ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
ئەرلەرنىڭ 2018-يىللىق ئەڭ يىڭى باھا جەدۋىلى، ئىرىڭىزنىڭ باھاسىنى ھىسابلاپ بېقىڭ!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-07-25 كۆرۈلىشى : قېتىم

    بىز ئادەتتە ھەمىشە ئۆيۈم پالانچە پۇلغا يارايدۇ، يانفونۇم پالانى پۇللۇق، كىيىمىم ۋە گىرىم بويۇملىرىم مانچە پۇلغا يارايدۇ دەيمىز؛ ئۇنداقتا سىزنىڭ ئىرىڭىز نەچچە پۇلغا يارايدۇ؟ بۇ يىل توردا سىرلىق بىر فورمۇلا تارالغان بولۇپ، بۇ فورمۇلادىن پايدىلىنىپ ناھايىتى تىزلا ئىرىڭىزنىڭ نەچچە پۇلغا يارايدىغىنىنى ھىسابلاپ چىقالايسىز. دىققەت! كۆڭۈل قويۇپ ھىسابلاڭ، خاتالىشىپ قالماڭ!

 1.gif

 

ئاساسى باھا: 1000يۈەن

 

 قاتتىق دىتال 

 

بوي ئىگىزلىكى

بوي ئىگىزلىكى 175سانتىمىتىردىن ئاشسا، ئاشقان ھەر 2 سانتىمىتىر ئۈچۈن 100يۈەن قوشۇڭ

بوي ئىگىزلىكى 175سانتىمىتىردىن پاكار بولسا، پاكار بولغان ھەر 2 سانتىمىتىر ئۈچۈن 100 يۈەن ئېلىۋىتىڭ

بەدەن ئېغىرلىقى

بەدەن ئېغىرلىقى 70 كىلوگىرامدىن ئاشسا، ئاشقان ھەر 5 كىلوگىرام ئۈچۈن 100يۈەن ئېلىۋىتىڭ

بەدەن ئېغىرلىقى 60 كىلوگىرامغا يەتمىسە، كەملىگەن ھەر 5 كىلوگىرام ئۈچۈن 100يۈەن ئېلىۋىتىڭ

چىرايى قاملاشقانلىقى

ئادەتتە " چىرايلىق چىرايلىق ئەمەس، كۆيگەن چىرايلىق " دىگەن گەپ بار؛

شۇڭلاشقا بۇ تۈرنى ئۆزىڭىز قاراپ بىكىتىڭ، ئەمما قوشقان سوممىڭىز 100 يۈەندىن ئېشىپ كەتمىسۇن.

 

 يۇمشاق دىتال 

 

رەسىم سىزىشنى بىلسە، 100يۈەن قوشۇڭ

ئۇسسۇل ئويناشنى بىلسە، 100 يۈەن قوشۇڭ

ناخشا ئېيتىشنى بىلسە، 100 يۈەن قوشۇڭ

تاماق ئىتىشنى بىلسە، 300 يۈەن قوشۇڭ

باشقا ماھارەتلىرى بولسا، تۈرلەر بويىچە قوشۇپ بەرسىڭىز بولىدۇ،

ئەمما يەككە تۈرگە قوشۇلغان سومما 300 يۈەندىن ئېشىپ كەتمىسۇن

 

 ئادەتلىرى 

 

سىزنى چىرايلىق ئەمەس، سېمىز دىسە 200 يۈەن ئېلىۋىتىڭ

كىچە-كۈندۈز يانفوندا ئويۇن ئوينىسا، 200 يۈەن ئېلىۋىتىڭ

تاماكا چىكىپ ھاراق ئىچسە، 200 يۈەن ئېلىۋىتىڭ

ھەر كۈنى ئۆيدىلا ئولتۇرۋىلىپ، سىرتقا چىقىپ ھەرىكەت قىلمىسا 100 يۈەن ئېلىۋىتىڭ

ھەر كۈنى چېنىقىشنى داۋاملاشتۇرسا، ھەر بىر تۈر ئۈچۈن 100 يۈەن قوشۇڭ

 

