تۇنۇش ئىقتىدارى – ئادەم مىڭىسىنىڭ ئۇچۇر قۇبۇل قىلىش،ساقلاش،بىتەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدۇ. بوۋاقلارنىڭ تۇنۇش ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكى بوۋاقنىڭ سۆزلەش، ئەقلى ئىقتىدارى قاتارلىق جەھەتلەردىكى يىتىلىشىگە مۇناسىۋەتلىك بۇلۇپ، ئۇلارنىڭ تۇنۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم. بىر ياشقا كىرىشتىن بۇرۇنقى ۋاقىت بوۋاقلارنىڭ تۇنۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى ھالقىلىق مەزگىل، ئۇنداقتا بوۋاقلارنىڭ تۇنۇش ئىقتىدارىنى قانداق قىلىپ يۇقىرى كۆتۈرىمىز؟ ئۇلارنى قانداق مەشىقلەندۈرۈش كىرەك؟ بۇ مەسىلىدە، ئالدى بىلەن ئاتا-ئانىلار بوۋاقلارنىڭ تۇنۇش ئىقتىدارىنى كۆتۈرۈشتە بىرقەدەم بىر قەدەمدىن تەرتىپ بويىچە ئىلىپ بېرىش كىرەكلىكى، ئالدىراقسانلىق قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلىشى كىرەك؛ بۇندىن باشقا بوۋاقلارنىڭ تۇنۇش ئىقتىدارىنى مەقسەتلىك ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان ئويۇن ئويناش، ئوينىشىش ۋە ئوقۇش جەريانىدا يۇقىرى كۆتۈرۈش كىرەك.

كۆرۈش سىزىمىنى چېنىقتۇرۇش
1. تىكىلىپ كۆزىتىشنى چېنىقتۇرۇش: ئالقان چوڭلۇقىدىكى سىممىتىرىكلىق خارەكتىردىكى سۈرەتلەر توپلىمىنى تاللايمىز؛ مەزمۇن جەھەتتە شاھمات تاختىسى رەسىمى،رەسىملىك گىزىت،ئاتا-ئانىنىڭ رەسىمى قاتارلىقلار بولسىمۇ ياكى " بوۋا، موما، دادا، ئاپا" دىگەن خەنزۇچە خەتلەر بولسىمۇ بۇلىدۇ؛ تاللىغان سۈرەتلىك توپلامنى بوۋاقنىڭ كۆزىدىن 20 سانتىمىتىر يېراقلىقتىكى ئارلىقتا قويۇپ، بالىنى ئۇنىڭغا دىققەت بىلەن قاراشقا قويساق بۇلىدۇ.
2. ئەگىشىپ كۆزىتىشنى چېنىقتۇرۇش: دىئامىتىرى 10 سانتىمىتىر ئەتراپىدا بولغان، سىرتقى يۈزىگە ئادەم ياكى ھايۋاناتنىڭ كۈلگەن چىراي سۈرىتى بېسىلغان رەڭلىك شار تاللاپ، بوۋاقنىڭ ئالدىدا 20 سانتىمىتىر ئارلىقتا تۇتۇپ تۇرىمىز؛ بوۋاقنىڭ دىققىتى قوزغىلىپ شارغا تىكىلىپ قاراشقا باشلىغاندىن كىيىن، سولدىن ئوڭغا ، يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ ئايلانما شەكىلدە يۆتكەيمىز؛ بۇنىڭدا يۆتكەش سۈرئىتى تىز بۇلۇپ قالماسلىقى، بوۋاقنىڭ كۆزىنى يۆتكەش سۈرئىتى يىتىشەلەيدىغان ھالەتت بۇلۇشى لازىم.

