ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
ئىرىڭىز تالاغا قاراپ قالغان بولسا، ئاجرىشىپ كىتىش كىرەكمۇ؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-08-11 كۆرۈلىشى : قېتىم
     ئىرى تالاغا قاراپ قالغان كەچمىشى بولغان ھەر بىر ئايالنىڭ قەلبىدە بەلكىم بىر سۇئال يۇشۇرۇنغان، يەنى سىز بەزىدە كىچىلىرى ئۇخلىيالماي، ئىرىم تالاغا قاراپتۇ، ئەمدى مەن قانداق قىلىشىم كىرەك دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن.
     ئۇنداقتا، ئىرىڭىز تالاغا قاراپ قالغان بولسا، سىز زادى قانداق قىلىشىڭىز كىرەك؟
     ئەمىلىيەتتە تويلىشىشنىڭ ئىككى خىل مەنىسى بولۇپ، بىر پارچە توي خېتىدەك ئۇنداق ئاددى ئەمەس.
     بىرىنچى خىل مەنىسى: ئورتاق تۇنۇش ھاسىل قىلىش. خەلق ئىشلار ئىدارىسىدا تىزىمغا ئالدۇرۇپ، قانۇنى جەھەتتىن تويلىشىش مۇناسىۋىتىنى بىكىتىش، ھەتتا توي مەرىكىسى قىلىپ، پۈتكۈل جاھانغا ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىڭىلارنى جاكارلاش؛ بۇ تۇققانلىق مۇناسىۋىتى دائىرسىگە تەۋە بولۇپ، نىسبەتەن ئاجىز مۇناسىۋەت ھىسابلىنىدۇ؛ ئادەتتە بۇ خىل مۇناسىۋەت شەكلى كۈچلۈك مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ.
     ئىككىنچى خىل مەنىسى: بۇ خىل مەنە ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئو بولسىمۇ ھىسيات جەھەتتىن تويلىشىشتۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل مەنە "تالاغا قارىسا قانداق قىلىمەن" دىگەن سۇئالنىڭ جاۋابىنى بەلگىلەيدىغان يادرولۇق قىسىمدۇر.
-1-
     ئەگەر ئەر-ئايال ئىككەيلەن ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەت بەكمۇ يېراقلىشىپ، ئىككى تەرەپ بىر-بىرىگە ئېھتىياجلىق بولمايدىغان ياكى بىر-بىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قانائەتلەندۈرەلمەيدىغان  ھالەت شەكىللەنگەن ۋاقىتتا، ئەمىلىيەتتە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەت جەھەتتىكى تويلىشىشنىڭ ھەقىقى مەزمۇنىنى يوقاتقان بولىدۇ؛ يەنى ئىككى تەرەپ ھېسيات جەھەتتە ئاللىبۇرۇن "ئاجرىشىپ" بولغان بولىدۇ.
     ئىككى تەرەپ ئادەتتىكى مۇناسىۋەت كەچمىشى جەھەتتە، بىر-بىرىنىڭ ھىس تۇيغۇلىرىغا نىسبەتەن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز، ھەتتا قارشى تەرەپ بىلەن بولغان ماسلىشىپ تۇرمۇش كەچۈرۈش جەھەتتە، مەسىلەن تاماق يىيىش، دەم ئېلىش قاتارلىقلاردىمۇ بىر-بىرى بىلەن كارى بولمىسا، بەلكىم بۇ ئەر تالاغا قاراپ قالغاندىن كىيىن، ئىككى تەرەپنىڭ سۇغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئېلىپ بارغاننىڭ تەسىرى بولۇشى مۇمكىن. بۇ ۋاقىتتا، بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا سىز ئىرىڭىزنى سۇئال-سوراققا تارتسىڭىز، يۈز بىرىش ئېھتىماللىقى تېخىمۇ يۇقىرى بولغىنى، بەلكىم ئىرىڭىزنىڭ ئىشىكنى ياپقان ئاۋازى بولىشى مۇمكىن.
     ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىڭلار بۇ دەرىجىگە يەتكەندە، سىز ئۇنىڭ بىلەن پىكىرلىشىشتىن ئاۋال ئۆزىڭىز ياخشى ئويلىنىپ بېقىشىڭىز كىرەك. ئىككىڭلارنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ يادرولۇق قىسمى، تويلىشىشتىن كىيىنكى تۇرمۇشۇڭلارغا ھەقىقەتەن ماس كىلەمدۇ يوق؟ ياكى ئىرىڭىز تالاغا قاراپ قالمىغان تەقدىردىمۇ، ئىككىڭلارنىڭ ھىسياتى ئاللىقاچان يوقىلىپ بولغان؟
      بۇ مەسىلىنى ئويلاپ يەتسىڭىز، ئېشىپ قالىدىغىنى ناھايىتى تاللاشتۇر خالاس.