بالىلارغا ئوينىشىپ بىرىشنى ياخشى كۆرسە، 100 يۈەن قوشۇڭ

ئەتكەن تامىقىڭىزنى ماختىسا، 200 يۈەن قوشۇڭ

يۇمۇرىستىك قىزىقچى كەلسە، 100 يۈەن قوشۇڭ

ئايىقىڭىزنىڭ بوغقۇچىنى چىگىپ قويغان بولسا، 200 يۈەن قوشۇڭ

 

سىزگە ھەمراھ بولۇپ، تىلىۋىزىيە تىياتىرى كۆرۈشۈپ بەرسە، 100 يۈەن قوشۇڭ

سىزگە بەلگىلىك خۇسۇسى بوشلۇق بەرسە، 100 يۈەن قوشۇڭ

ياسىنىپ رەتلىك يۈرسە، 100 يۈەن قوشۇڭ

ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشنى بىلمىسە، 200 يۈەن ئېلىۋىتىڭ

2.gif

 

 پوزۇتسىيىسى 

 

ھەمىشە سىز بىلەن سوقۇشسا، 200 يۈەن ئېلىۋىتىڭ

تەگىشىپ قالغاندا، كىمنىڭ خاتالىقى بولۇشىدىن قەتئىنەزەر،

ئۇ ئاۋال سىزنى ئىزدىسە، 300 يۈەن قوشۇڭ

ھەركۈنى سىزنى پەپىلەپ ئۇخلاتسا، 100 يۈەن قوشۇڭ

ھاراق ئىچمىسە، 100 يۈەن قوشۇڭ

ھارق ئىچكەندە يېرىم بوتولكىدىن ئېشىپ كەتسە، ھەر قېتىملىقى ئۈچۈن 100 يۈەن ئېلىۋىتىڭ

 

خۇسۇسى پۇل يېغمىسا، 100 يۈەن قوشۇڭ

سىز ئۈچۈن يىغلىسا، 100 يۈەن قوشۇڭ

ھەمىشە سىزنى يىغلاتسا، 100 يۈەن ئېلىۋىتىڭ

ياخشى ئىشلاردا سىزنى ئاۋال ئويلاشسا، 200 يۈەن قوشۇڭ

ھېسياتنى ئورغۇتىدىغان ئىشلارنى قىلىشنى بىلسە، 100 يۈەن قوشۇڭ

 

ئېغىر بېسىق بولسا، 100 يۈەن قوشۇڭ

سىز بىلەن بىرگە بولغاندا كۈلۈشنى ياقتۇرمىسا، 100 يۈەن ئېلىۋىتىڭ

سىزگە ئۆز قولى بىلەن ياسىغان نەرسىلەرنى سوۋغا قىلسا، 100 يۈەن قوشۇڭ

ھەمىشە ئالدىراش بولۇپ، سىزگە ھەمرا بولىدىغان ۋاقىت چىقارمىسا 200 يۈەن ئېلىۋىتىڭ

ھەرقانچە ئالدىراش بولسىمۇ ۋاقىت چىقىرىپ سىز بىلەن بىللە تاماق يىسە، 200 يۈەن قوشۇڭ

3.gif

 

خانىملار دىققەت!

 ھىسابلاپ بولغان بولسىڭىز، تۆۋەندىكى باھا جەدۋىلىگە سېلىشتۇرۇپ بېقىڭ!

 

باھا جەدۋىلى

 

قىممىتى 1500 يۈەندىن تۆۋەن بولسا، ئىرىڭىزگە قايتا تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىڭ

قىممىتى 2500-1500 يۈەن دائىرسىدە بولسا نورمال سەۋيىدە بولغان بولىدۇ

قىممىتى 3500-2500 يۈەن دائىرسىدە بولسا، ئىرىڭىز ياخشى ئەرلەردىن بولۇپ ھىسابلىنىدۇ

 

ئەگەر قىممىتى 3500 يۈەندىن ئاشقان بولسا، ئىرىڭىز ناھايىتى ياخشى ھەم ئىسىل ئەر ھىسابلىنىدۇ،

ئەڭ ياخشىسى ئۇنىڭ پۇتلىرىنى قوچاقلىۋىلىڭ، باشقىلار ئەپقاچمىسۇن!!!

 

ئەر يولداشلار ئۆزۈڭلار ھىسابلاپ باقساڭلارمۇ بولىدۇ، ئاساسى باھا 1000يۈەن، ھە! 1000 يۈەن

 

 

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号