ئاڭلاش سىزىمىنى چېنىقتۇرۇش
1. گەپ-سۆزلەردە غىدىقلاش: تۇغۇلغاندىن كىيىن، بوۋاقنىڭ يېنىدا 10 سانتىمىتىر ئارلىقتا پەس ئاۋازدا ئۇنىڭ ئىسمىنى چاقىرىپ بىرىشىمىز ھەم بوۋاقنىڭ ئاۋازنى ئاڭلىغاندىن كىيىن بېشىنى چۈرۈپ قارىشىنى سەۋرچانلىق بىلەن ساقلىشىمىز لازىم؛ ھەر كۈنى بوۋاقلارغا ئۇدارى قىسقا لەرزان كەلگەن بالىلار ناخشىسىنى پەس ئاۋازدا ئوقۇپ بەرسەك بۇلىدۇ؛ بوۋاقنى ئەمگۈزگەن، يۇيۇندۇرغان، زاكىسىنى ئالماشتۇرۇغان ۋە ياكى كۆتۈرگەن ۋاقىتلىرىمىزدا مۇلايىم يېقىملىق ئاۋازدا، نىمە ئىش قىلىۋاتقىنىمىزنى بوۋاقلارغا توختىماي ،قايتا-قايتا سۆزلەپ بىرىشىمىزكىرەك.
2. مۇزىكا بىلەن غىدىقلاش: بوۋاقلار قورساقتىكى ۋاقتىدا ئاڭلاتقان مۇزىكىلارنى ئۇنىڭغا قايتا ئاڭلىتىش كىرەك؛ ئاۋازنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكى چوڭ ئادەملەر ئۆي ئىچىدە سۆزلەشكەن ئاۋازدىن ئازراق يۇقىرى بولسا بۇلىدۇ؛ بوۋاقنىڭ ئورنىدىن تۇرۇش، ئىمىتىش، ئويناش، ئۇخلاشتىن بۇرۇن دىگەندەك كۈندىلىك تۇرمۇش تەرتىپىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئوخشاش بولغان مۇزىكىلارنى قويۇپ بەرسەك، بوۋاقلارنىڭ ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنى مەشىقلەندۈرۈپلا قالماي يەنە بوۋاقلارنىڭ ياخشى تۇرمۇش ئادىتى يىتىلدۈرىشىگە پايدىسى بۇلىدۇ.
3. ئاۋازغا ئاساسەن ئاۋاز مەنبەسىنى ئىزدەشنى چېنىقتۇرۇش: سىقسا ئاۋاز چىقىرىدىغان ئويۇنچۇق، ئىستاكان ۋە قۇشۇقنىڭ ئۆز-ئارا ئۇرۇلغان ئاۋازى قاتارلىق ھەر تۈرلۈك ئاۋاز چىقىرىش گەۋدىلىرىدىن پايدىلىنىپ، بوۋاقلارنىڭ ئاڭلاش سىزىمى ئارقىلىق پەرق ئىتىش ئىقتىدارى ۋە ئاڭلاش سىزىمىغا تايىنىپ يۈنىلىشنى بەلگىلەش ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرۇشقا بۇلىدۇ. دىققەت قىلىشقا تىگىشلىگى شۇكى، ئاۋال بوۋاقنىڭ بىر قولىقىنىڭ قېشىدا ئاۋاز پەيدا قىلىپ،بوۋاق ئاۋاز مەنبەسىنى پەرقلەندۈرۈشنى بىلگەندىن كىيىن يەنە بىر تەرەپتىكى قولىقىغا ئالماشتۇرۇپ چېنىقتۇرىشىمىز كىرەك.

تىگىشىش سىزىمى ۋە تۇتۇشنى چېنىقتۇرۇش
2 ئايلىق ئىچىدىكى بوۋاقلارنى ماتىريال تىگى ئوخشاش بولمىغان، چوڭ كىچىكلىكى بوۋاقلارنىڭ قولىغان ماس كىلىدىغان، بۇلۇت پارچىسى، كىچىك رەخت قونچاق، تازىلىق قەغىزى قاتارلىقلارنى قولىغا تۇتقۇزۇش ئارقىلىق چېنىقتۇرسىڭىز، بوۋاقلارنىڭ تىگىشىش سىزىمى تەجىربىسىگە ئىگە قىلغىلى بۇلىدۇ؛ بوۋاق 2 ئايلىقتىن ئاشقاندىن كىيىن، ئۇنىڭ ئالىدىغا بەزى يېرىم مۇقىملاشتۇرۇلغان ئويۇنچۇقلارنى ئېسىپ قويۇپ، ئۇلارنى بۇ ئويۇنچۇقلارنى تۇتۇشقا ياكى ئۇرۇپ ئويناشقا قىزىقتۇرۇپ مەشىق قىلدۇرسىڭىز بۇلىدۇ.

