ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » ئانا-بالىلار
كالتسىي تابىلىتكىسىدىن ئون ھەسسە ياخشى بولغان ھەم سۇ تۇلۇقلايدىغان يىمەكلىكنى بىلەمسىز؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-07-19 كۆرۈلىشى : قېتىم

    بىر يىلدىكى ئەڭ ئىسسىق بولغان ھازىرقىدەك تۇمۇز كۈنلىرىدە، بالىڭىزغا يەنە شۇ قۇرۇق كەلگەن پىچىنە-تورتلارنى بىرىۋاتامسىز؟ سىرتتا سېتىۋالغان پېچىنە-پىرەنىكلەرنىڭ قەنت مىقدارى يۇقىرى بولۇپلا قالماي، يىگەندىن كىيىن ئېغىزنى قۇرۇتۇپ، بالىلارنى ئۇسسۇتۇۋىتىدۇ. ئۇنداقتا سىز بالىڭىزغا سۇ تۇلۇقلايدىغان دۈملەنگەن پىرەنىك تەييارلاپ بىرىڭ.

1.jpg

    ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، تەكىيە كاۋىسى يازدا ئىستىمال قىلىشقا ئەڭ مۇۋاپىق كىلىدىغان كۆكتات؛ ھەممىمىز تەكىيە كاۋىسىدا قورۇما تەييارلاپ باققان، ئەمما سىز تەكىيە كاۋىسىدىن تەييارلانغان پىرەنىك تەييارلاپ باققان بولىشىڭىز ناتايىن. بۈگۈن بىز تۇنۇشتۇرماقچى بولغان بۇ خىلدىكى پىرەنىكتە تەكىيە كاۋىسىنىڭ سۇلۇقلىقى بولۇپلا قالماي، يەنە سۆسۈن ياڭيۈنىڭ تاتلىقلىقى ۋە ئىرىمچىكنىڭ تەمى بار؛ تەييار بولغاندىن كىيىن ناھايىتى يۇمشاق، يىيىشلىك كىلىدۇ.

2.jpg

   بۇ پىرەنىكنى بالىڭىزغا قوشۇمچە يىمەكلىك ئورنىدا ياكى ئەتىگەنلىك ناشتا ئورنىدا يىگۈزسىڭىز بولىدۇ؛ ئەلۋەتتە، ئادەتتىكى قوشۇمچە يىمەكلىككە سېلشىتۇرغاندا، بۇ پىرەنىكنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى ھەرگىز ئۇتتۇرۇپ قويمايدۇ؛ تەكىيە كاۋىسىنىڭ تەركىبىدىكى ۋىتامىن س نىڭ مىقدارى پەمىدۇردىن قېلىشمايدۇ ھەم  ئۇنىڭ بىلەن سۆسۈن ياڭيۈنىڭ تەركىبىدە مول بول يىمەكلىك تالالىرى بار بولۇپ، سۇ تەركىبى يۇقىرى بولۇپلا قالماي، يەنە قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

3.jpg

    بۇ خىل دۈملىمە پىرەنىكنى تەييارلاش ئۇسۇلى ئاددى، تۆۋەندە بىز بىرلىكتە تەييارلاش ئۇسۇلىنى كۆرۈپ باقايلى:

كىتەرلىك ماتىريال:

     تەكىيە كاۋىسى، سۆسۈن ياڭيۈ، تۇخۇم، ئىرىمچىك

قوشۇمچە ماتىريال:

     مۇۋاپىق مىقداردىكى كۆممىقوناق كىراخمالى ۋە يىمەكلىك ماي

    1.     كىتەرلىك ماتىرياللار تەييار قىلىنىدۇ.

4.jpg

    2.     تەكىيە كاۋىسى ۋە سۆسۈن ياڭيۈنىڭ پوستىنى سويىۋىتىپ، پارچە قىلىپ توغرىۋالىمىز.

5.jpg

    3.     تەكىيە كاۋىسىنى قاينىغان سۇدا پىشۇرۇپ يۇمشاتقاندىن كىيىن سۈزۈۋالىمىز.

6.jpg

    4.     پىشىرۇلغان تەكىيە كاۋىسى ۋە سۆسۈنە ياڭيۈ پارچىسىنى ئىزىش قاچىسىغا سېلىپ ئىزىپ لايدەك ھالەتكە ئەكىلىمىز.

7.jpg

    5.     تۇخۇمنى چېقىپ ئىرىمچىك ۋە مۇۋاپىق مىقداردىكى كۆممىقوناق كىراخمالى بىلەن بىللە قاچىدىكى تەكىيە كاۋىسى ۋە سۆسۈنە ياڭيۈگە قوشۇپ، قوچۇپ تەكشى ئارلاشتۇرىمىز.

8.jpg

    6.     باشقا قۇرۇق قاچىدىن بىرنى تەييارلاپ، ئۇنىڭ ئىچكى دىۋارىغان يىمەكلىك ماي سۈرتۈپ مايلايمىز؛ تىگىگە يەنە بىر قەۋەت سىلىكونلۇق ماي قەغەز سالىمىز.

9.jpg

    7.     قاچىدا ئارلاشتۇرۇپ تەييار قىلغان ماتىريالنى يىڭى قاچىغا قۇيىمىز.

10.jpg

    8.     قاسقانغا سېلىپ دۈملەپ پىشۇرىمىز. دۈملىگەن ۋاقىتتا قاچىنىڭ ئېغىزىغا يىڭى ساقلاش پىلاستىر قەغىزى ياكى باشقا بىر قاچا يېپىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.

11.jpg

12.jpg

    پىشقاندىن كىيىن قاچىدىن ئىلىپ، بالىڭىزنىڭ يىيىشىگە ئاسان بولۇشى ئۈچۈن، پارچە-پارچە كىسىۋالسىڭىز، يىيىشلىك كەلگەن دۈملىمە پىرەنىك تەييار بولغان بولىدۇ.

13.jpg

14.jpg

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号