     ئەگەر ئىككى تەرەپنىڭ ھېسيات مۇناسىۋىتى ھەر ھالدا بار بولۇپ، بەلكىم ئوتتۇراڭلاردا پىكىرلىشىش كەم بولۇش، ئۇقۇشماسلىق بار بولۇش قاتارلىق سەۋەپلەردىن ۋاقىتلىق مەسىلىلەر كۆرۈلگەن، ئەمما ئىككى تەرەپ ئوتتۇرسىدىكى ئاساسلىق ھېسيات ئالماشتۇرۇش ھەر ھالدا نورمال ھىسابلىنىدىغان بولسا، ئۇنداقتا بۇ ئىككى تەرەپنىڭ ھىسيات مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىچە مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، ئىككىلى تەرەپنىڭ قەلبى يەنىلا تويلىشىش ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
     بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، قارشى تەرەپ بىلەن پاراڭلىشىپ پىكىر ئالماشتۇرۇش ناھايىتى مۇھىم بولۇپ قالىدۇ.
-2-
     ئەلۋەتتە، تالاغا قاراشقا نىسبەتەن ھەيران قالىدىغان ۋە ئىنكار قىلىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرلىشى مۇمكىن؛ ئەمما تويلىشىش مۇناسىۋىتى يەنىلا مەۋجۇت تۇرسا، ئاجرىشىپ كىتىش كىرەكمۇ؟
     بەزىلەر دىيىشى مۇمكىن، ئەينى ۋاقىتتلا ئۇنىڭغا مال-مۈلۈكنى قانداق ئايرىش، بالىنى كىمگە قالدۇرۇشتىن قەتئىنەزەر، مەن بولسام باشقىلار بولماسلىق كىرەك، باشقىلار بولسا مەن بولمايمەن دەپ ئىنىق بىلدۈرۈپ قويۇش كىرەك ئىدى .
     Ok، ناھايىتى ياخشى! ئۆزىڭىزگە ئىشەنچىڭىز كامىلكەن؛ ئەينى ۋاقىتتا توي خېتى ئالغان يەر ئىسىڭىزدە بار ھەقىچان، شۇ يەرگە بارسىڭىزلا ئىش پۈتىدۇ.
     ئۇنداقتا قالغانلارچۇ؟
     ھەم تويلىشىش مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قېلىشنى ئۈمىد قىلىدىغان ھەم قارشى تەرەپنىڭ ئۆزى بىلەن ياخشى تۇرمۇش كەچۈرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلار قانداق قىلىش كىرەك؟ ئىككى خىل تاللاش بار:
بىرىنچى خىل تاللاش
      ئالدى بىلەن نىمە ئۈچۈن ئۈچىنچى شەخىس سوقۇنۇپ كىرىۋالىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبىنى ياخشى ئويلاپ چىقىشىڭىز كىرەك، سىلەرنىڭ مۇناسىۋىتىڭلاردا چوقۇم مەسىلە كۆرۈلگەن.
    ئۇنداقتا ئالدى بىلەن ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىڭلاردا قانداق مەسىلە كۆرۈلگەنلىكىنى ئىنىقلىشىڭىز كىرەك؛ مەسىلەن ئۇ ھۆرمەتكە ئىرىشەلمىدى؟ ئۇ ئىككەيلەننىڭ تۇرمۇشىنى مەنىسىز ھىس قىلىپ قالدى؟ ياكى باشقىلار؟ بۇلارنى ئايدىڭلاشتۇرۋالغاندىن كىيىن، سالماقلىق بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشىڭىزغا پايدىلىق بولىدۇ.
     كەينىدىنچۇ؟ قانداق شەرتلىرى بار؟
     نۇرغۇن ئاياللار ئىرىنىڭ تالاغا قارىغىنىنى بىلگەندىن كىيىن، دەرھال جىدەل چىقىرىپ غەۋغا كۆتىرىدۇ، بۇ ئەمىلىيەتتە ھەممىگە پايدىسىز بىر ئەھۋال. نىمىشقا؟ چۈنكى بۇ خىل ئەھۋال ئىرىڭىزنى جەڭ مەيدانىغا سۆرەپ چىققان بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئۇنىڭ ناھايىتى ئېغىر بېسىمغا دۇچار بولۇشىنى  كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ ئەھۋالدا ئۇ بىر بولسا سىز بىلەن ئاخىرغىچە قارشىلىشىدۇ؛ بۇ خىل ئەھۋالدا ئۇ قىلغىنى ھەر قانچە خاتا بولسىمۇ، خاتالىقىنى تۇنۇماي، سىز بىلەن ئاخىرغىچە تىركىشىدۇ؛ ئەمما ئۇ سىز بىلەن تىركىشىپ قالغاندا، ئۇنىڭ كۆڭلدىدىكى سىزگە نىسبەتەن بولغان خىجالەتچىلىكىمۇ ناھايىتى تىزلا خوراپ تۈگەيدۇ.
