بەي بەي پو ۋاكسىنىسى---كۆك يۆتەل، بوغما كىسىلى، قاتما كىسىلى ۋاكسىنىلىرىنى مۇۋاپىق نىسبەتتە ئارلاشتۇرۇپ تەييارلانغان ۋاكسىنا بولۇپ، ئاساسلىقى بالىلاردا بولىدىغان كۆك يۆتەل، بوغما كىسىلى ۋە قاتما كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئەملىنىدۇ. دۆلەتلىك ئىممونىتلاش پىلانىدا، بالىلار ئۈچ ئايلىق، تۆت ئايلىق، بەش ئايلىق بولغاندا ئايرىم-ئايرىم ھالدا بىرىنچى، ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى قېتىملىق بەي بەي پو ۋاكسىنىسى ئەملەش، 18 ئايلىق ياكى 24ئايلىق بولغاندا تۆتىنچى قېتىملىق بەي بەي پو ۋاكسىنىسى ئەملەش كىرەكلىكى بەلگىلەنگەن.

بۇ قېتىملىق ۋاكسىنا ھادىسىسىدىن كىيىن، بەلكىم بەي بەي پو ۋاكسىنىسى ھەققىدە ئاز-تول چۈشەنچە ھاسىل قىلدىڭىز؛ ئەگەر سىز بۇرۇن بالىڭىزغا بەي بەي پو ۋاكسىنىسىنى تۇلۇق ئەملەتمىگەن بولسىڭىز قانداق قىلىش كىرەك؟ تۆۋەندىكىلەرنى كۆرۈپ بېقىڭ!
تۇلۇقلاپ ئەملەش ئوبىكىتلىرى
دۆلەت ئىممونىتلاش پىلانىدا تەۋسىيە قىلىنغان ياش ئۆلچىمى بويىچە، بەلگىلەنگەن قېتىم سانىغا تۇلۇق يەتكۈزۈپ بەي بەي پو ۋاكسىنىسى ئەملەنمىگەن 14 ياشتىن تۆۋەن بالىلار.

تۇتۇقلاپ ئەملەشتە قايسى پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىش كىرەك؟
1. ئۈچ ئايلىقتىن بەش ياشقىچە بولغان ئارلىقتا DTaP ( بەش خىل بىرلەشمە ۋاكسىنا ) ، بەلگىلەنگەن قېتىم سانى بويىچە ئەملەنمىگەن بالىلار، كەم قالغان قېتىم سانىنى تۇلۇقلاپ ئەملىتىشى كىرەك؛ ئالدىنقى ئۈچ قېتىملىق ئەملەشنىڭ ئارلىقى 28 كۈندىن ئاز بولماسلىقى، ئۈچىنچى قېتىملىق بىلەن تۆتىنچى قېتىملىق ئەملەشنىىڭ ئارلىقى 6 ئايدىن ئاز بولماسلىقى كىرەك.
2. 6 ياشتىن ئاشقاندىن كىيىن، DTaP ئەملىگەن ھەم بەي بەي پو ۋاكسىنىسى ئەملىگەن قېتىم سانى 3 قېتىمغا يەتمىگەن بالىلار بەي بەي پو ۋاكسىنىسى ئەملەش قېتىم سانىنى 3 قېتىمغا يەتكۈزۈش كىرەك؛ بۇنىڭدا، ئىككىنچى قېتىملىق ئەملەش بىلەن بىرىنچى قېتىملىق ئەملەشنىڭ ئارلىقى 2-1ئاي ئارلىقىدا بولسا بولىدۇ، ئۈچىنچى قېتىملىق ئەملەش بىلەن ئىككىنچى قېتىملىق ئەملەشنىڭ ئارلىقى 12-6 ئاي ئارلىقىدا بولسا بولىدۇ.
3. ئەملەش ئوبىكتىنىڭ يېشىغا قاراپ، ئەملەيدىغان ۋاكسىنىنىڭ تۈرىنى تاللاش لازىم؛ ئۈچ ئايلىقتىن 5 ياشقىچە بولغان بالىلارغا DTaP ئەملەش، 11-6 ياشتىكى بالىلارغا ئادسورپسىيىلەنگەن بوغما كىسىلى ۋە قاتما كىسىلى بىرلەشمە ۋاكسىنىسىنى ( بالىلار ئىشلىتىدىغان ) ئەملەش، 12 ياشتىن ئاشقان بالىلارغا ئادسورپسىيىلەنگەن بوغما كىسىلى ۋە قاتما كىسىلى بىرلەشمە ۋاكسىنىسىنى ( چوڭلار ياكى ياشلار ئىشلىتىدىغان ) ئەملەش لازىم.

