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ئانا جىددىلىشىپ، بالىسىغا ناھايىتى ئەستايىدىل ھالدا، "دەرھال ھاممىڭىزغا ئىسمىڭىزنى ئېيتىپ بىرىڭ"، "بۇ بالىنىزە، مەن سىزگە بۇ يىل نەچچە ياشقا كىرگىنىڭىزنى ئۆگىتىپ قويغانغۇ.".....
      باشقىلار بالىدىن گەپ سورىسا، ئانسى ئېغىزى ئېچىلىپلا ھەممىگە جاۋاپ بىرىۋەتتى، بالىنىڭ ئېغىز ئاچىدىغان پۇرسەتمۇ بولمىسا، ئۇ قانداقمۇ قىلالىسۇن؟
      نۇرغۇن ۋاقىتلاردا، ئىنىقلا بالىلارنىڭ ئىجتىمائى ئالاقە ئىقتىدارىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان ياخشى پۇرسەت تۇرسىمۇ، ئاتا-ئانىلار بۇنىڭغا ئارلىشىپ، ھەممىنى "كۆتۈرۈە" ئېلىۋىلىپ، بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. ئۇلار ئەگەر بۇنداق كىتىۋەرسە، بالىدا "بەرىبىر ئاتا-ئانام مەن ئۈچۈن سۆزلەپ بىرىدۇ، مەن ئۈچۈن قىلىپ بىرىدۇ، بۇنداق بولغاندىكىن مەن يەنە ئۆزۈم سۆزلەيمەن، ئۆزۈم قىلىمەن دەپ ئاۋارە بولىمەن" دەپ ئويلايدىغان بولۇپ قېلىپ، ئاستا-ئاستا ناتۇنۇش كىچىك دوستلار بىلەنمۇ پىكىرلەشمەيدىغان ھالەتكە ئۆزگىرىپ قالىدۇ.
      شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاتا-ئانىلار بۇنداق ئەھۋاللارغا يولۇققاندا، ئالدىراپ كەتمەي، سەۋرچانلىق بىلەن بالىغا ۋاقىت بىرىشى، ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ سۆزلىشى ۋە ئۆزىنىڭ قول تىقىپ قىلىشىغا يول قويۇشى كىرەك.
2. بالىلارنى ھەددىدىن زىيادە قوغدىۋىلىش
     "ئۇنىڭغا تەگمە"، "قالايمىقان يۈگۈرمە"، سىز ھەمىشە بالىڭىزغا بۇنداق سۆزلەرنى ئېيتامسىز؟ سىزلا ئەمەس، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بۇ خىلدىكى سۆزلەرنى كۆپ قىلىدۇ؛ ھەر قېتىم بالىلار يىڭى بىر ئىشنى سىناپ بولماقچى بولغاندا، ئۇلار ھەمىشە خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى دەستەك قىلىپ، قوپاللىق بىلەن توسۇپ قويىدۇ. ئەمما ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇ خىلدىكى زىيادە قوغداش ئىدىيىسى، بالىلاردا سىرتقى دۇنيا ئۈستىدە ئىزدىنىش خەۋپكە تەڭ دىگەن خاتا قاراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ خىجىلچان، تارتىنچاق، ھەتتا قورقۇنچاق بولۇپ قېلىشىنى پەيدا قىلىدۇ.
      بالىلار تۇغۇلۇشىدىنلا سىرتقى دۇنياغا نىسبەتەن قىزىقىشقا تولغان كىلىدۇ، بۇ ۋاقىتتا سىزنىڭ قىلىشقا تىگىشلىك بولغىنىڭىز، ئۇلارنى ئىمكان قەدەر ئىزلىنىشكە ۋە ئەركىن ھالەتتە ئويناشقا ئىلھاملاندۇرۇشتۇر. مەسىلەن بەزى كىچىك دوستلار تارتمىنى تارتىپ ئويناشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئاتا-ئانىلار بولسا بۇنى يامان ئادەت دەپ قارايدۇ، ئەمما ئەمىلىيەتتە بالىلارنىڭ سىرتقى دۇنيا ئۈستىدە ئىزلىنىشىدىكى بىر ئۇسۇل خالاس؛ سىز پەقەت تارتمىنى تارتقاندا بالىنى بىرەر يىرىنى سوقۇۋەتمەسلىككە، ھەمدە  ئىچىدە خەتەرلىك بۇيۇملارنىڭ بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلسىڭىزلا، ئۇنىڭ ھارغىچە تارتىپ، ئۆرۈپ-چۆرۈپ كۆرۈپ بېقىشىغا يول قويسىڭىز پۈتۈنلەي بولىدۇ.
     تېخىمۇ يامان بولغىنى، ئاتا-ئانىلارنىڭ زىيادە قوغدىۋىلىشى، بالىلارنىڭ " ئۆزىنى مەركەز قىلىۋىلىش" ئىدىيىسىنى پەيدا قىلىپ قويىدۇ؛ ئىجتىمائى ئالاقە جەريانىدا ئۆز بېشىمچىلىق قىلىش، ئۆزىنى چوڭ تۇتۇش، باشقىلارنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىماسلىق، باشقىلارغا ئىشەنمەسلىك قاتارلىق ھەر تۈرلۈك خارەكتىر قىلمىشلىرى ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا ۋاقىت ئۇزارغانسىرى، بالا كوللىكتىپ ئىچىدە يالغۇز قالدۇرۇلۇپ، ئىجتىمائى ئالاقە ئورنىتىدىغان نۇرغۇن پۇرسەتلەردىن مەھرۇم بولۇپ قالىدۇ.
 
     بالىلارنىڭ مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىقتىدارى كىچىكىدىنلا يىتىلدۈرۈشكە تىگىشلىك بولۇپ، خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى باھانە قىلىپ، بالىلارغا ھەرخىل ئىجتىمائى ئالاقە جەھەتتىكى توسۇقلارنى پەيدا قىلىپ قويماسلىقىمىز، ئۇلارنىڭ يىڭى مۇھىتقا ۋە يىڭى شەيئىلەرگە ماسلىشىش پۇرسەتلىرىنى ئۆتكۈزىۋىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماسلىقىمىز كىرەك.
     ئالدىدا سۆزلەپ ئۆتكەنگە ئوخشاش، بالىلار باشقا كىچىك دوستلار بىلەن ئويناشنى خالىماسلىقى، ئۇنىڭ تېخى كىچىك بولغانلىقىدا؛ بۇ ۋاقىتتا ئۇنى ئۆزى ياقتۇرمايدىغان ئىشلارنى قىلىشقا ھەرگىز زورلىماسلىق كىرەك. ئەگەر بالىڭىزنىڭ ئىجتىمائى ئالاقە ماھىرلىرىدىن بولسۇن دىسىڭىز، بالىلارنىڭ ئىجتىمائى ئالاقە مۇھىتىغا قاتنىشىپ، ئۆزىڭىز ئۇنىڭغا ئۆلگە كۆرسىتىپ بەرسىڭىز، بۇ نىسبەتەن ياخشى بىر ئۇسۇل ھىسابلىنىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号