     يەنە بىر خىل ئەھۋالدا ئۇ ئېغىر بېسىم ئاستىدا، سىزگە يالۋۇرۇپ گۇناھىنى تىلەيدۇ؛ ئەمما بۇنىڭدا يەنىلا يىڭى بىر مەسىلە پەيدا بولىدۇ، ئۇ سىزگە ئۆزىنى تاپشۇرۇپ، سىزگە ئالاھىدە ھوقۇق بەرگەندىن كىيىن، يەنى ئۇ بىخەتەر بولۇپ بولغاندىن كىيىن، ئۇنىڭ باشقىچە ئويلاردا بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ. چۈنكى چىن كۆڭلىدىن ئۆزى رازى بولۇپ خاتلىقىنى تۇنىمىسا، مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە يەنە بىرقەدەر چوڭ خەۋپلەرگە دۇچ كىلىسىز. مەسىلەن كىيىنچە ئۇ بەزىبىر ئىشلار تۈپەيلى سىز بىلەن گەپ تالىشىپ قالغىنىدا، "مەن خاتالىقىمنى تۇنۇپ سىز بىلەن ياخشى تۇرمۇش كەچۈرگەندىن كىيىن، سىز قايسى بىر كۈنى مىنىڭ ئايالىمدەك بولۇپ باقتىڭىز، ئۇندىن كىيىن سىز دىگەن يولۋاسنىڭ ئۆزىدەك بولۇپ كەتتىڭىز" دەپ سىز بىلەن يەنە جىدەللىشىشى مۇمكىن.
     شۇڭلاشقا ئۆزىڭىزنىڭ تەلەپ شەرتلىرىنى ياخشى ئويلىشىش ئىنتايىن مۇھىم؛ ئەگەر مۇھەببىتىڭىلار يەنە بار بولسا، سۆزلەشكەن ۋاقىتتا كىلىشەلىسەڭلار، ئۇنىڭمۇ خاتالىغىنى تۇنۇپ، سىز بىلەن يارىشىپ قېلىش خىيالى بولسا ئەڭ ياخشى؛ ئەگەردە كىلىشەلمەي قالساڭلار، ئامال يوق، قانداق قىلىش كىرەك بولسا شۇنداق قىلىش كىرەك.
ئىككىنچى خىل تاللاش
    بۇنىڭدىمۇ ئوخشاشلا ئاۋال ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىڭلارنىڭ قايسى تەرەپلىرىدە مەسىلە كۆرۈلگەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا توغرا كىلىدۇ؛ ئەمما قارشى تەرەپكە ئېيتمايسىز، ھەم ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىمەن دەپمۇ يۈرمەيسىز، ئۆزىڭىزگە بىر مۇددەت بەلگىلەپ، بۇ مۇددەت ئىچىدە مۇناسىۋىتىڭلارغا بۇرۇنقىغا قارىغاندا تېخىمۇ ياخشى يۈزلىنىپ، ئۇنىڭ ياخشى ھەمراھى بولۇشقا تىرىشىسىز.
     بەلگىلىگەن مۇددەت توشقاندىن كىيىن، ئىككەيلەننىڭ مۇناسىۋىتى بىر بولسا ناھايىتى ياخشى بولۇپ كىتىدۇ؛ بۇنىڭدا سىز ئۇنىڭغا داۋاملىق ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتى ئىچىدە تۇرىشى كىرەك ئىكەنلىكى ھەققىدە بىشارەت بىرىپ، ئۇنىڭغا ئازراق جىددىلىششى تۇيغۇسى پەيدا قىلىپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئەمما يەنە بىر ئەھۋالدا سىز بەلگىلىگەن مۇددەت توشقاندىن كىيىنمۇ ئىككىڭلارنىڭ مۇناسىۋىتىدە كۆرنەرلىك ياخشىلىنىش بولمايدۇ، بۇ ۋاقىتتا سىزمۇ قىلىشقا تىگىشلىك بولغان ئىشلارنى قىلىپ بولغان بولىسىز؛ شۇڭلاشقا بۇ خىل ئەھۋالدا سىزنىڭ بىرىنچى خىل تاللاشقا قايتىپ ئۇنىڭ بىلەن پىكىر ئالماشتۇرىشىڭىز كىرەك بولىدۇ.
     ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتى مۇرەككەپ ھەم چوڭقۇر كەلگەن مۇناسىۋەت بولۇپ، ئادەتتە ھېسيات، مال-مۈلۈك، پەرزەنت، ئىككى تەرەپنىڭ ئائىلىسى قاتارلىقلار بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن بولىدۇ. ئەمما بىخەتەر ھەم مۇقىم بولغان مۇناسىۋەت بىزنىڭ يادرولۇق ئېھتىياجىمىز بولۇپ، ئۇنى بىتەرەپ قىلغان ياكى ئۇنىڭغا يۈزلەنگەن ۋاقىتتا، يەنىلا ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتنى چىقىش نوقتىسى قىلىپ تۇرۇپ ئويلاشساق تېخىمۇ مۇۋاپىق ھەم ياخشى بولىدۇ.
     ھاياتلىق ناھايىتى قىسقىغىنا نەچچە ئون يىل كىلىدۇ، شۇڭلاشقا ئۆزىڭىزگە ئۇۋالچىلىق تارتقۇزۇپ ئولتۇرىشىڭىزغا ئاساس يوق. ئاخىرىدا كۆپچىلىكنىڭ بەختىلىك ھەم خوشال ئۆتىشىگە تىلەكداشمەن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号