مەنئى قىلىنىدىغان ئەھۋاللار
1. بەدىنى بەزىبىر رىئاكسىيە خارەكتىرلىك بىنورماللىق ياكى مەلۇم بىر پاتولوگىيىلىك ۋە ياكى فىزىلوگىيىلىك ھالەتتە تورغاندا ، ۋاكسىنا ئەملەش بەدەنگە بەزىبىر زىيانلىق تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن، ھەتتا ئېغىر بولغان غەيرى ئىنكاس پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
2. ۋاكسىنا ئەملەنگۈچىنىڭ بەدەن ھالىتى تەرپىدىن بەلگىلىنىشى، ۋاكسىنىنى ئاساس قىلىۋالماسلىقى كىرەك.
مەنئى قىلىنغان ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە، ۋاكسىنا ئەملەشكە بولمايدۇ.

ھەر بىر بالىلار ئۈچۈن ۋاكسىنا ئەملەشنىڭ ئالدىدا، مەنئى قىلىنىدىغان ئەھۋاللار ۋە ئېھتىيات بىلەن ئىشلىتىشكە تىگىشلىك بولغان ئەھۋاللار دوختۇرخانىدا تەكشۈرۈپ ئايرىلغاندىن كىيىن، ۋاكسىنا ئەملەش ياكى ئەملىمەسلىكنى قارار قىلىش كىرەك.

دىققەت قىلىڭ: تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ماشىنا ھەيدىگەندە ياكى ماشىنىدا ئولتۇرغاندا، بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقىۋالساق، تاساددىبىي ھادىسە يۈز بەرگەندە %40دىن ئ

چۆپ، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى كۆپ ئۇچرايدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ بىرى؛ شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ھەممە ئادەم چۆپ يەپ باققان. لېكىن، ئۈستىگە خەت بېسىلغان چۆپنى سىز چوقۇ

بۇ 40يىل جەريانىدا ئۇ 700جۈپكە يېقىن ئەر-خوتۇنلارغا قارىتا ئىز قوغلاپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، ئاجرىشىپ كىتىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ئەر-خوتۇنلاردا تۆۋەندىكى

تۆۋەندىكى ئۈچ خىل مۆچەلدىكى ئاياللارنىڭ غۇرورى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، ئۇلار يېراقنى كۆرەلەيدۇ، شۇڭا ئەزەلدىن ئەركىشىنىڭ پۇلىنى خەجلىمەيدۇ.

ئائىلىگە يىڭى بىر ھاياتلىق كۆز ئېچىشى، ئاتا-ئانسىنى خۇشال قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا ئۈمىد بېغىشلايدۇ. نۇرغۇن ئانىلار گەرچە بۇ پەيتتە چارچاپ ھالىدىن كەتسىمۇ، ئەمما پەقەت ب

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ، بوۋاقلارغا قوشۇمچە يىمەك

يات جىنىسلىقلار مۇناسىۋىتىدە، تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل ئىپادىسى بار ئاياللارنى قايتا ئىزدىمەڭ؛ چۈنكى، بۇخىلدىكى ئاياللار سىزنىڭ كۆڭۈل بىرىشىڭىزگە ئەرزىمەيدۇ.

يېقىندا، ئاركۇپ ناملىق بىر شىركەت، سۇ ئۈستىدە لەيلەيدىغان بىر يۈرۈش ئۆي لايىھەلەپ چىققان ھەمدە كىلەركى ئايدا فىلورىدا شىتاتىدا ئۆتكۈزىلىدىغان كىمە كۆرگەزمىسىدە

يېقىندا، باربىي قونچىقىنىڭ تەۋرەنمەس مەستانىسى بولغان بۇلغارىيەلىك بىر قىز، ئۆزىنىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ قېلىن كالپۇكقا ئىگە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگە

ئەركىشى بىر ئايال كىشىنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ۋاقىتتا، كۆپىنچە ئايال كىشىنىڭ سىرتقى قىياپىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ؛ چۈنكى، بىر ئادەمنى چۈشەنمىگەن ۋاقىتتا، ئۇن




تۈرى : جان قوزام


بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站
ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号
Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号