ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
بالىڭىزنى يەسلىگە بەرگەندە قالايمىقان گەپ قىلماڭ!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-07-30 كۆرۈلىشى : قېتىم

    كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە 8-ئاي كىلىپ قالدى، بۇ يەنە بىر ئايدىن كىيىن يەسلىنىڭ ئوقۇش باشلايدىغانلىغىدىن دىرەك بىرەتتى.

   بۇ ۋاقىتتا بالىسى بۇ يىل يەسلىگە كىرىدىغان ئاتا-ئانىلار بەلكىم ئەنسىرەشكە باشلىغاندۇر. چۈنكى يەسلى يېشىغا توشقان بالىلار ئىلگىرى ئىزچىل ئۆيدە تۇرۇپ، ھازىر بىراقلا ناتۇنۇش بىر مۇھىتقا بارماقچى؛ شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىلارنىڭ كاللىسى بۇ ۋاقىتتا بالىلار يىڭى مۇھىتقا ماسلىشالارمۇ، بالا يەسلىگە بارغىلى ئۇنىمىسا قانداق قىلارمىز دىگەندەك سۇئاللار بىلەن تولىدۇ.

1.jpg

   ھەر قانداق ئىشنىڭ باشلىنىشى تەس بولىدۇ، بالىلارنى يەسلىگە بىرىشمۇ ھەم شۇنداق؛ مەيلى ئاتا-ئانىلار بولسۇن ياكى بالىلار بولسۇن، ئەڭ چوڭ رىقابەت يەسلىگە كىرگەندىكى بىرىنچى كۈندۇر. بۈگۈن بىز كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە بۇ بىر كۈندە دۇچ كىلىش مۇمكىنچىلىكى بولغان مەسىلىلەر ۋە ھەل قىلىش ئۇسۇللرى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇپ باقايلى!

   "ئانا كەتمەڭ"، " ئانا مەن بىلەن بىللە تۇرۇڭ"، " مەن يەسلىگە بارمايمەن".... يەسلىگە كىرىشتىكى بىرىنچى كۈنى دۇچ كىلىدىغان ئەڭ چوڭ مەسىلە ئات-ئانىسىدىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيماسلىق ياكى يالغۇز يەسلىگە كىرگۈسى كەلمەسلىك بولۇشى مۇمكىن؛ چۈنكى ھەرقانچە گەپ ئاڭلايدىغان بالىلارمۇ بۇ كۈنى يۇقارقى سەۋەپلىك يېغىسىنى قويۇۋىتىدۇ.

   بۇ كۈندە يەسلى ئالدىدا، يېغا ئاۋازى ئۈزۈلمەي ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ دىيىشكە بولىدۇ، بەزىلىرىنى ھەتتا ئاۋازى پۈتۈپ ماجالى قالمۇغۇدەك يىغلايدۇ دىسەكمۇ ئېشىپ كەتمەيدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا ئىچى ئاغرىپ، كۆڭلى يۇمشاقلىق قىلىپ بەزى دىمەسلىككە تىگىشلىك گەپلەرنى قىلىپ سېلىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.

2.jpg

1.   " ئۇنداقتا بۈگۈن يەسلىگە بارمايلى، ئەتە كىلەيلى" دىيىشتىن ساقلىنىڭ

   بەزى ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ يىغلاپ كەتكىنىنى كۆرۈپ، بالىلىرىغا ئىچى ئاغرىپ بوشاپ قالىدۇ، بالىغا ئەگىشىپ ئۆزىنىڭمۇ كەيپىياتى تۆۋەنلەشكە باشلايدۇ ھەمدە ۋاز كىچىش خىيالى پەيدا بولۇپ، بالىسغا " بوپتۇ ئەمىسە، بۈگۈنچە قايتىپ، ئەتە كىلەيلى" دەيدۇ.