كۈلۈشنى چېنىقتۇرۇش
ئات-ئانىلار بوۋاقلارنى كۈلدۈرۈپ ئاۋاز چىقىرىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىنىڭ يىتىلىشىنى تىزلەتسىڭىز بۇلىدۇ؛ كۈلدۈرۈش بولسا، سىز بوۋاقنى كۈلۈشكە غىدىقلىغان ( سۆز،ھەرىكەت، ۋە تىگىشىش سىزىمى ئارقىلىق غىدىقلاشنى كۆرسىتىدۇ) ۋاقتىڭىزدا، بوۋاق ئاندىن كۈلىدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن كۈلدۈرۈش بوۋاقنىڭ كۈرۈش، ئاڭلاش، تىگىشىش قاتارلىق سىزىم سېستىمىسى ۋە كۈلۈشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرىكەت سېستىمىسى ئوتتۇرسىدا قۇرۇلغان نىرىپلىق ئالاقە، شەرتلىك رىفلىكىس پەيدا بولغانلىقنىڭ ئىپادىسى ، بوۋاقنىڭ ئاتا-ئانىنىڭ كۈلكىلىك سىماسى، كۈلكىگە يىتەكلىشى، پەپىلىشى قاتارلىقلارغا قارىتا تەشەببۇسكارلىق بىلەن قايتۇرغان ئونۋىرسال ئىنكاسى بۇلۇپ، بوۋاقنىڭ ئەڭ دەسلەپكى قەدەمدىكى ئەقىل ئىقتىدارىنىڭ بىخلىنىپ چىقىشىدۇر.
ئەسكەرتىش : تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەنلەرنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ!
友情提示:未经许可抄袭转载者必究相关责任!

دىققەت قىلىڭ: تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ماشىنا ھەيدىگەندە ياكى ماشىنىدا ئولتۇرغاندا، بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقىۋالساق، تاساددىبىي ھادىسە يۈز بەرگەندە %40دىن ئ

چۆپ، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى كۆپ ئۇچرايدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ بىرى؛ شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ھەممە ئادەم چۆپ يەپ باققان. لېكىن، ئۈستىگە خەت بېسىلغان چۆپنى سىز چوقۇ

بۇ 40يىل جەريانىدا ئۇ 700جۈپكە يېقىن ئەر-خوتۇنلارغا قارىتا ئىز قوغلاپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، ئاجرىشىپ كىتىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ئەر-خوتۇنلاردا تۆۋەندىكى

تۆۋەندىكى ئۈچ خىل مۆچەلدىكى ئاياللارنىڭ غۇرورى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، ئۇلار يېراقنى كۆرەلەيدۇ، شۇڭا ئەزەلدىن ئەركىشىنىڭ پۇلىنى خەجلىمەيدۇ.

ئائىلىگە يىڭى بىر ھاياتلىق كۆز ئېچىشى، ئاتا-ئانسىنى خۇشال قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا ئۈمىد بېغىشلايدۇ. نۇرغۇن ئانىلار گەرچە بۇ پەيتتە چارچاپ ھالىدىن كەتسىمۇ، ئەمما پەقەت ب

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ، بوۋاقلارغا قوشۇمچە يىمەك

يات جىنىسلىقلار مۇناسىۋىتىدە، تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل ئىپادىسى بار ئاياللارنى قايتا ئىزدىمەڭ؛ چۈنكى، بۇخىلدىكى ئاياللار سىزنىڭ كۆڭۈل بىرىشىڭىزگە ئەرزىمەيدۇ.

يېقىندا، ئاركۇپ ناملىق بىر شىركەت، سۇ ئۈستىدە لەيلەيدىغان بىر يۈرۈش ئۆي لايىھەلەپ چىققان ھەمدە كىلەركى ئايدا فىلورىدا شىتاتىدا ئۆتكۈزىلىدىغان كىمە كۆرگەزمىسىدە

يېقىندا، باربىي قونچىقىنىڭ تەۋرەنمەس مەستانىسى بولغان بۇلغارىيەلىك بىر قىز، ئۆزىنىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ قېلىن كالپۇكقا ئىگە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگە

ئەركىشى بىر ئايال كىشىنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ۋاقىتتا، كۆپىنچە ئايال كىشىنىڭ سىرتقى قىياپىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ؛ چۈنكى، بىر ئادەمنى چۈشەنمىگەن ۋاقىتتا، ئۇن




تۈرى : جان قوزام


بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站
ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号
Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号