    لىكىن ئەمىلىيەتتە سىز بۇنداق قىلسىڭىز، بالىنىڭ داۋاملىق يىغلاشتىن پايدىلىنىپ، يەسلىگە كىرىش ۋاقتىنى كەينىگە سۈرۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مىنىڭ بىر دوستۇم بالىسىغا مۇشۇ خىلدىكى گەپنى قىلغانلىقى ئۈچۈن، نەتىجىدە بالىسىنى يەسلىگە ئەكىرىش ئۈچۈن باشقا ئاتا-ئانىلارغا قارىغاندا نۇرغۇن ئارتۇق ۋاقىت سەرپ قىلدى؛ باشقىلارنىڭ بالىلىرى ئاللىقاچان يىڭى مۇھىتقا ماسلىشىپ كۆنۈپ بولغاندا، ئۇنىڭ بالىسى كۈندىن كۈنگە قاتتىق يىغلاپ كەينىگە تارتقان ئىدى.

3.jpg

2.  ئورۇنلىيالمايدىغان ۋەدىلەرنى ئاسانلىقچە بەرمەڭ

    مەيلى ئاتا-ئانا ياكى بالىغا نىسبەتەن بولسۇن، يەسلىگە كىرگەن تۇنجى كۈنىدىكى ئەڭ ئازابلىق مىنۇتلار، ئايرىلىش ئالدىدىكى ئاشۇ ۋاقىتتۇر. بەزى ئاتا-ئانىلار بالىنى خاتىرجەم قىلىش مەقسىتىدە، ئويلىماستىنلا " كەچتە سىنى ئالغىلى بىرىنچى بولۇپ كىلىمەن " دەپ ۋەدە بىرىپ قويىدۇ، ئەمما بالىلار دەرستىن چۈشكەندە ئۆزى بىرىنچى بولۇپ كىلەلمەيدۇ؛ بۇ ئەھۋالدا بالا ئالدىنىپ قالغاندەك تۇيغۇغا كىلىپ قېلىپ، ئاستا-ئاستا ئاتا-ئانىسىغا ئىشەنمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ؛ بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىغا بولغان ئىشەنچىسىنى يوقىتىپ قويىشى، كۆپىنچە ھاللاردا ئايرىلىش ئېلىپ كەلگەن تەشۋىشلىنىشتىنمۇ ئېغىر بولغان بىر ئىشتۇر.

4.jpg

3.  بالىلار چۈشەنمەيدىغان ئۇقۇم ۋە ئۇچۇرلارنى سۆزلەشتىن ساقلىنىڭ

   ئايرىلىش ئالدىدا، بەزىبىر ئاتا-ئانىلار ھەمىشە چوڭلار ئىشلىتىدىغان گەپ-سۆزلەرنى ئىشلىتىپ بالا بىلەن پىكىرلىشىدۇ. مەسىلەن: " ئىشتىن چۈشكەندىن كىيىن سىنى ئالغىلى كىلىمەن"؛ ئەمما ئىشتىن چۈشۈش دىگەن بۇ ئاتالغۇ، بالىلارغا نىسبەتەن ناھايىتى خىرە بىر مەزمۇن بولۇپ، ئۇلار چۈشىنەلمەيدۇ؛ بۇنىڭغا ئوخشاش گەپلەردىن يەنە " چۈشتىن كىيىن سائەت تۆتتە سىنى ئالغىلى كىلىمەن" دىگەندەكلەرمۇ بار، لىكىن بىلىشىمىز كىرەككى بۇ ياشتىكى بالىلاردا تېخى ۋاقىت قارىشى بولمايدۇ.

   ئەسلىدە بىزنىڭ بۇ خىلدىكى گەپلەرنى قىلىشىمىز، بالىنىڭ تەشۋىشلىنىشىنى ئازايتىش ئۈچۈن؛ ئەمما بۇ خىل گەپلەر بالىغا نىسبەتەن چۈشىنىكسىز، خىرە بولغانلىقتىن، بالىلارنىڭ " دادام-ئانام قەيەرگە بارىدىغاندۇ، قاچان قايتىپ كىلەر" دىگەن مەسىلىگە قارىتا تېخىمۇ قايمۇقۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا ئەقىللىق ئاتا-ئانىلار ئادەتتە، مۇنداق دەيدۇ: " سىز چۈشلۈك ئۇيقۇڭىزنى ئۇخلاپ بولغاندىن كىيىن، باشقا كىچىك دوستلار بىلەن بىردەم ئويناپ، ئازراق مىۋە-چىۋە ۋە تاتلىق تۈرۈم يەپ تۇرسىڭىز، مەن سىزنى ئالغىلى كىلىمەن".

5.jpg

4.  بالىغا توختىماستىن سەلبى جەھەتتىكى يۇشۇرۇن كۆرسەتمە بىرىش

   يەنە بىر خىل دىيىشىكە تىگىشلىك بولمىغان گەپلەر بار، بۇ تۈردىكى گەپلەرنى چوڭلار مەقسەتلىك دىمەيدۇ، كۆپىنچە ئۇلارنىڭ يۇشۇرۇن ئېڭىدىن كىلىدۇ.

   مەسىلەن، مىنىڭ بىر دوستۇم قىزى يەسلىگە بارغان بىرىنچى كۈنى، يولدا ئۇنىڭغا توختىماستىن " يەسلىدە ئەگەر سىنى بىرەسى بوزەك قىلسا، قايتىپ كەلگەندىن كىيىن چوقۇم داداڭ-ئاناڭغا ئېيتقىن" دەپ تەربىيە ئىشلەپ مېڭىپتۇ. نەتىجىدە مۇشۇ بىر ئېغىز گەپ، ئۇ دوستۇمنى خېلى بىر ۋاقىتلار ئاۋارە قىلدى. يەسلىگە كىرىپ ئۈچ كۈندىن كىيىن، دوستۇمنىڭ قىز ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ھەمىشە " مۇئەللىم بىلەن بالىلار مىنى ئۇردى..." دىگەن . بۇ قانداق بولغىنى ئەمدى؟ دوستۇم بىرىنچى ۋاقىتتا يەسلىگە بېرىپ، يەسلىنىڭ نازارەت قىلىش ۋىدىئولىرىنى كۆرگەن؛ لىكىن يېرىم كۈن ئىزلەپمۇ قىزى دىگەن ئەھۋللارنى بايقىمىغان. بۇ يەنە قانداق ئىشتۇر، بالا قانداقسىگە يالغان سۆزلەشنى ئۆگىنىۋالغاندۇ؟ بۇ توغۇرلۇق دوستۇمنىڭ ناھايىتى بەك ئىچى پۇشتى.

   ئەمما مىنىڭ ئويلۇشۇمچە، دوستۇم ئەينى ۋاقىتتا بالىغا " ئەگەر يەسلىدە قىزىقارلىق ياكى خوشال بولمايدىغان ئىشلارغا يولۇققىنىڭىزدا، ئۆيگە كەلگەندە بىزگە سۆزلەپ بىرىڭ" دەپ ئېيتقان بولسا، نەتىجە بەلكىم ھازىرقىغا ئوخشاش بولمىغان بولاتتى.

   ئاخىرىدا قىستۇرۇپ ئۆتىدىغىنىمىز، بالىڭىز بىلەن خوشلاشقاندا، كەسكىن ھەم خۇشخۇي كەلگەن ئاھاڭدا خوشلىشىڭىز كىرەك. مۇشۇنداق بولغاندىلا، بالىڭىزغا ئۆزىنىڭ يەسلىگە كىلىش ئىشىدا سىزنىڭ ئىشەنچكە تولغانلىقىڭىزنى ھىس قىلدۇرالايسىز. بۇ ۋاقىتتا ئەڭ دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بولغىنى، بىئارام بولغىنىڭىزنى چىرايىڭىزدا ئىپادىلەپ، بىر ئىشلارنى قايتا-قايتا جىكىلەپ كىتىشتن ساقلىنىشتۇر. بىلىشىڭىز كىرەككى ئادەتتە بالىلار ئۆزىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغۇچى( كۆپىنچە ئانىسى)نىڭ كەيپىياتىغا قارىتا ئەڭ سەزگۈر كىلىدۇ، سىزنىڭ تەشۋىشلىنىشىڭىز ۋە ئەنسىرىشىڭىز، ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

 

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号